-
2011-02-04
ئىلىدىكى توققۇزكۈرە - [ئىلى دىيارىدا]
ئىلىدىكى توققۇزكۈرە
تەلكە كۈرەسى. تەلكە كۈرەسى ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ ، مانجۇلار بۇ كۈرەنى مىلادى 1761- يىلى تارانچىلارنىڭ كۈچى بىلەن ئەھيا قىلدۇرغانىدى. كىيىن مىلادى 1802-يىلى ئىككى قىېتىم كىڭەيتىپ سالدۇردى. بۇ قەلئە-ئىلى ۋادىسىغا ئۈتىدىغان قەدىمكى خەلقئارالىق يول -ئالمالىق جىلغسنىڭ ئېغىزىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن ،تارىختا <بىرىنچى ئۆتكەل> دەپ ئاتالدى.1
2. سۈيدۇڭ كۈرەسى. سۈيدۇڭ كۈرەسى ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ ،مانجۇلار بۇ كۈرەنى مىلادى 1762-يىلى تارانچىلارنىڭ كۈچى بىلەن ئەھيا قىلدۇرغانىدى.
3. بايانداي كۈرەسى. ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ ، مانجۇلار بۇ كۈرەنى مىلادى 1763- يىلى تارانچىلارنىڭ كۈچى بىلەن ئەھيا قىلدۇرغانىدى.
4. كۈرە.كۈرە ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، مانجۇلار بۇ كۈرەنى مىلادى 1761-يىلىدىن باشلاپ تارانچىلارنىڭ كۈچى بىلەن كۈرەنى ئەھيا قىلدۇرۇشقا باشلىغان، مىلادى 1763-يىلى ئاندىن پۈتتۈرگەن.
5. غۇلجا كۈرەسى.غۇلجا كۈرەسى ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ،مانجۇلار بۇ تارانچىلارغا ئۈچ يىل ھاشار سىلىپ كۈرەنى مىلادى 1763-يىلى كۈزدە پۈتتۈرگەنىدى.
6. چىڭسىخوزا كۈرەسى . چىڭسىخوزا كۈرەسى ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ،مانجۇلار بۇ كۈرەنىمۇ مىلادى1779-يىلى ئەھيا قىلدۇردى، بۇ يەرنىڭ ئەسلى ئسمى <ساغان ئۇسۇن> بولغانلىقتىن، مانجۇلار بۇ يەرنى <چىڭسىخوزا دەپ ئاتىدى.
7. لوسىگۇڭ كۈرەسى.لوسىگۇڭ كۈرەسى ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ مانجۇلار بۇ كۈرەنىمۇ 1779-يىلى ئەھيا قىلدۇردى. بۇ يەرنىڭ ئەسلى ئسمى<ئوخۇر بۇرسۇن>دەپ ئاتىلاتتى.كىيىن كىشلەر تەرپىدىن لوسىگۇڭ دەپ ئاتىلدىغان بولدى.
8. چىلپەڭزە كۈرەسى. چىلپەڭزە كۈرەسى ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ ، غۇلجا كۈرەسى بىلەن بايانداي كۈرەسىنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقانلىقتىن <چىلپەڭزە>دەپ ئاتالغان. مانجۇلار بۇ كۈرەنىمۇ 1779- يىلى ئەھيا قىلدۇردى.
9. قورغاس كۈرەسى. كونا قورغاس كۈرەسى دەپمۇ ئاتىلاتتى . قورغاس كۈرەسى قورغاس دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، مانجۇلار بۇ كۈرەنى 1780-يىلى ئەھيا قىلدۇردى.
ئابدۇۋەلى ئەلىنىڭ < تورغاق خوجىلار>رومانىنىڭ 12-بابىدىن ئىلىندى
收藏到:Del.icio.us