-
2012-05-01
شېئىر:بولمىسا - [يازمىلىرىم]
بولمىسا
نەپسى تويسا كۆزى ئاچ ، گالدا ئىنساپ بولمىسا،
قويماس سوراپ كۆرگەننى تىلدا ئىنساپ بولمىسا.
چىن ئىبادەت بولغايمۇ يىسە كىشى ھەققىنى ،
قويماس يېتىم رىزقىنى يۈزدە ئىنساپ بولمىسا.
بايلىق كۆزلەپ ئەجىرسىز گەر بولسىمۇ ھۆكۈمران،
لەنەت ئوقار خالايىق دىلدا ئىنساپ بولمىسا.
كۇفۇرلۇقتىن تەرك ئەتسە دىيانەت ھەم ئىنساپنى،
قالۇر جەندە، كىپەندە كىمدە ئىنساپ بولمىسا.
كىم قانائەت قىلمىسا چىقار بىر كۈن بېشىغا،
ھىساپ ئالۇر ئېگىسى ئۇندا ئىنساپ بولمىسا.
ئەجەل كېلىپ بىر كۈنى قالۇر تاپقان تەگىنى،
گوردا ئۈلپەت مالائىك روھدا ئىنساپ بولمىسا.
2012.04.13