ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2011-02-04

    ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاسىتى - [ئىلى دىيارىدا]

    ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاسىتى(1)

    ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاسىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غەربىي شىمال قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ، بورتالاموڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن قاراماي شەھىرىنى ئوراپ تۇرىدۇ. شەرق تەرىپى شىخەنزە شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەنجەنۇب تەرىپى بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن تۇتۇشىدۇ. شەرقىي شىمالىي موڭغۇلىيە بىلەن (چېگرا سىزىقىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 628 كىلومېتىر). غەربىي شىمالىي قازاقىستان، روسىيە بىلەن چېگرىىنىدۇ (چېگرا سىزىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1391 كىلومېتىر). جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان ئۇزۇنلىقى 076 كىلومېتىر، شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان كەڭلىكى 630 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 267 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر. ئوبلاستقا ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر (ئىلى ۋىلايىتى، چۆچەك ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، كۈيتۈن شەھىرى) قارايدۇ. تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن شىنجاڭ غەربىي تىيانشان ئورمانچىلىق ئىدارىسى، ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ بەش يېزا ئىگىلىك دىۋىزىيىسى بار.،

      ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ مەركىزى غۇلجا شەھىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 700 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 3 مىليون 805 مىڭ 800 بولۇپ، قازاقلار% 24.92 ىنى، خەنزۇرلار 47.17% ىنى، ئۇيغۇرلار% 15.18 ىنى، باشقا مىللەتلەر% 12.73 ىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق جايلار غەربىي ۋە شەرقىي خەن دەۋرلىرىدىن جىن دەۋرىگىچە ئۇيسۇن ۋە ھونلارنىڭ يېرى ئىدى. سۈي، تاڭ دەۋرلىرىدە غەربىي تۈركلەرگە تەۋە بولۇپ، بەش بالىق قورۇقچى بەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. مىڭ دەۋرىدە ئۇيرات موڭغۇللىرىنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسى چيەنلۇڭنىڭ 27 - يىلى (1762 - يىلى) ئىلى جياڭجۈنى تەسىس قىلىنغان. جياڭجۈن مەھكىمىسى كۈرەدە تۇرغان. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈنىڭ 14 - يىلى (1888 - يىلى) ئىلى - تارباغاتاي دوتەيلىكى تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 6 - يىلى (1917 - يىلى) ئىلى - تارباغاتاي دوتەيلىكى ئىلى دوتەيلىكى، تارباغاتاي دوتەيلىكى دەپ ئىككى دوتەيلىككە ئايرىلغان. مىنگونىڭ 8 - يىلى (1919 - يىلى) ئالتاي دوتەيلىكى تەسىس قىلىنغان. 1954 - يىلى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلۇپ مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ۋىلايىتى باشقۇرىدىغان ئوبلاست بولۇپ قالدى. ئوبلاسنىڭ يەر شەكلى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، تاغلىق 30.97%، ئېدىرلىق% 23.33 ، تۈزلەڭلىك% 38.13، قۇملۇق% 7.57 نى ئىگىلەيدۇ. 2906 پارچە مۇزلۇق (ئومۇمىي كۆلىمى 3422 كۋادرات كىلومېتىر، زاپاس سۇ مىقدارى 116 مىليارد 060 مىليون كۇب مېتىر)، 208 دەريا - ئېقىن (بۇلاردىن ئېرتىش دەرياسى، ئىلى دەرياسى ۋە دۆربىلجىن دەرياسى تاشقى دەريا ھېسابلىنىدۇ) ۋە ئېگىز تاغدىكى تاتلىق سۇ كۆلى - قاناس كۆلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 26 تەبىئىي كۆل (ئومۇمىي كۆلىمى 5.1125 كۋادرات كىلومېتىر) بار. يەر ئۈستى سۇ مىقدارى 31 مىليارد 760 مىليون كۇب مېتىر، پايدىلىنىدىغان تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ مىقدارى 9 مىليارد 222 مىليون كۇب مېتىر. ئاساسلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرىدىن ئۇلار، بۆكەن، يىلپىز، قوڭۇر ئېيىق، سۈلەيسۈن، قارا تايغان بۇغا، قانداغاي، قۇندۇز، قۇلان، قارا لەيلەك، ئاققۇ، تۆت پۇتلۇق قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى، ئىلى قارا ھەسەل ھەرىسى قاتارلىقلار بار. ئاساسلىق ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىدىن سوغىگۈل، چۈچۈك بۇيا، ھىڭ، قار لەيلىسى، چوغلۇق، سېرىق شاپتۇل، سۈزە قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، مانگان، مىس، نىكېل، ئالتۇن، كۈمۈش، قوغۇشۇن، سىنك، خروم، ھاك تېشى، فتور شىپاتى، بارىت قاتارلىقلار با. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىقلىمىدا پەرق ناھايىتى زور. كۈنەس دەرياسى بىلەن قابا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى رايونلار سوغۇق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىمىغا ۋە مۆتىدىل سوغۇق بەلۋاغلىق نەم كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ، ئالتاي تاغلىق رايونلىرى بىلەن تىيانشان تاغلىق رايونلىرىنىڭ ئىقلىمى تۆۋەندىن يۇقىرىغىچە تەرتىپ بويىچە سوغقق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىمىغا، مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىمىغا، سوغۇق بەلۋاغنىڭ مۆتىدىل نەم كىلىمات ۋە مۆتىدىل قۇرغاق كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. ئىلى دەرياسى ساھىلى بىلەن چۆچەك ئويمانلىقىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ مۆتىدىل قۇرغاق كىلىمات ئىقىلىمىغا كىرىدۇ؛ جۇڭغار ئويمانلىقى بىلەن تاغ تىزمىلىرىنىڭ ئىقلىمى بولسا مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرغان كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى -℃ 0.2 ~ 9.1℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا℃ 42.8، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا -℃51.5، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى ئالتاي تاغلىق رايونلىرىنىڭ 600 مىللىمېتىردىن يۇقىرى. چۆچەك تاغلىق رايونلىرىدىكى شامال ئېغىزى تۆپىلىكلىرىنىڭ 300 ~ 500 مىللىمېتىر، چۆچەك تاغلىق رايونلىرىدىكى شامالدىن دالدا تۆپىلىكلەرنىڭ 250 ~ 50 مىللىمېتىر، چۆچەك ئويمانلىقىنىڭ 500 ~ 300 مىللىمېتىر، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ 120 ~ 200 مىللىمېتىر؛ ئىلى دەرياسى ساھىلىدىكى تۈزلەڭلىكلەرنىڭ 200 ~ 300 مىللىمېتىر، ئىلى دەرياسى ساھىلىنىڭ تاغقا يېقىن جايلىرى، ئوتتۇرا تاغلىق رايونىلار ۋە ئوچۇق تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ 350 ~ 800 مىللىمېتىر، كۈنەس ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ 840 مىللىمېتىر؛ سۇنىڭ يىلىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1200 ~ 2300 مىللىمېتىر. ئوبلاستنىڭ دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىشلىرى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق، ماي، گۆش، شېكەر ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدۇر. ھازىر 676 مىڭ 100 گېكتار (10 مىليون 141 مىڭ 400 مو) تېرىلغۇ يەر، 630 مىڭ گېكتار (9 مىليون 504 مىڭ مو) تەبىئىي ئورمانلىق، بىر مىليون 640 مىڭ گېكتار (246 مىليون مو) يايلاق بار. يەنە بىر مىليون 112 مىڭ گېكتار دېھقانچىلىق قىلىشقا باپ كېلىدىغان يەر، 687 مىڭ گېكتار (8 مىليون 805 مىڭ مو) ئورمان يېتىشتۈرۈشكە باپ كېلىدىغان يەر بار. ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقۇناق، شال، كۆن - خۇرۇم ئىشلەش، شېكەر ئىشلەش، ئېچىتىش، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش، يېمەكلىك ئىشلەش قاتارلىق سانائەت تۈرلىرى بار، بۇلاردىن توقۇمىچىلىق، شېكەر ئىشلەش، ئېچىتىش، كۆن - خۇرۇم ئىشلەش قاتارلىقلار ئۈستۈنلۈككە ئىگە كەسىپلەردۇر. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى كۈنسېرى مۇكەممەللەشمەكتە. دۆلەت تاشيولىنىڭ 216 -، 217 -، 218 -، 312 - لىنىيىلىرى ناھىيە، يېزا يوللىرىنى ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇپ قاتناش تورىنى شەكىللەندۈرگەن. لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ غەربي بۆلىكى بۇ يەردىن ئۆتىدۇ. غۇلجا، چۆچەك، ئالتاي، كۆكتوقاي قاتارلىق تۆت ئايرودرومدا قەرەللىك ھالدا ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بار. ئۈرۈمچى - ئىلى نۇر كابىلى ئارقىلىق ئالاقىلىشىش ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، پۈتۈن ئوبلاست ۋە شەھەرلەردىكى تېلېفونلار پروگرممىلاشتۇرۇلغان بولۇپ 180 مىڭ توچكىغا يېتىدۇ، شىفىرلىك مىكرو دولقۇن، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئالاقىلىشىش، خەلقئارالىق فوتو تېلېگراف، سىمسىز چاقىرغۇ، كۆچمە تېلېفون ۋە گۇرۇپپىلاشقان رەقەملىك ئالاقىلىشىش قاتارلىق كەسىپلەر يولغا قويۇلغان. غۇلجا بىلەن چۆچەك گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان ئېچىۋېتىلگەن شەھەر بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلدى. كۈيتۈن شەھىرىمۇ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن شەھەر بولۇپ، ئاپتونوم رايونىنىڭ تەستىقلىشى ئېچىۋېتىلگەن چېگرا ئېغىزى ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم سودا يولىدۇ. ئوبلاستتا ئاساسلىق مەدەنىي يادىكارلىقلاردىن جەنگو دەۋرىدىكى تۇراساي قەدىمكى مىس كانى خارابىسى، ئالمىلىق قەدىمكى شەھەر خارابىسى، ئۈسۈن قەدىمىي قەبرىستانلىقى، ئوتلاقلاردىكى تاش ئادەملەر، لاما ئىبادەتخانىسى، ئالتۇن چوققا ئىبادەتخانىسى خارابىسى، قەدىمكى دەۋر قىيا تاش رەسىملىرى، گېدىڭ تېغى ئابىدىسى، لىن زېشۈي خاتىرە ئۆي قاتارلىقلار بار. ئۆلۈنگۈر كۆلى (بۇرۇلتوقاي كۆلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، قاناس كۆلى، شارتەي قەدىمىي يولى، تاڭبۇلا يايلىقى، كېپىنەك جىلغىسى، شىياۋدۇڭگۇ مەنزىرىسى قاتارلىق داڭلىق مەنزىرىلىك جايلار بار.
    غۇلجا شەھىرى ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. شەرقىي شىمالى غۇلجا ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن، غەرب،شىمال تەرەپلىرى قورغاس ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 575 كۋادرات كىلومېتىر، شەھەرگە بىر بازار، ئالتە يېزا، ئالتە مەھەللە ئىش باشقارمىسى، 59 ئاھالە كومىتېتى، 38 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. شەھەردە تۇرۇشلۇق ئورۇنلارنى ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شىسى، غەربىي تىيانشان ئورمانچىلىق ئىدارىسى، شىنجاڭ كان - مېتاللورگىيە ئىدارىسى قاتارلىقلار بار. شەھەر بىلەن ئۈرۈچمى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 700 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 299 مىڭ 030 بولۇپ، ئۇيغۇرلار 48.1% نى، خەنزۇلار 35.5% نى، قازاقلار 4.68% نى، باشقا مىللەتلەر 11.71% نى تەشكىل قىلىدۇ. غۇلجا شەھىرى ئىلگىرى غۇلجا ناھىيىسىگە قارايتتى. 1952 - يىلى غۇلجا ناھىيىسىگە قاراشلىق بەش رايوننى ئايرىۋېلىش بىلەن غۇلجا شەھىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئىلى ۋىلايىتىگە قارايدىغان بولغان. 1953 - يىلى ئۆلكىگە بىۋاسىتە قارايدىغان شەھەر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. 1955 - يىلى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قارايدىغان شەھەر قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1985 - يىلى يەنە ئىلى ۋىلايىتىگە قارايدىغان بولغان. ھازىر ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. شۇنداقلا ئىلى ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تۇرۇشلۇق ئورۇن. شەھەرنىڭ يەر شەكلىدىن قارىغاندا شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس، شىمالىي قىسمى كۆكېرچىن تاغلىق رايونى، جەنۇبىي قىسمى لاتقا - تىنما يەر ۋە پەلەمپەيسىمان ۋادىدىن ئىبارەت بولۇپ، تاغلىق جايلار 61% نى، لاتقا - تىنما يەر ۋە پەلەمپەيسىمان ۋادا 39% نى ئىگىلەيدۇ. ئىلى دەرياسى شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ. يىللىق ئېقىن مىقدارى 11 مىليارد 350 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 285 مىليون كۇب مېتىر. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، شېغىل جىنىسلىرى، ئوتقا چىداملىق سېغىز توپا قاتارلىقلار بار. غۇلجا شەھىرىنىڭ ئىقلىمى بەلۋاغنىڭ مۆتىدىل قۇرغاق كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 8.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 37.9℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا - 40.4. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2802.4 سائەت،  10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرا 3310.6℃، قىروسىز مەزگىلى 154 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 257.5 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1613.6 مىللىمېتىر. شەھەرنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىكى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر 10 مىڭ 300 گېكتار (154 مىڭ 080و) تېرىلغۇ يەر بار. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، مايلىقدان، قىزىلچا، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار ئاساس قىلىنىدۇ. كالا، قوي چوشقا قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. ئۇچار قۇشلارنى بېقىشمۇ بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە. توقۇمچىلىق، ئېنېرگىيە مەنبەسى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، كۆن - خۇرۇم، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ئاساسلىق سانائەت تۈرلىرى بار. غۇلجا شەھىرىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى كۈنسېرى مۇكەممەللەشمەكتە. دۆلەت تاشيولىنىڭ 312 - ۋە 218 - لىنىيىلىرى شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ. شەھەر، يېزىلاردىكى ئاسفالىت يوللار تەرەپ - تەرەپكە سوزۇلغان. غۇلجا ئايرودىرومىدا چوڭ - ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇچالايدۇ ھەم قونالايدۇ، ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بار. 25 مىڭ توچكا پروگراممىلىق تېلېفون مەملىكەتلىك تورغا كىرگۈزۈلدى. غۇلجا شەھىرى گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن شەھەر بولۇپ، 1989 - يىلى 6 - ئايدا گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلغان. پىلاندىكى كۆلىمى 65 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ھازىرقى كۆلىمى 9200 كۋادرات كىلومېتىر. شەھەردە ئاساسلىق مەدەنىي يادىكارلىقلاردىن ئالتۇن چوققا ئىبادەتخانىسى خارابىسى، جياڭشى ئىبادەتخانىسى، بەيتۇللا مەسچىتى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى ۋە كۆرگەزمىخانىسى، لىن زېشۈي خاتىرە سارىيى قاتارلىقلار بار.

    داۋامىدا ھەرقايسى ناھىيەلەر بىلەن تونۇشىمىز .........

    ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاسىتى(2)

    1-غۇلجا ناھىيىسى ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى نىلقا ناھىيىسى بىلەن، غەربىي تەرىپى غۇلجا شەھىرى ۋە قورغاس ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبىي تەرىپى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى ۋە توققۇزتارا ناھىيىسى بىلەن دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، شىمال تەرىپى جىڭ ناھىيىسى ۋە بورتالا شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 116 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 95 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 4587 كۋادرات كىلومېتىر، ناھىيىگە ئىككى بازار، 18 يېزا، 159 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 715 كىلومېتىر، 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 355 مىڭ 700 بولۇپ، ئۇيغۇرلار 48.78% نى، خەنزۇلار 19.35%نى، قازاقلار 10.71% نى، باشقا مىللەتلەر 21.16% نى تەشكىل قىلىدۇ. غۇلجا ناھىيىسى غەربىي ۋە شەرقىي خەن دەۋرىدە جىن دەۋرىگىچە ئۇيسۇن دۆلىتىگە، سۈي، تاڭ دەۋرلىرىدە غەربىي تۈركلەرگە تەۋە بولغان، يۈەتن دەۋرىدە چاغاتايخان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ سيۇرغاللىق يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسى چىيەنلۇڭنىڭ 27 - يىلى (1762 - يىلى) نىڭيۈەن قەلئەسى سېلىنغان. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈنىڭ 14 - يىلى (1888 - يىلى) نىڭيۈەن ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان ۋە ئىلى مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 3 - يىلى (1914 - يىلى) ناھىيىنىڭ نامى غۇلجىغا ئۆزگەرتىلگە. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن داۋاملىق ئىلى ۋىلايىتىگە قارىغان. يەر شەكلى شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس بولۇپ، شىمالدىن غەربكە قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. تاغلىق چايلار 64.15% نى، ئېدىرلىق 11.9% نى، تۈزلەڭلىك 23.95% نى ئىگىلەيدۇ. ناھىيە تەۋەسىدە قاش دەرياسى، بوربوسۇن دەرياسى، جىرغىلاڭ دەرياسى ۋە پىلىچى دەرياسى قاتارلىق دەريا - ئېقىنلار بولۇپ، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 470 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 1 مىليارد 142 مىليون كۇب مېتىر. تاغ ئۆچكىسى، قارا تايغان بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن، بۆرە، قىزىل تۈلكە، ياۋا چوشقا، سۇغۇر قاتارلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرى ۋە ئۇششاق يوپۇرماقلىق ئاق موم، ھىڭ، سۇغىگۈل، قىرىق بوغۇم، چۈچۈك بۇيا، قانتېپەر قاتارلىق ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى بار. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، ھاك تېشى، كۋارتس، چىرىمتال، بارىت، گاۋلىڭ توپىسى، پار - پۇر قاچا ۋە ساپال بۇيۇملارنى ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان توپ قاتارلىقلار بار. غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل قۇرغاق كىلمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 8.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 37.9℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا - 40.4℃. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى 2802.4 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرا 3310.6℃، قىروسىز مەزگىلى 154 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 257.5 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1613.6 مىللىمېتىر.  بۇ ناھىيە يېزا ئىگىلىك بىلەن چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 67 مىڭ 600 گېكتار (1 مىليون 13 مىڭ 900 مو) تېرىلغۇ يەر، 31 مىڭ 600 گېكتار (474 مىڭ مو) ئورمانلىق، 322 مىڭ 300 گېكتار (4 مىليون 834 مىڭ مو) يايلاق بار. بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، زىغىر، قىچا، كۆك تاماكا، قىزىلچا، ئۇزۇن تالالىق زىغىر، پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەتلەر قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بار. ئاساسلىقى كالا، قوي قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. ھاراق ئېچىتىش، يېمەكلىك، يېنىك سانائەت، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، قان ئېچىش، ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش، تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت تۈرلىرى بار. غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي مۇكەممەللەشمەكتە. دۆلەت يولىنىڭ 218 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، ناھىيە، يېزىلارنىڭ يوللىرى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن. 4000 توچكا پروگراممىلىق تېلېفون مەملىكەتلىك تورغا كىرگۈزۈلگەن. سىمسىز چاقىرغۇمۇ ئىشلىتىلمەكتە. ئاساسلىق مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن كۈنەس قەلئەسى، توغلۇق تۆمۈر مازىرى بار. ئاقئۆزەن ئورمانلىقى باغچىسى، ئۇششاق يوپۇرماقلىق ئاق موم قوغداش رايونى قاتارلىق داڭلىق مەنزىرىلىك جايلار بار.

    2- كۈنەس ناھىيىسى ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ شەرقىي بۆلىكىگە جايلاشقان. شارقىي جەنۇب تەرىپى خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن، غەربىي جەنۇب تەرىپى نىلقا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.. شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 921 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان كەڭلىكى 65 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 7.6446 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە نەش بازار، بەش يېزا، 102 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيىدە يەنە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ ئىككى تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 520 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 264 مىڭ 660 بولۇپ، قازاقلار 43.23% نى، خەنزۇلار 40.81% نى ئۇيغۇرلار 9.2% نى، باشقا مىللەتلەر 6.76% نى تەشكىل قىلىدۇ. كۈنەس ناھىيىسى ئىزچىل ھالدا ئويسۇن، تۈرك، ئۇيرات موڭغۇللىرى ۋە قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كۆچۈپ يۈرۈپ مال باقىدىغان يېرى بولۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ غەربىي رايون قورۇقچى بەگ مەھكىمىسى، ئەنشى باش قورۇقچى بەگ مەھكىمىسى ۋە بېشبالىق قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. ئەنشى باش قورۇقچى بەگ مەھكىمىسى ۋە بېشبالىق قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى چيەنلۇڭنىڭ 24 - يىلى (1759 - يىلى) ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپ كۈنەس ناھىيىسى شۇنىڭغا قارىغان. مىنگونىڭ 28 - يىلى (1939 - يىلى) چەكمەن باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇرۇلۇپ، مىنگونىڭ 31 - يىلى (1942 - يىلى)غا كەلگەندە كۈنەس باشقۇرۇش ئىدارىسىغا ئۆزگەرتىلگەن، مىنگونىڭ 35 - يىلى (1946 - يىلى) ناھىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن يەنىلا ئىلى ۋىلايىتىگە قاراپ كەلدى. ناھىيىنىڭ يەر شەكلىدىن قارىغاندا شەرقىي ئېگىز، غەربى پەس بولۇپ، شەرق، جەنۇب، شىمال تەرەپلىرىنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ. تۈزلەڭلىك 21.1% نى، تاغلىق جايلار 73.2% نى، ئېدىرلىق 5.7% نى ئىگىلەيدۇ. كۈنەس دەرياسى، چاپ دەرياسى ۋە ناھىيىنى كېسىپ ئۆتكەن تېكەس دەرياسى قاتارلىق دەريا - ئېقىنلار بولۇپ، يەر ئۈستى بايلىقى 2 مىليارد 94 مىليون كۇب مېتىر. يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، قوڭۇر ئېيىق، ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا چوشقا، ئۇلار قاتارلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرى ۋە تىيانشان شامشادى، ياۋروپا سوۋدان تېرىكى، تاغ سوگىتى، قېيىن، ئۇچقات، سۇغىگۈل، چۈچۈك بۇيا، قانتېپەر، قارلەيلىسى قاتارلىق ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى بار. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، ئالتۇن، مەرمەرتاش، خرۇستال تاش، ھاك تېشى، سىڭىرتاش قاتارلىقلار بار. كۈنەس ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ مۆتىدىل قۇرغاق كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 8.1℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 39.8℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا - 34.7℃، قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى 2693.5 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرا 2952.2℃، قىروسىز مەزگىلى 150 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 479.7 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1285.8 مىللىمېتىر. ناھىيىنىڭ چارۋىچىلىقى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان بولۇپ، شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي ۋە قازاق ئېتى داڭلىق. ھازىر 38 مىڭ 300 گېكتار (574 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 60 مىڭ 600 گېكتار (909 مىڭ مو) ئورمانلىق، 353 مىڭ گېكتار (7 مىليون 995 مىڭ مو) يايلاق بار. ئاشلىق، مايلىقدان ۋە ئالما قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بار. ئېلېكتر - ئېنېرگىيە، سېمونت، گۆش پىششىقلاپ ئىشلەش، ھاراق ئېچىتىش، كەسپى ئەڭ داڭلىق بولۇپ، <ئىلى ئالىي ھارىقى> قاتارلىق بىر قاتار ھاراقلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا شۆھرەت قازانغان. كۈنەس ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخىشلانماقتا. دۆلەت يولىنىڭ 172 -، 218 - لىنىيىسى ۋە ئۆلكە يولىنىڭ 316 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېىسىپ ئۆتىدۇ، ناھىيە، يېزا، كەنتلەردىكى تاشيوللار تەرەپ - تەرەپكە تارالغان. 8500 توچكا پروگراممىلىق تېلېفون مەملىكەتلىك تورغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، سىمسىز چاقىرغۇ، كۆچمە تېلېفون ئىشلىتىلمەكتە. ناھىيە داڭلىق كۈنەس يايلىقىغا جايلاشقان. نارات مەنزىرە رايونى، قاپ دەرياسى يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانى، ياۋا مېۋىزارلىق قاتارلىق داڭلىق مەنزىرىلىك جايلار، قەدىمكى ئۇيسۇن قەبرىستانلىقى، يۈەن دەۋرى قەدىمىي قىياتاش رەسىملىرى قاتارلىق مەدەنىي يادىكارلىقلار بار.

    3-موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تېكەس دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان. شەرقى تېكەس ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى باي ناھىيىسى ھەم ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي تەرىپى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ ( چېگرا سىزىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 186 كىلومېتىر). شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 141 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان كەڭلىكى 132 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 10 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر، ناھىيىگە بىر بازار، توققۇز يېزا، 84 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ تۆت تۇەن - مەيدانى، لەنجۇ ھەربىي رايونىنىڭ موڭغۇلكۈرە، ھەربىي ئات مەيدانى ۋە غەربىي تىيانشان ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ موڭغۇلكۈرە ئورمانچىلىق مەيدانى قاتارلىقلار بار. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 871 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 144 مىڭ 200 بولۇپ، قازاقلار 46.58% نى، ئۇيغۇرلار 9.77% نى، 29.38% نى، باشقا مىللەتلەر 14.27% نى تەشكىل قىلىدۇ. موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى خەت دەۋرىدە ئويسۇن دۆلىتىنىڭ يېرى ئىدى. سۈي دەۋرىدە غەربىي تۈركلەرگە تەۋە بولغان. تاڭ دەۋرىدە بېشبالىق قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۇنىڭ 10 - يىلى (1884 - يىلى) شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندا نىڭيۈەن ناھىيىسىگە تەۋە بولغان. مىنگونىڭ 27 - يىلى (1938 - يىلى) موڭغۇلكۈرە باشقۇرۇش تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 31 - يىلى (1942 - يىلى) موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى تەسىس قىلىنىپ، ئىلگىرى - كېيىن ئىلى مەمۇرىي رايونىغا قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن يەنىلا ئىلى ۋىلايىتىگە قاراپ كېلىۋاتىدۇ. ناھىيىنىڭ تۆت ئەتراپى ئېگىز تاغلار بىلەن ئورالغان. ئوتتۇرا قىسمى ئويمانلىق بولۇپ، تاغلىق جايلار 73% نى، ئېدىرلىق 7.5% نى، تۈزلەڭلىك 19.5% نى ئىگىلەيدۇ. تېكەس دەرياسى، مۇزارت دەرياسى، شات دەرياسى، ئاقسۇ دەرياسى قاتارلىق دەريا - ئېقىنلار بار بولۇپ، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 3 مىليارد 25 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 538 مىليون كۇب مېتىر. يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، قارا تايغان بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن، بۇلغۇن، ئۇلار قاتارلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقىرى، كىرپىباش، پەيسىمان قارمۇقە چىقىرتماق، قارلەيلىسى، ئالقات، سۇغىگۈل، قانتېپەر قاتارلىق ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى بار. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، مىس، مانگان، قوغۇشۇن، تۆمۈر، چىرىمتال، ئالتۇن، ھاك تېشى، بېرىل، خرۇستال، سۈزۈك كالىتسىت قاتارلىقلار بار. موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى سوغۇق مۆتىدىل بەلۋاغ مۆتىدىل قۇرغاق كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 2.9℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 33.5℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا - 40.1℃. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى 2699.0 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرا 1316.7℃، قىروسىز مەزگىلى 132 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 512.1 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1259.2 مىللىمېتىر. موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى چارۋىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 40 مىڭ گېكتار (600 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 122 مىڭ 800 گېكتار (1 مىليارد 842 مىڭ مو) ئورمانلىق، 541 مىڭ 900 گېكتار (8 مىليارد 129 مىڭ مو) يايلاق بار. چارۋىچىلىقى ئوتلاق چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئىلى ئېتى بىلەن شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى چىقىدىغان ئاساسلىق جايلارنىڭ بىر. بۇغداي، مايلىقدان، كۆكتات، مېۋە - چېۋە قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ئېلېكتر - ئېنېرگىيە، كۆمۈركان، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت تۈرلىرى بار. موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. ئۆلكە تاشيولىنىڭ 220 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزىلاردىكى ئاسفالىت يوللار تەرەپ - تەرەپكە تارالغان. نۇر كابىلى ئارقىلىق ئالاقىلىشىش يولغا قويۇلغان بولۇپ، 0001 توچكا پىروگىراممىلىق تېلېفون مەملىكەتلىك تورغا كىرگۈزۈلگەن. ناھىيە تەۋەسىدىكى مۇزارد ئېغىزى قازاقىستان بىلەن سودا ئالاقىسى قىلىدىغان تاشيول ئېغىزى ھېسابلىنىدۇ. ناھىيە تەۋەسىدە شۇتا قەدىمكى شەھەر خارابىسى، غاردۆڭ قەدىمكى شەھەر خارابىسى، قورغاس تۇدۇڭ قەبرىستانلىقى، گېدىڭ تېغى ئابىدىسى قاتارلىق مەدەنىي يادىكارلىقلار بار. گۈزەل مەنزىرىلىك جايلاردىن شوتا ئارشىڭى بار. «شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» دىن

    4 - تېكەس ناھىيىسى تەڭرى تېغىنىڭ غەربىي قىسىمىغا، موڭغۇلكۈرە - تېكەس ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي بۆلىكىگە جايلاشقان. جەنۇب تەرىپى باي ناھىيىسى بىلەن، شەرقتە خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن، شەرق ۋە شەرقىي شىمال تەرىپى توققۇزتارا ناھىيىسى بىلەن، غەرب ۋە غەربىي شىمال تەرىپى موڭغۈلكۈرە ناھىيىسى ھەم چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان كەڭلىكى 910 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 116 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 8352 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، يەتتە يېزا، 75 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شېسىنىڭ 78 - تۈەن - مەيدانى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ ھەربىي ئات مەيدانى ۋە غەربىي تىيانشان ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ تېكەس ئورمانچىلىق مەيدانى بار. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 980 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 143 مىڭ 100 بولۇپ، قازاقلار 40.23% نى، ئۇيغۇرلار 9.71% نى، خەنزۇلار 24.93% نى، باشقا مىللەتلەر 25.13% نى تەشكىل قىلىدۇ. تېكەس ناھىيىسى خەن دەۋرىدە ئۇيسۇنلارنىڭ يېرى ئىدى. تاڭ دەۋرىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە ۋە بېشبالىق قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئويرات موڭغۇللىرىنىڭ كۆچۈپ يۈرۈپ مال باقىدىغان يېرى بولغان. مىنگونىڭ 23 - يىلى (1934 - يىلى) توققۇزتارا ناھىيىسىدىن ئاجرىتىلىپ تېكەس باشقۇرۇش تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 26 - يىلى (1937 - يىلى) تېكەس ناھىيىسى قۇرۇلۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 2 - مەمۇرىي رايون ۋە ئىلى ۋىلايىتىگە قارىغان. ھازىر ئىلى ۋىلايىتىگە قارپ كەلمەكتە. ناھىيىنىڭ يەر شەكلىدىن قارىغاندا جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس بولۇپ، تاغلىق جايلار 93.5% نى، پەلەمپەيسىمان ۋادا 5.8% نى، سۇ كۆلىمى 0.7% نى ئىگىلەيدۇ. تېكەس دەرياسى، كۆكسۇ دەرياسى، كۆكتېرەك دەرياسى قاتارلىق دەريا - ئېقىنلار بار بولۇپ، يەر ئۈستى سۇ بايلىق مەنبەسى 2 مىليارد 694 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 208 مىليون كۇب مېتىر. يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، قارا تايغان بوغا، ئىلىك، ياۋا چوشقا، ئۇلار قاتارلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرى ۋە سوغىگۈل، قانتېپەر، قارلەيلىسى، گۈل سامساق، كىرەش، پەربۇن قاتارلىق دورا ماتېرىيالى قىلىنىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى بار. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىدىن ئالتۇن، مىس، نىكېل، خروم، تىتان، قوغۇشۇن، سىنك، كۈمۈش، بېرىل، چىرىمتال، سېرپېنتىن، گىرانت تاش، ھاك تېشى، تاش پاختا قاتارلىقلار بار. تېكەس ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرغاق كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 5.3℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 36.7℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا - 33.4℃. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى 2732.2 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپراتۇرا 2292.2℃، قىروسىز مەزگىلى 133 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 328.8 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1456.8 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە چارۋىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 18 مىڭ 900 گېكتار (284 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 43 مىڭ گېكتار (645 مىڭ مو) ئورمانلىق، 502 مىڭ 800 گېكتار (7 مىليون 542 مىڭ مو) يايلاق بار. يەنە 15 مىڭ گېكتار (252 مىڭ مو) ئورمان يېتىشتۈرۈشكە باب كېلىدىغان يەر بار. چارۋىچىلىقى ئوتلاق چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئىلى ئېتى ۋە شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى چىقىدىغان ئاساسلىق جايلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ھەسەل ھەرىسى بېقىشمۇ مەلۇم كۆلەمگە ئىگە، بۇغداي، مايلىقدان، كۆكتات، مېۋە - چېۋە قاتارلىق يېزا ئىگىلىك زىرائەتلەر ۋە ئېلېكتر - ئېنرگىيىسى، كۆمۈر، سېمونت، يۇڭ توقۇمچىلىق، تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش، سۈت مەھسۇلاتلىرى، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق سانائەت تۈرلىرى بار. تېكەس ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزۈلۈكسىز ياخشىلانماقتا. ئۆلكە تاشيولىنىڭ 220 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزىلاردىكى تاشيوللار ئۆزئارا كېسىشكەن. 1000 توچكا پروگراممىلىق تېلېفون مەمىلىكەتلىك تورغا كىرگۈزۈلگەن. ناھىيە بازىرى <پالنامە>دىكى تەرەپلىك سەپ سىخىمىسى بويىچە لايھەلەنگەن بولۇپ، جايلىشىشى غەلىتە ھەم ئۆزگىچە. «شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» دىن

    5 - توققۇز تارا ناھىيىسى ئىلى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا جايلاشقان. جەنۇب تەرىپى تېكەس ناھىيىسىگە، شەرقىي جەنۇب تەرىپى خېجىىڭ ناھىيىسىگە، غەربىي چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسىگە تۇتۇشىدۇ، شەرقىي شىمال تەرىپى كۈنەس ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى نىلقا ۋە غۇلجا ناھىيىلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 162 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان كەڭلىكى 42 ~ 6 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 4515.3 كۋادرات كىلومېتىر، ناھىيىگە بىر بازار، يەتتە يېزا، 52 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيىدە تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ بىر تۇەن - مەيدانى بىلەن غەربىي تىيانشان ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ بىر كارخانىسى بار. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 790 كىلومېتىر، 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 142 مىڭ 200 بولۇپ، قازاقلار 30% نى، ئۇيغۇرلار 23.46% نى، خەنزۇلار 30.98% نى، باشقا مىللەتلەر 15.56% نى تەشكىل قىلىدۇ. توققۇز تارا تارىختا توققۇزتارا (قەدىمكى تۈرك تىلىدا توققۇز مەنبەلىك ياكى توققۇز تارماق دەريا دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇيسۇنلارنىڭ يېرى ئىدى. خەن دەۋرىدە غەربىي رايون قۇرقچى بەگ مەھكىمىسىگە، سۈي، تاڭ دەۋرلىرىدە غەربىي تۈركلەرگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيرات موڭغۇللىرىنىڭ مال باقىدىغان يېرى بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۇنىڭ 18 - يىلى (1838 - يىلى) مانجۇلار قوشۇنىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى بولۇپ، ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسىگە قارىغان گۇاڭشۈنىڭ 14 - يىلى (1888 - يىلى) سۈيدۈڭ ناھىيىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 19 - يىلى (1930 - يىلى) غۇلجا ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ، توققۇزتارا ناھىيىسى تەسىس قىلىنىپ، ئىلى مەمۇرىي رايونىغا تەۋە بولغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن يەنىلا ئىلى ۋىلايىتىگە قارىغان. ناھىيىنىڭ يەر شەكلىدىن قارىغاندا شەرقىي جەنۇبىي ئېگىز، غەربىي شىمالىي پەس بولۇپ، تاغلىق جايلار 67.1%نى، ئېدىرلىق 9.5% نى، تۈزلەڭلىك 21.4% نى ئىگىلەيدۇ. جىرغىلاڭ دەرياسى، تېكەس دەرياسى، ئىلى دەرياسى قاتارلىق دەريا - ئېقىنلار بار بولۇپ، يەر ئۈستى سۇ بايلىق مىقدارى 824 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ تولۇقلىنىش مىقدارى 583 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ تولۇقلىنىش مىقدارى 583 مىليون كۇب مېتىر. يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، قارا تايغان بۇغا، ئارقار، قوڭۇر ئېيىق، ئۇلار، ياۋا چوشقا قاتارلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرى ۋە يەر ياڭىقى، ئالما، ياۋا ئۆرۈك، قومۇش، مېھرىگىيا، چۈچۈك بۇيا، سۇغىگۈل، قانتېپەر، قارلەيلسى قاتارلىق ياۋ ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى بار. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، تاش پاختا، ئۇران، ھاك تېشى، بېرىل، بارىت قاتارلىقلار بار. توققۇزتارا ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ مۆتىدىل قورغاق كېلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 7.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 37.4℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا - 37.6℃، قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى 2731.9 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرا 3055.4℃. قىروسىز مەزگىلى 150 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 256.6 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1422.5 مىللىمېتىر. ناھىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر 25 مىڭ گېكتار (375 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 84 مڭ 200 گېكتار (1 مىليون263 مىڭ مو) ئورمانلىق، 271 مىڭ 700 گېكتار (4 مىليون 75 مىڭ 100 مو) يايلاق بار. بۇغداي، كۆممىقۇناق، شال، كۆتات، مېۋە - چېۋە قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بار. ئاساسلىق قوي، كالا، ئات قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. ئېلېكتر - ئېنېرگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ھاراق ئېچىتىش، سۈت مەھسۇلاتلىرى، ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت تۈرلىرى بار. توققۇزتارا ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. ئۆلكە يولىنىڭ 220 - ۋە 316 لىنىيىلىرى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزىلاردىكى تاشيوللار تەرەپ - تەرەپكە تارالغان. نۇر كابىلى ئارقىلىق ئالاقىلىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 3000 توكا پروگراممىلىق تېلېفون مەملىكەتلىك تورغا كىرگۈزۈلدى. ناھىيىنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قەدىمىي قەبرىستانلىق بولۇپ، داڭلىق مەنزىرىلەردىن كوردىنېن تەبىئىي قوغداش رايونى ۋە ياۋا ياڭاق جىلغىسى تەبىئىي قوغداش رايونى قاتارلىقلار بار.

    6 - قورغاس ناھىيىسى تەڭرى تېغىنىڭ ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ غەربىي شىمال قىسىمىغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى غۇلجا شەھىرى ۋە غۇلجا ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن، شىمالىي بورتالا شەھىرى ۋە ئارشاڭ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي تەرىپى قازاقىستان بىلەن چىگرىلىنىدۇ (چىگرا سىزىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 128 كىلومېتىر). جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 120 كىلومېتىر، شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان كەڭلىكى 85 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 5559.3 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە ئۈچ بازار، يەتتە يېزا، 73 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ ئالتە تۇەن - مەيدانى ۋە تۇەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق كارخانىلار بار. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 653 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 322 مىڭ 020 بولۇپ، ئۇيغۇرلار 20.9% نى، خەنزۇلار 45.27% نى، قازاقلار 8.28% نى، باشقا مىللەتلەر 25.55% نى تەشكىل قىلىدۇ. قورغاس ناھىيىسى خەن دەۋرىدە ئۇيسۇن دۆلىتىنىڭ يېرى ئىدى. تاڭ دەۋرلىرىدە غەربىي تۈركلەرگە تەۋە بولغان. يۈەن دەۋرىدە چاغاتاي خاننىڭ سيۇرغاللىق يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسى چيەنلۇڭنىڭ 27 - يىلى (1762 - يىلى) ناھىيە بولۇپ قۇرۇلۇپ سۈيدۈڭ دەپ ئاتالغان. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۇنىڭ 14 - يىلى (1888 - يىلى) سۈيدۈڭ ناھىيىسى ۋە قورغاس شۆبە مۇداپىئە نازارىتى تەسىس قىلىنىپ، ئىلى مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 3 - يىلى (9141 - يىلى) قورغاس ناھىيىسى سۈيدۈڭ ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، ئىلى دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 36 - يىلى (1947 - يىلى) نامى قورغاس ناھىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئاۋۋال ئىلى ۋالىي مەھكىمىسىگە، ئاندىن ئىلى ۋىلايىتىگە قارىغان. ناھىيىنىڭ يېرى شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. تاغلىق جايلار 41.7% نى، ئېدىرلىق 25.2% نى، تۈزلەڭلىك 23.8% نى، سايلىق 0.4% نى، قۇملۇق 8.9% نى ئىگىلەيدۇ. 23 چوڭ - كىچىك دەريا - ئېقىن بولۇپ، يىللىق ئېقىن مىقدارى 10 مىليارد 21 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 8 مىليارد 23 مىليون كۇب مېتىر. تۆت پۇتلۇق قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى، قارا تايغان بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن، ھالقا بويۇن قىرغاۋۇل، ئاققۇ، ياۋا چوشقا، تۈلكە، ئېيىق، قاپلان، قۇندۇز قاتارلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرى ۋە قومۇش، ياۋا كەندىر، چۈچۈك بۇيا، سۇغىگۈل، قىزىل چوغلۇق قاتارلىق ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى بار. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىرىدىن كۆمۈر، ھال تېشى، سىڭىر تاش، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، فوسفور، مەرمەر تاش، گىرانت تاش قاتارلىقلار بار. قورغاس ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ مۆتىدىل قۇرغاق كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 9.1℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇراىسى 40.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا - 36.6℃، قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى 2869.5 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرا 3534.0℃، قىروسىز مەزگىلى 168 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 218.9 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1410.1 مىللىمېتىر. قورغاس ناھىيىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىقى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر 53 مىڭ 100 گېكتار (375 مىڭ 500 مو) ئورمانلىق، 258 مىڭ 800 گېكتار (3 مىليون 882 مىڭ 500 مو) يايلاق بار بولۇپ، بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، پاختا، كەندىر، قوي قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. كۆمۈركان، سېمونت، ھاراق ئېچىتىش، تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، قېزىلما بايلىقلىرىنى ئېچىش قاتارلىق سانائەت تۈرلىرى بار. قورغاس ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. دۆلەت يولىنىڭ 231 - ۋە 218 - لىنىيىلىرى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزىلاردىكى يوللار تەرەپ - تەرەپكە تارالغان. 5000 توچكا پروگراممىلىق تېلېفون مەملىكەتلىك تورغا كىرگۈزۈلگەن. ناھىيىگە جايلاشقان قورغاس ئېغىزى غەربىي - شىمال رايونى بويىچە ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق ئېغىزى بولۇپ، شىنجاڭدىن مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە بارىدىغان مۇھىم سودا يولىدۇر. ناھىيىدە ئاساسلىق مەدەنىي يادىكارلىقلاردىن خۇييۈەنجۇڭ دۇمباق مۇنارى، ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسى قاتارلىقلار بار.

    7 - چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى توققۇزتارا ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى تېكەس، موڭغۇلكۈرە ناھىيىلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمال تەرىپى غۇلجا شەھىرى، غۇلجا ناھىيىسى ۋە قورغاس ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىندۇ (چېگرا سىزىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 72 كىلومېتىر). شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 90 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان كەڭلىكى 70 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 8.4645 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە ئىككى بازار، 11 يېزا، 57 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيىدە تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ ئۈچ تۇەن - مەيدانى، ئىلى ۋىلايەتلىك نەسىللىك كالا فېرمىسى، تۈزلەڭلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى ۋە غەربىي تىيانشان ئورمانچىلىق ئىدارىسىغا قاراشلىق تاغلىق رايون ئورمانچىلىق مەيدانى قاتارلىقلار بار. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 711 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 156 مىڭ 100 بولۇپ، شىبەلەر 13.14% نى، قازاقلار 20.17% نى، خەنزۇلار 35.88% نى، باشقا مىللەتلەر 30.81% نى تەشكىل قىلىدۇ. چاپچال ناھىيىسى خەن دەۋرىدە ساك، ئويسۇن قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كۆچۈپ يۈرۈپ مال باقىدىنغا يېرى بولۇپ، غەربىي رايون قورۇقچى بەگ مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. تاڭ دەۋرىدە بېشبالىق قورۇقچى بەگ مەھكىمىسىگە تەۋە بولغان. يۈەن دەۋرىدە چاغاتاي خاننىڭ سيۇرغالىق يېرى بولغان. چىڭ دەۋرىدە ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن. مىنگونىڭ 27 - يىلى (1938 - يىلى) شىبەلەر ئولتۇراقلاشقان رايوندا خېنەن باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 29 - يىلى (1940 - يىلى) ناھىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن، مىنگونىڭ 33 - يىلى (1944 - يىلى) نامى نىڭشىغا ئۆزگەرتىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، 2 - مەمۇرىي رايون ۋە ئىلى ۋىلايىتىگە قارىغان. 1954 - يىلى نىڭشى ناھىيىسى ئاساسىدا چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى قۇرۇلۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئىلى ۋىلايىتىگە قاراپ كەلدى. بۇ ناھىيىنىڭ يەر شەكلىدىن قارىغاندا شەرقىي جەنۇبىي ئېگىز، غەربىي شىمالىي پەس بولۇپ، تاغلىق جايلار 26% ىنى، تۈزلەڭلىك 54.2% نى ئىگىلەيدۇ. ئىلى دەرياسى، چاپچال دەرياسى، ئۆرتەك دەرياسى، چاجى دەرياسى، خونۇخاي دەرياسى قاتارلىق دەريا - ئېقىنلار بار بولۇپ، يەر ئاستى سۇ بايلىقى 414 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 520 مىليون كۇب مېتىر. قارا تايغان بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا چوشقا، ئۇلار، سۇغۇر قاتارلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرى، سوغىگۈل، ئەڭلىك ئوت، چۈچۈك بۇيا، كەترا، گاترودىيە، قار لەيلىسى، قانتېپەر، كىرەش قاتارلىق ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى بار. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىدىن ئالتۇن، كۆمۈر، ئۇران، نېفىت، خرۇستال، ھېقىق، چىرىمتال، كۋارتس، پار - پۇر بۇيۇملارنى ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان توپا، ئوتقا چىداملىق توپا قاتارلىقلار بار. چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ مۆتىدىل قۇرغاق كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇ


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.