-
2012-11-20
يۈرىمىز - [يازمىلىرىم]
يۈرىمىز
گۆھەر ئالسا تاشتىن ئوغلان ،كۆرەلمەي،
ئوراكولاپ ،پىتنەتوقۇپ يۈرىمىز.
قېلىشماستىن تەييار تاپچى قۇزغۇندىن ،
قالغان تاپنى تالاپ، چوقۇپ يۈرىمىز.
ئوغولبالا، ئەركەك مەن دەپ ماختىنىپ،
قۇرۇق سۆلەت ، ئەپسۇن ئوقۇپ يۈرىمىز.
قازا كەلسە ئەل بېشىغا ،چاشقاندەك،
كۇلۇڭ ئىزدەپ مۈكۈپ ،قورقۇپ يۈرىمىز.
جۈرئەت قىلماي تاغ يېرىشقا پەرھاتتەك،
خام كىسەكنى ئۇرۇپ، سوقۇپ يۈرىمىز.
ئەرلىك غورۇر،ئار-نومۇسنى ئۇتتۇرۇپ،
مەزلۇملاردەك تىللاپ، نوقۇپ يۈرىمز....
پەخىرلەنگىن،ئەجداتىڭ ھەم ئەۋلاتتىن،
قاچانغىچە قاخشاپ،دادلاپ يۈرىمىز.
قارا ئەنە چۈشتى بارچە بەيگىگە،
ئالەم ئارا بىزمۇ تاقلاپ يۈرىمىز.
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.