ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) function www_mbsky_com() { var Digital=new Date() var hours=Digital.getHours() var minutes=Digital.getMinutes() var seconds=Digital.getSeconds() if(minutes >
  • 2012-08-01

    بىر كۈنى - [يازمىلىرىم]

    بىر كۈنى

    (غەزەل)

    غاپىللىقتا ياتمىغىن تىلىڭ چانار بىر كۈنى.

    باھارىڭنىڭ گۈل ھۆسنى غازاڭ تاشلار بىركۈنى.

    بولمىغىنسەن يەرگە يۈك،ئەلگە زالىم ھەر قاچان،

    ئەل قىساسى مىنھەل ھەق،ھامان يانار بىر كۈنى.

    بىلىم-تۇلپارچاپتۇرغىن ،ئەگەر بولساڭ جۈرئەتلىك،

    كائىناتدا، ئالەمدە ئىزىڭ قالار بىر كۈنى.

    ئەجدادىڭدەك يول ئاچقىن كىلەچەككە، مەنزىلگە،

    ئۈنسە گۈللەر ئىزىڭدىن چىچەك ئاچار بىر كۈنى.

    پاسسىق، نامەرت،ۋىژدانسىز زادى بىلمەس نۇمۇسنى،

    قىلمىشىدىنمىڭ ئۆلۈپ ئارام تاپاربىر كۈنى.
    قارانىيەت ،ئاچكۆزگە بەرسەڭ قويماي ھەممىنى،

    نەپسى تويماي دۇنياغا گۆردە ياتار بىر كۈنى.

    قاغا بولۇپ بۇلبۇلۇڭ قاقىلدىماس ھىچ قاچان،

    بۇلبۇل يەنە بۇلبۇلدۇر، باققا يانار بىر كۈنى.

    بىلىملىكدىن ئەتىۋا،تۇزكور،خۇمسى ،نادانلار،

    بۇ قىسمەتتىن ئەۋلادلارئىبرەت ئالار بىر كۈنى.

    توۋا دەيمەن،ئىشەككە چىقتى مۈڭگۈزمىڭ توۋا،

    ھەيران قالماھايۋانمۇقوشاق قاتار بىر كۈنى.
    كۈتۈپ تۇرماس بۇ دەۋىر يېڭىلىققا يۈرۈش قىل،

    تىرىش، تىرماش ئەلدەك سەن، نامىڭ تارار بىر كۈنى.

    دەيدۇ شۇنداق يانبۇلاق:ياشاي دىسەڭ دۇنيادا،

    غورۇرۇڭنى يوقاتما ،بەخىتىڭ باقار بىر كۈنى.

    مەنبە:يازمام

    分享到:
ئىنكاس يېزىش رامكىسى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ.