The Wayback Machine - https://web.archive.org/web/20160817211115/http://www.blogbus.com/alfirat-logs/222105218.html
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2012-09-13

    شېئىر:بايرامدىكى ئۆكىنىش - [يازمىلىرىم]

    بايرامدىكى ئۆكىنىش

    ئوقۇتقۇچى ئۇلۇغ ئىنسان، شەرەپلىكتۇر خىزمىتى،

    دەيدۇ ھەممە ئېغىزدىلا، قېرىساڭ يوق قىممىتى.

    ئىشلىگەندە خىزمىتىڭنى كېچە- كۈندۇز ياشلىقتا،

    ئاندا- مۇندا بولۇپ قالار ھۆكۈمەتنىڭ ھىممىتى.

    قۇرۇق شەرەپ قىلالمىسا ئىززىتىڭنى بۇدەمدە،
    دەيمەن ئەجرىم ئەتىۋارسىز، قۇمدا ئۆچكەن ئىزمىتى؟

    چۈنكى چىقساڭ پىنسىيىگە كارى يوقتۇر ھېچكىمنىڭ،

    ھەر بايرامدا بويۇن قىسىپ بارمۇ دەيسەن نىممىتى.

    ئۆتۈپ كېتەر ھەر بايرام بۈگۈن سورار ھالىم دەپ،

    دەپ قالىسەن پىنسىيەنى مانا شۇنداق ئىشمىتى؟

    كارى چاغلىق نازۇ- نىمەت،كىچىككىنە سوۋغىنىڭ،

    روھى ئوزۇق بەرگەن سالام ،بۇ شۇنچە تەس سۆزمىتى؟

    قوشنا كەسىپ دوست – يارەنلەر باردۇر بىللە مەن بىلەن،

    يوقلاپ تۇرار ھەر ۋاقىتتا باشلىقى ھەم سەپدىشى.

    تىك تۇرغانتىم بور ،توزاڭدا ئۆمۈر بويى مۇنبەردە،

    كەتتى باھار پەسلىم مىنىڭ ،ئەمدى پەسلىم كۈزمىتى؟

    رەنجىپ بولماس بىراۋلاردىن،سۆيگەن ئىدىم كەسىپنى،

    ئەمدى بولدۇم بىر تاشلاندۇق كەيگەن كىىيمىم بوزمىتى؟

    قېرىپ كەتتىم بىر كېچىدە ، كۆز دىن ساقىپ ھەسرىتىم،

    پىنسىيىنېر ئۆگەي بالا،ئالى شەرەپ شۇمىتى؟

    شەربىتى يوق ،شاپىقى بار ھازىر مىنىڭ نامىمنىڭ،

    شۇڭا كۆرمەس قارغۇ بولدۇڭ ،ئەسلى شۇنداق كۆزمىتى؟

    پەرقى شۇنچە چوڭمىدۇ سەھرا بىلەن شەھەرنىڭ،

    توۋا دەيمەن تەڭسىزلىككە،شەھەرلىكلەر ئۆزمىتى؟

    ياكى بولساق قول ئاستىدا بىرەر ئاكا"يولداشنىڭ"،

    شۇندا بولار ئەتىۋارىڭ چۈنكى ئۇلار بىزمىتى؟

    ئوقۇتقۇچى بايرىمى بار پەقەت يىلدا بىر قېتىم،

    بىزگە يوقتۇر دىلدا قالدى پەقەت ئىزى-شۇ خېتى!

    قاغجىرىغان لىۋىمىزنى چىشلەپ قالدۇق ئۆكۈنۈپ،

    شەرەپلىكىم بىر تىيىنكەن ئەمسە دەپ باق  يۈزمىتى؟

    2012-09.12

    分享到:
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.