ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2012-08-20

    شېئىېر:مەن ئىدىم - [يازمىلىرىم]

    مەن ئىدىم

    مەن ئىدىم ھەر كېچە چۈشۈڭگە كىرگەن،

    سۆيگۈمدىن خىيالغا چۆكتۈرۈپ كەتكەن!

    تۈنلەردە بۇلبۇلدەك گۈلۈمنى ئىزدەپ،

    تەلمۈرۈپ ۋەسلىڭگە كوچاڭدىن ئۆتكەن.

    مەن ئىدىم ھىجراننىڭ چۆلىدە يۈرۈپ،

    ھەسرەتتە ھەييامدەك شاراپلار ئىچكەن.

    گەر كۆرسەم رۇخسارىڭ سەلكىندەك ئاستا،

    لىۋىڭگە سۆيگەندە تەن يايراپ كەتكەن.

    مەن ئىدىم، خىياللار پەيزىگە چۆمسەڭ،

    تەنھالىق ئىلكىدە نەچچە بىر ئۆلگەن.

    ئارزۇيۇم، نۇر بېرەي قەلبىڭگە  مەڭگۈ،

    ئىشەنگىن، چىن سۆيگۈم سەن تامان كەتكەن.

    مەن ئىدىم،سېنى دەپ سەۋدايى بولغان،

    مومكىنمۇ رەنجىتىپ خوش دىمەي كەتكەن؟

    چىن سۆزۈڭ ئەمەستۇر،يۈرەكتىن سورا:

    "مەن سېنى بۇرۇنلا ئۇنتۇپلا كەتكەن؟"

    2012.07.12

    分享到:
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.