-
2011-05-13
ئۈنسىزيىغا - [يازمىلىرىم]
ئۈنسىزيىغا
ئۈنسىزيىغلار بىر جانان پىنھانلىقدا،
شۇنچىلىكمۇ كۆپمىدۇ ئەجەپ دەردى ؟
ئايرىلىشقا چىدالماي مىسكىن قەلبى،
ئېتىلاتتى نالىسىدىن نىدا ئوقى!
ئۈنسىز يىغلار بىر جانان پىنھانلىقدا،
يىغلاپ ھارغان بوۋاقتەك ئۈنسىزئۆكسۈپ.
يۈرۈگىدە قالغاچقا ئىشقى يارنىڭ،
ۋىسالىغا يىتەلمەي يىغلار ئۆكسۈپ.
ئۈنسىز يىغلار بىر جانان پىنھانلىقدا،
جەبرائىلمۇ چىدالماس نالىسىغا.
ئۈنلۈك يىغلا، بوشايدۇ ئىچىڭ شۇندا ،
كەتسۇن ئەلەم ئۇ دۇنيا نېرىسىغا.
ئۈنسىز يىغلار بىر جانان پىنھانلىقدا،
يىغلاۋىرىش ئادەتمۇ ئەنەشۇنداق؟
توختات ئەمدى زارلانماي، رۇسلا قەددىڭ،
ئۈنسىز يىغلاپ يۈرەمسەن يەنە شۇنداق؟
ئۈنسىز يىغلار بىر جانان پىنھانلىقدا،
خوشاللىقى ئىچىگە بەلكىم پاتماي.
كۈتەر سىنى ئاشىغىڭ كۆل بويىدا،
قاقاخلاپ كۈل ۋىسالدىن يىغلاپ ياتماي.
收藏到:Del.icio.us
<< يۈرۈگۈم يىغلايدۇ | باش بەت | ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرى 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش پائالىيىتىگە نەزەر >>
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.