ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2011-05-13

    ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرى 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش پائالىيىتىگە نەزەر - [ئىلى دىيارىدا]

    ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرى 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش پائالىيىتىگە نەزەر

    ئاپتور: نۇرۇللا مۇئمىن يۇلغۇن

      1757-1759-  يىللىرى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئىلگىرى- ئاخىر بولۇپ ، ئامۇرسانا ۋە چوڭ-كىچىك خوجىلار توپىلىڭىنى تىنجىتىپ شىنجاڭدا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى تۇراقلاشتۇرۇش ھەم شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قوشۇنلىرىنىڭ ئاشلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، جۇڭغار خانلىقىنىڭ كونا ئەن-ئەنىسى بويىچە جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا كەڭ كۆلەملىك بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش پائالىيىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

    چىڭ سۇلالىسى جۇڭغارلار توپىلىڭىنى بېسىقتۇرغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، ئىلى رايونىدا 3000 كىشىلىك قوشۇن تۇرغۇزغان ئىدى. 1759- يىلىنىڭ ئاخىرلىرى چىڭ ھۆكۈمىتى بۇ قوشۇننىڭ ئاشلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەمەلدارى شۇخېدىنىڭ مەكتۇپىگە ئاساسەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئىلىغا بوز يەر ئېچىشقا كۆچۈرۈشنى قارار قىلدى. قارار 1760- يىلى رەسمىي ئىجرا قىلىنىپ، تۇنجى تۈركۈمدە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ، ئۈچتۇرپان، سايرام، باي، كۇچا، شايار قاتارلىق جايلىرىدىن 300 تۈتۈنلۈك ئۇيغۇر ئاھالىسى ئىلى رايونىغا كۆچۈرۈلدى[1]. ئىككىنچى يىلى ئىلىدا تۇرۇشلۇق سانىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە كۆپىيىپ ھەربىي خىراجەتنىڭ زىيادە ئېشىپ بېرىشى بىلەن، چىڭ ھۆكۈمىتى يەنە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تۇرپان، قارا شەھەر، كورلا، كۇچا، ئاقسۇ، ئۈچتۇرپان قاتارلىق رايونلىرىدىن جەمئىي مىڭ تۈتۈن[2] ئۇيغۇر ئاھالىسىنى ئىلىغا كۆچۈرۈپ، پىلانلىق ھالدا بوز يەر ئېچىشقا ئورۇنلاشتۇردى . ئىلىغا كۆچۈرۈلىدىغان ئۇيغۇرلار دەسلەپكى مەزگىللەردە قەشقەر، يەكەن ۋە خوتەندىن باشقا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى يېزا قىشلاقلارغىچە تۇتىشاتتى. قەشقەر، يەكەن ۋە خوتەندىن ئىبارەت ئۈچ رايوندىكى ئۇيغۇرلار چىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن گۇمانلىق دەپ قارالغاچقا، ئىلى رايونىغا ۋاقتىنچە كۈچۈرۈلمىدى. چۈنكى ئەينى دەۋردە بۇ ئۈچ رايون خوجىلار جەمەتىنىڭ چىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئاساسلىق مەركەزلىرى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە خوجىلار ۋە جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار نۇرغۇن كىشىلەر بار ئىدى. شۇڭا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ ئۈچ رايون خەلقىنى ئىلىغا كۈچۈرمىدى ھەمدە جۇڭغارلار دەۋرىدە بۇ رايونلاردىن ئىلىغا كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇر ئاھالىلىرىگىمۇ ئىشەنمەي، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى يەرلىك ئەمەلدارلارغا قۇللۇققا بېرىۋەتتى، بەزىلىرىنى شەرقىي -شىمالغا يۆتكەپ بوز يەر ئېچىشقا سالدى. يەنە بەزىلىرىنى بولسا گەنسۇنىڭ سۇجۇ دېگەن يىرىگە سۈرگۈن قىلىپ، شۇ جايدىكى يەرلىك ئەمەلدارلارغا قۇللۇققا بەردى..

    1763-يىلىغا كەلگەندە چىڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىن ئېلىنىدىغان باج مەنبەسىنى

     كۆپەيتىش ۋە  كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتقان ھەربىي خىراجەتنى تولۇقلاپ ، ئىلىدىكى سەككىز تۇغلۇق قوشۇننىڭ تەمىنات مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئاگۇي، جاۋخۇي، شۇخېدى قاتارلىق ئەمەلدارلارنىڭ مەركەزگە يوللىغان مەكتۇپلىرىغا ئاساسەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاقسۇدىن 270 تۈتۈن، ئۈچتۇرپاندىن 200 تۈتۈن، قەشقەردىن 300 تۈتۈن، يەكەن ۋە خوتەندىن 400 تۈتۈن، سايرام ۋە بايدىن 130 تۈتۈن، كۇچا ۋە شاياردىن 150 تۈتۈن، قاراشەھەردىن 50 تۈتۈن ئۇيغۇر ئاھالىسىنى ئىلىغا كۆچۈرۈپ بوز يەر ئېچىشقا سالدى[3]. بۇ يەردە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 1763- يىلى ئىلى رايونىغا جەمئىي 1500 تۈتۈن ئۇيغۇر ئاھالىسى كۆچۈرۈلگەن بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئىچىدە قەشقەر، يەكەن، خوتەندىن ئىبارەت ئۈچ رايوندىنمۇ 700 تۈتۈن ئۇيغۇر ئاھالىسى كۆچۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ بۇ ئۈچ رايونغا قاراتقان سىياسىتىدە تۈپ ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . 1764- يىلى چىڭ ھۆكۈمىتى يەنە ئىلىدىكى ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، 3020 تۈتۈن ئۇيغۇر ئاھالىسىنى ئىلىغا كۆچۈردى[4]. 1765- يىلىغا كەلگەندە ئىلىغا كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 4796 تۈتۈنگە يەتتى[5]. 1768- يىلى بۇ سان 6383 كە يېتىپ[6]، ئىلى رايونىدىكى بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىش ئىشلىرى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. بۇ ھەقتە «خان يارلىقى بىلەن يېزىلغان شىنجاڭ ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە» نىڭ 6- جىلدىدىكى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش پائالىيىتىگە بېغىشلانغان قىسمىدا: «دەسلەپتە ئاقسۇ رايونىدىن 300 تۈتۈن ئۇيغۇر ئاھالىسى ئىلى رايونىغا كۆچۈرۈلۈپ، ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي ئېقىنىدىكى قاينۇقتا بوز يەر ئېچىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئىككىنچى يىلى، ئۇلارغا مەسئۇل بەگمۇ يۆتكەلدى ھەمدە ئۈچتۇرپان، يەكەن، خوتەن، قۇمۇل، تۇرپان قاتارلىق رايونلاردىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئىلىغا كۆچۈرۈلۈپ، چيەنلوڭنىڭ 33- يىلىغا كەلگەندە جەمئىي 6383 تۈتۈنگە يەتكۈزۈلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەگلەر ئۈچۈن ئىشلەيدىغان 323 تۈتۈن يانچى ئائىلىسىدىن باشقا 6000 تۈتۈندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاھالىسى ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى غۇلجا ئەتراپىدا بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلدى. ئۇلار ھاكىمبەگ ئارقىلىق باشقۇرۇلدى» [7] دەپ يېزىلغان. بۇ خاتىرىدىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى ، چىڭ ھۆكۈمىتى 1760- يىلىدىن باشلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنى ئىلى رايونىغا كۆچۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ ، كىيىن كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرنىڭ يىلمۇ-يىل كۆپىيىشى بىلەن بۇ رايوننىڭ تېرىقچىلىق ئىشلىرى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن . بۇنىڭ بىلەن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ھەقسىز ئەمگەك كۈچلىرىگە تايىنىپ، شىنجاڭدىكى قوشۇنلىرىنىڭ ئاشلىق بىلەن تەمىنلىنىش مەسىلىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە ھەل قىلغان.

      1768-يىلدىن كىيىن چىڭ ھۆكۈمىتى ئىلىغا كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ. ئىلى رايونىغا داۋاملىق تۈردە ئاھالە كۆچۈرۈشنى قارار قىلدى ھەمدە 1782- يىلى ئىلىدىكى بوز يەر ئاچقۇچى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ سانىنى 6406 تۈتۈن، 20 مىڭ 356 ئادەمگە يەتكۈزدى[8]. 19- ئەسىرنىڭ كىرىشى بىلەن ئىلىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى تېخىمۇ تىز سۈرئەتتە كۆپىيىپ 34 مىڭ 300 ئادەمگە، 1834- يىلى 8000 تۈتۈن، 40 مىڭ ئادەمگە؛ 1840- يىلى 11 مىڭ 900 تۈتۈن، 47 مىڭ ئادەمگە يەتتى[9]. نەتىجىدە ئىلى رايونىدا تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ دائىرىسى ئۈزلۈكسىز تۈردە كېڭىيىپ بېرىپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرى زور دەرىجىدە يۈكسېلىشقا باشلىدى.

    ئومۇمەن چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنى ئىلى رايونىغا كۆچۈرۈش سىياسىتى 1760- يىلىدىن 1840- يىللارغىچە داۋاملاشتى. بۇ جەرياندا 47 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاھالىسى ئىلىغا كۆچۈرۈلۈپ، ئېغىر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەمگىكىگە سېلىندى ھەمدە كېيىنكى مەزگىللەردە بىر تۇتاش ھالدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ دۆلەتكە قارام يانچىلىرىغا ئايلاندۇرۇلدى..

    ئىلى رايونىغا كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار «ئىلى ئۇيغۇرلىرى»،

     «تارانچىلار»، «ئىلىخولۇقلار» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىپ، دەسلەپكى مەزگىلدە ئاساسەن ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي قىرغاقلىرىدىكى سۈيى ئەلۋەڭ، تۇپرىقى مۇنبەت جايلاردا بوز يەر ئېچىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى . 1760- يىلى ئىلىغا كۆچۈرۈلگەن تۇنجى تۈركۈم ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىدىن 40 پۇڭ (تۆت خو) دىن ئاشلىق، 40 پۇڭدىن ئۇرۇق، ھەر بەش ئادەم بىردىن قازان، بىردىن ئىدىش، بىردىن پالتا؛ ھەر ئىككى ئادەم چالغا، ھەر بىر ئادەم بىردىن ساپان، بىردىن ئورغاق قەرز ئېلىپ، ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى قاينۇقتا بوز يەر ئاچتى. بۇ ھەقتە ئىلىدىكى تېرىقچىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل يانداش قوماندان يىجۇنىڭ خانغا يوللىغان مەلۇماتنامىسىدە: «پېقىر ئاگۇي بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا تېرىقچى ئۇيغۇرلارنى باشلاپ، 3- ئاينىڭ 28- كۈنى ئىلىدىكى قاينۇققا يېتىپ كەلدۇق. بۇ جايدا ئىلگىرى بۇتخانا ۋە ھەربىي لاگىرلار بولۇپ ، ئارىلىقلىرى ئىككى-ئۈچ چاقىرىمدىن كېلىدىكەن ھەمدە موداپىئەگە تولىمۇ ئەپلىك ئىكەن. بىز لاگىردا كۆزىتىش مۇنارلىرى ياسىغاندىن كىيىن، يەنە پېقىر تۇرىدىغان لاگىردىن 40-50 چاقىرىمچە كېلىدىغان ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بەش ئورۇندا كۆزىتىش مۇنارى ياسىتىپ، بۇ جايلارنىڭ ئەتراپىغا 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاھالىسىنى بوز يەر ئېچىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق . ھازىر ھەر يېرىم چاقىرىم ئارىلىقتا بىردىن كەنت قۇرۇلۇپ، جەمئىي 15 ئورۇندا يېڭى كەنتلەر بارلىققا كەلدى. 4- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئېرىق-ئۆستەڭ قېزىپ، رەسمىي تېرىقچىلىققا چۈشتى. 4- ئاينىڭ 20- كۈنىگە كەلگەندە ئېلىپ كېلىنگەن تېرىق ۋە بوغدايلار پۈتۈنلەي تېرىلىپ بولدى. ھەرقايسى كەنىتلەردىكى تېرىقچى ئۇيغۇرلارنىڭ تام ئۆيلىرى بار. ئۇلار ۋاقتىنچە كىچىك كەپىلەردە تۇرىۋاتىدۇ. دېھقانچىلىقتىن بوشانغاندىن كىيىن ياغاچ-تاشلارنى تەييارلاپ مۇقىم تۇرالغۇ ئۆيلەرنى ياسايدۇ ....»[10] دېيىلگەن. بۇ مەلۇماتنامىگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي شىنجاڭدىن تۇنجى تۈركۈمدە ئىلىدىكى قاينۇققا كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرى ناھايىتى تىزلا بوزيەر ئېچىش، تېرىقچىلىق ئەمگىكىگە سېلىنغان..

    1762-يىلى چىڭ ھۆكۈمىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىلىغا كۆچۈرۈلگەن يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى غۇلجىدا بوز يەر ئېچىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ھەمدە بۇ جايدا يەنە تۇرالغۇ جايلار، ھاكىمبەگ تۇرۇشلۇق بىر مەھكىمە، ئىشىكئاغا بېگى تۇرۇشلۇق بىر مەھكىمە ۋە نىڭيۇەن قەلئەسىنى بىنا قىلدۇردى. بۇنىڭ بىلەن غۇلجا ئىلىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسلىق مەركىزىگە ئايلىنىپ، كېيىنكى دەۋرلەردە جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە كۆچۈرۈلۈشى بىلەن تېخىمۇ كېڭىيىشكە باشلىدى. چىڭ سۇلالىسىمۇ بۇ جاينىڭ جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنى مەركەزلىك ھالدا مۇشۇ جايدا بوز يەر ئېچىشقا سالدى..

      19-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ بوزيەر ئۆزلەشتۈرۈش نۇقتىلىرى يىلدىن-يىلغا كېڭىيىپ بېرىپ، جەمئىي 6 مىڭ تۈتۈنلىك 9 يېزا بارلىققا كەلدى. ئالاقىدار ماتېرىياللاردا قەيت قىلىنىشىچە، بۇ دەۋردىكى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ بوز يەر ئېچىش نۇقتىلىرى ۋە ئەمىلى تۇتۇن سانلىرى تۆۋەندىكىدەك بولغان؛ قاينۇق 600 تۈتۈن؛ قاش 500 تۈتۈن؛ بورباگاسۇن 1100 تۈتۈن؛ جىرغىلاڭ 900 تۈتۈن؛ تاشئۆستەڭ 400 تۈتۈن؛ ئارائۆستەڭ 600 تۈتۈن؛ بايتوقاي 600 تۈتۈن؛ خونۇقاي 800 تۈتۈن؛ دادامتو 500 تۈتۈن[11]..

    19-ئەسىرنىڭ 30-40 يىللىرىغا كەلگەندە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئىلىدىكى باج كىرىمىنى كۆپەيتىش ۋە بۇ جايدا تۇرۇشلۇق 40 مىڭ كىشىلىكتىن ئارتۇق قوشۇنىنىڭ ئاشلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يېڭىدىن ئۆزلەشتۈرۈلىدىغان نۇقتىلارنى بەلگىلەپ چىقتى ھەمدە ئىلى ئۇيغۇرلىرىنى توققۇزتارا، ئارابۇس (ئارايۈز)، بايانداي، قورغاس، ياماتۇ، تېكەس، كۈنەس، نىلقا ۋە ئۇلاستاي قاتارلىق يېڭى نۇقتىلارغا يۆتكەپ بوز يەر ئېچىشقا سالدى. كىيىن بۇنداق نۇقتىلار داۋاملىق تۈردە كېڭىيىپ بېرىپ، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىن باشقا تېكەس، كۈنەس ۋە قاش دەريا ۋادىلىرىمۇ ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇھىم بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەركەزلىرىگە ئايلاندى. بۇ ھەقتە رادلوف ئەپەندى ئەينى دەۋردىكى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ بوزيەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تىلغا ئېلىپ: «داۋگۇاڭنىڭ 14- يىلى (1834- يىلى) يېڭى جياڭجۈن ئىلىغا كېلىپ،ھاكىمبەگ ۋە ئىشىكئاغابەگدىن: تارانچىلارنىڭ كۈچۈرۈلگىنىگە بىر ئەسىردەك بولۇپ قالدى، نوپۇس كۆپەيدىمۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق 2000 كىشىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئېيتتى. جياڭجۈن ئۇلار ئىككىسىدىن يەنە: توققۇزتارادا ئېچىشقا تېگىشلىك يەرلەر يوقمۇ؟ دەپ سورىدى.ئۇلار: توققۇزتارادا ئېچىشقا تېگىشلىك يەرلەر بار دەپ جاۋاب بەردى. بۇنىڭ بىلەن جياڭجۈن 3000 تارانچىنى ئېرىق-ئۆستەڭ قېزىشقا بۇيرىدى ھەمدە 2000 تۈتۈن تارانچىغا ئىشلىتىدىغان تېرىلغۇ يەر ھازىرلاش ئۈچۈن پادىشاھتىن ئېرىق- ئۆستەڭ قېزىش خىراجىتى ئاجرىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى. پادىشاھ ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىپ خىراجەت ئاجرىتىپ بەردى. ئىككى يىلدىن كىيىن ئېرىق-ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى ئاياقلىشىپ، پەقەت 1500 تارانچىغا تېرىلغۇ يەر بۆلۈپ بېرىلدى . ئەمما يەنە 500 تارانچى ئېشىپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن بورباگاسۇندىن باشلانغان ئېرىق-ئۆستەڭلەر قايتىدىن تازىلىنىپ، 500 تۈتۈن تارانچىغا يېڭى قاقاس يەرلەر بۆلۈپ بېرىلدى . ئىلىدىكى 8000 تۈتۈن تارانچىنىڭ بىر قىسمى توققۇزتارا ۋە ئارابۇسقا كۆچۈرۈلۈپ بوز يەر ئېچىشقا سېلىندى. توققۇزتارادا سۇ مەنبەسى قىس بولغاچقا 1500 تۈتۈنلۈك تارانچىنىڭ تېرىقچىلىق ئىشلىرى ناھايىتى تەسكە توختىدى. شۇڭا ئۈچ يىل تېرىقچىلىق قىلىپمۇ پادىشاھقا باج تاپشۇرالمىدى. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ بېجى ئەسلىدىكى 6000 تۈتۈن تارانچىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. 6000 تۈتۈنلىك تارانچى ئىككى-ئۈچ يىلدىن بىرى ئۆزلىرىنىڭ ۋە توققۇزتارانىڭ بېجىنى تۆلىگەچكە خارابلىشىشقا يۈزلەندى ...»[12] دەپ يازغان.

     ئومۇمەن ئىلى ئۇيغۇرلىرى بىر ئەسىرگە يېقىن جاپالىق ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن ئىلى رايونىدا نۇرغۇنلىغان بوز يەرلەرنى ئېچىپ، بۇرۇنقى قاقاس چۆل- جەزىرىلەرنى باغۇ-بوستانلىقلارغا ئايلاندۇردى ھەمدە چىڭ ھۆكۈمىتى ئۈچۈن پايانسىز مۇنبەت زېمىنلارنى ھازىرلاپ بەردى. مەسىلەن 1768- يىلى ئىلىدىكى 6383 تۈتۈنلىك ئۇيغۇر ئاھالىسى 191 مىڭ 490 مو[13] بوز يەر ئاچتى. 1832- يىلى كۈرە ۋە باياندايدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى 70 مىڭ 300 مو[14] بوز يەر ئاچتى. 1838- يىلى تاشتۆپىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى 164 مىڭ مو[15] بوز يەر ئاچتى. 1840- يىلى ئىلىدىكى 11 مىڭ 900 تۈتۈن ئۇيغۇر ئاھالىسى 357 مىڭ مو[16] بوز يەر ئاچتى.1842- يىلى ئارابۇستىكى بەش كەنتتە تۇرۇشلۇق 500 تۈتۈنلۈك ئۇيغۇر ئاھالىسى 161 مىڭ مو

    بوز يەر ئاچتى[17]

    ئىلى ئۇيغۇرلىرى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تېرىلغۇ يەر، نوپۇس ۋە يىللىق مەھسۇلات مىقدارىغا ئاساسەن ھەر خىل باج-سېلىقلارنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولدى. 1761- يىلى ئىلىدىكى ھەر بىر تۈتۈن ئۇيغۇر ئاھالىسى 15 مودىن يەر تېرىپ، 16 دادەندىن باج تاپشۇردى. بۇ مەزگىلدە ئىلىدىكى جەمئىي 800 تۈتۈن ئۇيغۇر ئاھالىسى 12 مىڭ مو يەر تېرىپ، 24 مىڭ دادەن ئاشلىق ئالدى ھەمدە چىڭ ھۆكۈمىتىگە 8 مىڭ دادەندىن ئارتۇق ئاشلىق تاپشۇردى[18]. 1773- يىلى ئىلىدىكى 6 مىڭ تۈتۈن ئۇيغۇر ئاھالىسى چىڭ ھۆكۈمىتى ئۈچۈن 96 مىڭ دادەن[19] ئاشلىق تاپشۇردى. 18- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى ئىلى رايونىدىكى قوشۇن ۋە خەلق نوپۇسىنىڭ تىز سۈرئەتتە كۆپىيىشى بىلەن چىڭ ھۆكۈمىتى باج مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىلىدىكى 6 مىڭ تۈتۈن ئۇيغۇر ئاھالىسىدىن يىلىغا 100 مىڭ دادەندىن ئاشلىق[20] ئېلىشنى بەلگىلىدى. بۇ ھەقتە ئەينى ۋاقىتتىكى ئىلى جياڭجۈنى باۋنىڭ خانغا يوللىغان مەكتۇبىدا: «ئىلى ھاكىمبېگى ئۇيغۇر بەگلىرى بىلەن بىللە جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئىلىغا كۈچۈرۈلگەندىن بۇيانقى نوپۇسنىڭ تىز سۈرئەتتە كۆپەيگەنلىك ئەھۋالىنى تىلغا ئېلىپ، ياش-قۇرامىغا يەتكەن بارلىق ئۇيغۇر ئەرلىرىنى تېرىقچىلىققا سېلىشنى ھەمدە ھەر يىلى 100 مىڭ دادەندىن ئاشلىق تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى»[21] دەپ يازغان. دېمەك ، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ چىڭ ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرىدىغان باج مىقدارى ناھايىتى كۆپ ئىدى. چىڭ ھۆكۈمىتى ئىلى رايونىدىكى باج كىرىمىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش ۋە ئىلى ئۇيغۇرلىرىنى ئۈنۈملىك ئىدارە قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدىكى كونا مەمۇرىي باشقۇرۇش سىستېمىسىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئىلى رايونىدا فېئوداللىق بەگلىك تۈزىمىنى يولغا قويدى. ھەمدە بۇ خىل تۈزۈمنىڭ روھى بويىچە ئىلىدىكى بارلىق بوز يەر ئاچقۇچى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن تۇرپاندىكى ئىمىن خوجىنىڭ ئوغلى مۇسانى تۇنجى ھاكىمبەگ قىلدى. ئارقىدىنلا ھاكىمبەگنىڭ قول ئاستىدا يەنە بىر ئىشىكئاغابەگ، ئىككى نېقىپبەگ، ئىككى شاڭبەگ. بىر قازىبەگ، ئالتە بىراببەگ، بىر شىغاۋۇلبەگ، بىر پاششاپبەگ، بىر يۈزبېگى بولۇپ ، جەمئىي 21 كىشىنى خىزمەتكە تەيىنلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىلى رايونىدا سىستېمىلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش ئاپراتى تەشكىللىنىپ، يېڭىدىن مەنسەپكە تەيىنلەنگەن ھاكىمبەگ ۋە بەگلەر چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئومۇمىي ئىشلىرىنى بىر تۇتاش ئىدارە قىلىشقا باشلىدى. ھاكىمبەگ ۋە بەگلەر ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئومۇمىي جەھەتتىن نازارەت قىلىش بىلەن بىللە، ئۇلارنى يەنە بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىشقا تەشكىللەش، چىڭ ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ھەر خىل باج-سېلىقلارنى تۆلەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ھەر يىلى ئىككى قېتىمدىن 15 كۈن ھاشارغا سېلىش، يىلىغا بەش ئۇنسىيىدىن يەتتە ئونسىيىگىچە كۈمۈش تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلاش، كان قېزىشقا ھەيدەش، ئات ۋە ئوتۇن-سامان سېلىقى تاپشۇرۇشقا قىستاش قاتارلىق ئىشلارغا سېلىپ، بۇ خىزمەتلىرى ھېسابىغا چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق باج-سېلىق ۋە ئالۋان-ياساقلاردىن خالىي بولۇش ئىمتىيازىغا ئېرىشتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ زىيادە ھوقۇق ئىمتىيازىغا تايىنىپ خالىغانچە ئىش كۆردى ھەمدە كەڭ ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرىنى قاتتىق ئېكسپىلاتاتسىيە قىلدى. مەسىلەن ئىلى ھاكىمبېگى خانىزات ئۆز تەۋەسىدە ھۆكۈمەت يىرىنى تېرىۋاتقان دېھقانلارغا زورلۇق ئىشلىتىپ، ئۆزى ئۈچۈن يەر تېرىتقۇزدى. ھەمدە قول ئاستىدىكىلەرگە ئېغىر ئاشلىق ئالۋىڭى سالدى. ئۇنىڭ ئوغلى مەزەمزات ئۆزى خىيانەت قىلغان 6000 پاتمان ئاشلىقنى بوز يەر ئاچقۇچى ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا چاچتى[22]. دەرۋەقە ئىلىدىكى ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرى ھېسابسىز باج-سېلىق، تۈگىمەس ھاشار-سەيسى ۋە قاتتىق ئېكسپىلاتاتسىيە تۈپەيلىدىن تۇرمۇش كۆچۈرۈشكە ئامالسىز قالدى. ھەتتا باجنىڭ ئېغىرلىقىدىن بەزى دېھقانلارنىڭ ئۆز ئاياللىرىنى غۇلجا شەھىرىگە تېنىنى سېتىشقا ئەۋەتىشىدەك ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارمۇ كېلىپ چىقتى[23]. ئاقىۋەت ئىلى ئۇيغۇرلىرى كۈندىن-كۈنگە ۋەيران بولۇشقا يۈزلىنىپ، تۇرمۇش ئۈچۈن نائىلاج باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولدى. بۇ ھەقتە زوكوتو ئەپەندى ئۆزىنىڭ «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى ھەققىدە تەتقىقات» (خەنزۇچە) نامىلىق كىتابىدا تارىخچى پانتىسوۋ ئەپەندىنىڭ كىتابىدىكى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مۇنۇ خەلق قوشىقىنى ئالاھىدە نەقىل كەلتۈرگەن::

    بۇ تاغلار ئېگىز تاغلار،

    .غېرىب يولىنى باغلار..

    غېرىب ئۆلسە كىم يىغلار،

    غېرىبقا غېرىب يىغلار.[24 ]

     يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، ئىلى ئۇيغۇرلىرى 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە پۈتكۈل ئىلى رايونىدا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر تەرەپتىن جاپالىق ئەمگەكلىرى ئارقىلىق پايانسىز مۇنبەت زېمىنلارنى ئېچىپ، ئىلى رايونىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. يەنە بىر تەرەپتىن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا تۇرۇشلۇق قوشۇنىنىڭ ئاشلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلدى ھەمدە غۇلجىنى مەركەز قىلغان ئىلى رايونىنى يىلمۇ- يىل ئېچىپ، بۇ جاينى چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئاساسلىق باج كىرىم مەنبەسىگە ئايلاندۇردى

     : ئىزاھاتلار:

     [1][22]

     «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1982- يىل 1- ئاي 1- نەشرى ، 444- بەت (1-كىتاب)، 178- بەت (2- كىتاب))

    .;[2][3][4][5][7][8][9][10][14][17][24]

     زوكوتو: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى ھەققىدە تەتقىقات»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1994- يىل 1- نەشرى- بەتلەر. 264-، 237 -

    «;[6]

     شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1992- يىل 7- ئاي 1-

    نەشرى ، 383- بەت.

     [11]

     ۋۇيۈنخېڭ: «چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ يىللىرىدىكى ئىلى رايونىنىڭ تېرىقچىلىق ئىشلىرى

     توغرىسىدا»، «مىللەتلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 1987- يىل 5- سان.

      [12][23]

    رادلوف: «تارانچى»،30-34- بەتلەر (زوكوتو يازغان «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق كىتابنىڭ 247-263- بەتلىرىدىن ئېلىنغان نەقىل).

     [13][16]

    سۇڭ لىڭ، چېن يەنچى، جاڭ تيەن، خۇزۇيۇەنلەر تۈزگەن «شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىياتى»، 1993- يىلى 1- نەشرى ، 73- بەت.

    [15]

     زوكوتو: «18-19- ئەسىرلەردىكى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات»

    1- كىتاب، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1984- يىل 1- ئاي 1- نەشرى ، 193- بەت.

     [18][19][20][21]

    لى.ئى.دۇمان: «چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا شىنجاڭدا يولغا قويغان يەر سىياسىتى» (رۇسچە)، پەنلەر نەشرىياتى 1936- يىل موسكۋا لېنىنگراد نەشرى ، 156-،157- بەتلەر. مەنبە: «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» 1999- يىل 1- سانىدىن ئېلىندى


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.