-
2011-05-13
يۈرۈگۈم يىغلايدۇ - [يازمىلىرىم]
يۈرۈگۈم يىغلايدۇ
يۈرۈگۈم يىغلايدۇ ھەسرەتتىن، دەرتتىن،
قاراڭغۇكېچىدە قالغاندا تەنھا.
قەلبىم ئۆرتۈنەر پىغاندىن،ئوتتىن،
جۇدالىق دەردىنى تارتامدىم مەنلا.
دوسلۇرۇم دەيدىكەن بەختى بار ئۇنىڭ،
بەزىسى دەيدىكەن تەختى بار ئۇنىڭ.
بىلمەيدۇ تۆكۈلگەن كۆز ياشلىرىمنى،
دەتمەنلىك كەلمىگەچ بېشىغا ئۇنىڭ.
كۆزۈمدىن ياشلىرىم تاراملاپ ئاقار،
يېشىمدىن ھەتتاكى كۆللەرمۇ توشار.
ھەجەپمۇ قىينىدى ئايرىلىش داغى،
كۆزۈمدە سىماسى ھەر زامان ئۇچار.
تۈيۇقسىز بىر ئىنسان كۆڭلۈمدىن كەچتى،
ماڭا ئۇ مىھرىبان كۆيۈمچان شۇنچە.
ھەتتاكى چۈشۇمدە مەن بلەن بىللە،
سۆيمىسەم دىلىمدىن بولماسمەن بۇنچە.
ياشلىقتىن ھالقىدىم سۆيگۈ بار دىلدا،
سۆيگەچكە سۆيگۈمنى ئاتايمەن ئاڭا.
خوش دەيمەن قايغۇغا ياشايمەن خوشال،
ھەر زامان چىن سۆيگۈھەمرادۇر ماڭا.
收藏到:Del.icio.us