ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  • 2011-02-04

    شېئىر:تۇرساق - [يازمىلىرىم]

    تۇرساق

    ئەجداتىمىز قالدۇردى ئىز،بىزمۇ قەدەم تاشلاپ تۇرساق،

    ئەۋلاتلارنى جۇت- بوراندا سەپەرلەرگە  باشلاپ تۇرساق.

    ئىلىم –پەننى قۇرال قىلىپ، ئەتەئۈچۈن چاشلاپ تۇرساق،

    يولىمىزنى توسسا دۈشمەن، كۆزلىرىنى ياشلاپ تۇرساق،

    گۈللەنمەمدۇ ئەزىز دىيار ،يېڭىلىققائاتلاپ تۇرساق؟

     

    سازىمىزنى نىم پەدىگە چالالماستىن چېنىپ تۇرساق،

    كەلكۈن باسسا يەر-ماكاننى، ئۇھ دەپ چوڭقۇر تېنىپ تۇرساق.

    ئۆتەلمەستىن ئېرىقتىنمۇ،قوتۇر ئاتنى مىنىپ تۇرساق،

    نادانلىقتىن تەقدىر شۇ دەپ كەينىمىزگە يىنىپ تۇرساق،

    يوقالمامدۇق بۇ دۇنيادىن، باشقىلارغا باتناپ تۇرساق؟

     

    ئىلىم ئالماي خەققە ئوخشاش، ئەسكى تامنى يۆلەپ تۇرساق،

    ھەلەپمۇ يوق،قوتاندىكى ئاچ كالىدەك مۆرەپ تۇرساق.

    قاششاقلىقتىن ئۆي-بىساتنى قەرزىمىزگە تۆلەپ تۇرساق،

    بىرنان تاپساق داۋراڭ قىلىپ ،مەيدە كېرىپ كۆدەپ تۇرساق،

    كەچۈرەمدۇ خۇدابىزنى ،ئەزرائىلنى ساقلاپ تۇرساق؟

     

    ئىگەللەپ بىز پەن-تېخنىكا، مول-ھوسۇلنى ئېلىپ تۇرساق،

    كائىناتتا ئۇچۇپ بىزمۇ سىرلىرىنى بىلىپ تۇرساق.

    شور چورۇقنى تاشلاپ خەقتەك ،كۈي-سازىمىز چېلىپ تۇرساق،

    جاھان ئەھلى قايىل ئىدى،يەنە قايىل قىلىپ تۇرساق،

    ياراشمامدۇ توي-تۆكۈنلەر،شوخ دۇلدۇلدەك تاقلاپ تۇرساق؟

     

    بوۋىلارنىڭ شۆھرىتىنى ئۆزىمىزدە كۆرۈپ تۇرساق،

    غەيرىتىدىن ئىلھام ئېلىپ توساقلارنى ئۆرۈپ تۇرساق.

    خۇراپىيلىق، نادانلىقنى " بولدى بەس !"دەپ چۆرۈپ تۇرساق،

    بۇ نامراتلىق تۈگەر ھامان ،نېسىۋىنى بۆلۈپ تۇرساق،

    توختىمامدۇيامىراپ كەلگەن ئەگىز سۇنى قاشلاپ تۇرساق؟

     

    كۆز ئالايىتقان چىل بۆرىنى،رەھىم قىلماي سۈرۈپ تۇرساق،

    ئەل پاراۋان، يوللار راۋان،توسالغۇسىز يۈرۈپ تۇرساق.

    ئەۋلادىمىز ئۈلگە ئالار، بىلەكلەرنى تۈرۈپ تۇرساق،

    بۇ دۇنيادا ئەلگە ئوخشاش سورۇنلاردا كۈلۈپ تۇرساق،

    رۇسلانمامدۇ خەلقىم قەددى،ھەقىقەتنى ياقلاپ تۇرساق؟

     

    2011-01-25


    收藏到:Del.icio.us




ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.