ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2012-09-07

    ئەر كۆپتۇر! - [يازمىلىرىم]

    مۇنبەردىكى"ئەر بارمۇ؟...." دىگەن تېمىدىكى شېئىرنى كۆرۈپ بۇ شېئىرنى يېزىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.

    ئەر كۆپتۇر!

    ھەقىقى ئەر كۆيۈملۈك، قاخشىماس ھىچ قىزلاردىن،

    نۇرغۇن ئۇيغۇر قىزلىرى، ئەخلاقلىق ھەم ئۇزلاردىن.

    پەخىرلىنەر ئەجداتتىن ،ئۆچۈپ كەتكەن ئىزلاردىن،

    پاك قەلىپنى قەدىرلەپ سۆيىدىغان ئەر كۆپتۇر!

    ھەممە قىز نى بۇزۇق دەپ،تىللىمايدۇ كەينىدىن،

    ئىچىپ، چېكىپ يۈرمىگەچ رازى ھەممە پەيلىدىن.

    تەھقىق قىلىپ "سەيلىنى" ئىمان تىلەر سەجدىدىن.

    بوزەك ئەتسە ئاجىزنى توسايدىغان ئەر كۆپتۇر!

    شەربەت بېرەر تىلىدىن ،كۆيىنىدۇ دىلىدىن،

    رەزىل ئەمەس نىيىتى، كېچەر ھەتتا جېنىدىن،

    يامان يولغا كىرگەننى قايتۇرۇدۇ يولىدىن.

    ئاچا-سىڭىل، قىزلارنى قوغدايدىغان ئەر كۆپتۇر!

    ئەجىر قىلىپ، كۆيۈنۈپ خەۋەر ئالار قىزىدىن،

    ماڭغىن دەيدۇ نوزۇگۇم،رىزۋانگۈل... ئىزىدىن،

    يىمىسىمۇ تاپقاننى ئايىمايدۇ سىڭىلدىن.

    تۇل خوتۇن ھەم يېتىمنى ئويلايدىغان ئەر كۆپتۇر!

    قىلماق بولسا دەپسەندە يات تائىپلار قىزلارنى،

    كۆكرەك كېرىپ چىقىدۇ چىدىمىغاچ ۋىجدانى،

    مىللىتىمنىڭ ئانىسى قىلمىسۇن دەپ نىدانى.

    ئادالەتكە قەدەملەر قويىدىغان ئەر كۆپتۇر!

    مەنبە:يازمام

     

    分享到:
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.