تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

بۇ يازمىنى ئۇيغۇر تېبابىتى دورا ياسالما تۈرلىرى ھەققىدە تەپسىلىيرەك بىر مەلۇمات بېرىش مەقسىتىدە تەييارلىدىم. ياسالمىلار چوڭ جەھەتتىن بىر نەچچە تۈرلەرگە،كىچىك جەھەتتىن نەچچە ئون تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ تۆۋەندە ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ،ياسىلىش ئۇسۇلى ۋە شۇ ياسالما شەكلىدىن بىر ئىككىدىن دورىنى ئۈلگە شەكلىدە تۇنۇشتۇرىمىز ۋە شۇ تەرتىپتە داۋاملاشتۇرىمىز. مەجۈن(يۇغۇرۇلما)دورىلار مەجۈن سۆزى ئەرەبچىدىكى يۇغۇرۇلغان ياكى خېمىردەك قىلىنغان مەنىدىكى بىر سۆزدۇر. تېبابەتتىكى كۆچمە مەنىسى [...]

ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ، ئىشلىتىش قولايلىقلاشتۇرۇلغان ۋە ئالاھىدە قۇتىغا قاچىلانغان ئىككىنچى ئەۋلاد بىر يۈرۈش مەلھىمى شىپا تەييارلىنىپ بازارغا سېلىندى‹‹مەلھىمى شىپا›› زەكەرنىڭ پالەچلەنگەن نېرۋىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، جىنسى ئەزانىڭ ئورۇقلىقى، سوغۇقلىقى ئاجىزلىقى،يوقالغان سەزگۈلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە.مەلھىمى شىپا يەرلىك ئورۇندىكى توسالغۇلارنى كۈچلۈك دەرىجىدە ئاچىدۇ، قىزىتىدۇ ،تومۇرلاردىكى بۇزۇلغان خىلىتلەرنى چىقىرىپ تاشلايدۇ ،خىراتىن مېيى ھۆللۈك يەتكۈزۈش ۋە ئوزۇقلۇق تۇلۇقلاپ سەمرىتىش رولىنى ئوينايدۇ.بىر يۈرۈش [...]

مەتبۇخى ئەپتىمۇن تەسىرى: بارلىق سەۋدا،سەپرا،بەلغەمنىڭ كۆيگەن خىلىتلىرىنى بەدەندىن سۈرىدۇ،قاننى تازىلايدۇ،قان تومۇرلارنى يۇمشىتىدۇ،كېڭەيتىدۇ،قۇيۇق قانلارنى سۇيۇلدۇرىدۇ. مېڭە،يۈرەك،ئاشقازان،جىگەر ،بۆرەك،ئۈچەيلەرنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ. ھەر قايسى ئەزالارغا چۈشكەن راك،جۇزام،سېفلىس،قىچىشقاق،تەمرەتكە قاتارلىق جاھىل كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. نۇسخىسى: خىياشەنبەر ، تەرەنجىبىن 200گرامدىن؛ئەپتىمۇن،تەمرىھىندى 100گرامدىن ؛ئەنجۈر قېقى،ئۇرۇقسىز قىزىل ئۈزۈم،چىلان،سەرپىستان 60گرامدىن؛سانا 36گرام؛ يەرلىك شوخلا، كاسىنە، بەدىيان ، ئەينۇلا، رۇمبەدىيان 30گرامدىن؛ شاھتەررە،سېرىق ھېلىلە 20گرامدىن؛ بىستىپايەج ، بىخ كاسىنە، سۇمبۇل 15گرام؛ نىلۇپەر،قىزىلگۈل،پىرسىياۋشان،گاۋزىۋان، بىخسۇس،بادىرەنجىبۇيا،بادام يېغى12گرامدىن؛ [...]

سۇپۇپلاردىن بىر نەچچە نۇسخا رېتسىپ تەركىبىدىكى دورىلار ئۆلچەم بويىچە ئېلىنىپ ، يۇمشاق سوقۇلۇپ ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇلغان ياسالما شەكلى سۇپۇپ بولىدۇ. سۇپۇپى ھاجىپى تەركىبى: شاقاقۇل مىسرى، سۆئلەپ مىسرى، مەستىكى رۇمى، دارچىن،تاباشىر،تەلماكانە،گۈڭگۈرت،سەرپىستان ،ناۋات قاتارلىقلار تەڭ مىقداردا. يۇمشاق سوقۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ھىم ساقلىنىدۇ. تەسىرى: كۆپ ئېھتىلام بولۇش، بالدۇر مەنىي يۈرۈپ كېتىشكە

مۇرەككەپ نۇسخىلىق ياللۇغ قايتۇرۇش ئەرقى بۇ ئەرەق داۋالاش ئەمەلىيىتىمىزدە كۆپ سىناقتىن ئۆتكەن دورا ، ئاساسلىقى ياللۇغ قايتۇرۇپ ، قىزىتما پەسەيتىدۇ.توسالغۇلارنى ئېچىپ، ئىششىق ياندۇرىدۇ. سۈيدۈك تامچىلاش،قىستاش، ئېچىشىپ كېلىش سۈيدۈك يىرىڭ ئارىلاش كېلىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ، ئەر-ئاياللاردىكى سۈيدۈك يولى ياللۇغى،،مەزى بېزى ياللۇغى ۋە ئىششىقى ، بۆرەك ياللۇغى ، داس بوشلۇغى ياللۇغى، بالىياتقۇ ياللۇغى، بالىياتقۇ سۇلۇق ئىششىقى، ئىچكى – تاشقى بۇۋاسىر ۋە بەدەنگە [...]

بۇ دورا بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش ۋە ئۇنىڭ سۈزۈش خىزمىتىنى ياخشىلاش،بۆرەك زەئىپلىكى،سوغۇق ئۆتۈش سەۋەبلىرىدىن بولغان بەل ئاغرىقلىرىنى يوقىتىش، باھ زەئىپلىكىگە مەنپەئەت قىلىپ شەھۋەتنى كۈچلەندۈرۈش،مەنىينىڭ سۇۋۇپ ۋە سۇيۇلۇپ كېتىشىنى ياخشىلاپ مەنىينى قىزىتىش، قۇيالدۇرۇش ۋە كۆپەيتىش،تىز كېتىشىنى تىزگىنلەش،بەدەن ھۆللۈكلىرىنى قۇرۇتۇش،ئاشقازاننى قىزىتىپ يەل تارقىتىش،ئۇنۇتقاقلىق نېرۋا ئاجىزلىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ ۋە كۆپىنچە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ نۇسخىلىرى ھەر خىل بولۇپ،تۆۋەندىكى چوڭ نۇسخىلىق ،مەنپەئەتلىرى [...]

قورساق كىچىكلىتىش ئۇمىچى بۇ مەخسۇس ئەرلەردىكى سېمىزلىك ئۈچۈن تەييارلانغان دورا بولۇپ ،قورساق تاۋۇزسىمان يوغىناش،پۇت ئىششىپ قېلىش،يۇقىرى قان بېسىم،بەدەننى ماي قاپلاش، يۈرەك سىقىلىش،يۈرەك ئېغىش ۋە قان تۇمۇر توسۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن كىشىلەرگە ئىشلىتىپ ئالاھىدە ئۈنۈمى كۆرۈلگەن دورا، بولۇپمۇ قورساق كىچىكلىتىش ئۈنۈمى يۇقىرى. بىر قاپ دورا يەتتە كۈن يەنى بىر باسقۇچلۇق بولۇپ، مۇشۇ بىرىنچى باسقۇچىدىلا ئۈنۈمى كۆرۈلگەنلىكىنى ھېس قىلىسىز. ئالاقىلاشقۇچى : تادۇبەگ تېلىفۇن [...]

بۇ مەجۈننىڭ خاسىيەتلىرى كۆپ بولۇپ ، قىسقارتىپ يېزىلدى. ھۆكۈمالار ئۇنى مەجۈنى لۇئلۇۋى،مەجۈنى بالادۇر دەپمۇ ئاتايدۇ.بەدەندىكى ھەر قايسى ئىللەتلەرگە شىپا بولۇر.ئەزالارنىڭ ھەممىسىنى قۇۋۋەتلەر. ئەقىلنى زىيادە قىلۇر،كۆزنى روشەنلەشتۈرەر ھەم قۇۋۋەتلەر،70خىل كېسەلگە داۋا بولۇر. بەلغەم ۋەسەۋدادىن بولغانكېسەللىكلەرگە داۋا بولۇر. ئېغىزنىڭ سېسىقلىقىنى ئالۇر،شۆلگەي ئېقىشنى توختىتۇر. جالىنۇسنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇنى يىلدا بىر قېتىم ئىستىمال قىلسا ، ئۇ كىشى ھېچقانداق ئىللەتكە گىرىپتاربولمايىكەن. ئادەمنى سەمرىتىدىكەن.ئەرلىكنى قۇۋۋەتلەر ، [...]

ئاددى نۇسخا: ئاقلانغان بادام مېغىزى، نىشاستە 35گرامدىن،شېكەر 175گرام. ئاۋال بادام مېغىزىنى قايناق سۇغا بەش مىنۇت چىلاپ، پوستى يۇمشىغاندا سۈزۈۋېلىپ، پوستىنى سۇيۇپ قۇرۇتىمىز، ئاندىن ھەممە دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ يۇمشاق سوقۇپ(100كۆزلۈك ياكى 80كۆزلۈك ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ) تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە بىر ياكى ئىككى قېتىم بىر قۇشۇقتىن كاپ ئېتىلىدۇ. تەبىئىتى: ئىسسىق. تەسىرى: بەلغەم بوشىتىش، يۆتەل پەسەيتىش.

ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ، ئىشلىتىش قولايلىقلاشتۇرۇلغان ۋە ئالاھىدە قۇتىغا قاچىلانغان ئىككىنچى ئەۋلاد بىر يۈرۈش مەلھىمى شىپا تەييارلىنىپ بازارغا سېلىندى‹‹مەلھىمى شىپا›› زەكەرنىڭ پالەچلەنگەن نېرۋىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، جىنسى ئەزانىڭ ئورۇقلىقى، سوغۇقلىقى ئاجىزلىقى،يوقالغان سەزگۈلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە.مەلھىمى شىپا يەرلىك ئورۇندىكى توسالغۇلارنى كۈچلۈك دەرىجىدە ئاچىدۇ، قىزىتىدۇ ،تومۇرلاردىكى بۇزۇلغان خىلىتلەرنى چىقىرىپ تاشلايدۇ ،خىراتىن مېيى ھۆللۈك يەتكۈزۈش ۋە ئوزۇقلۇق تۇلۇقلاپ سەمرىتىش رولىنى ئوينايدۇ.بىر يۈرۈش [...]

ھەببى سىل تەركىبى:ئاقلانغان تاتلىق بادام مېغىزى، ئاقلانغان ئاچچىق بادام مېغىزى ،قورۇلغان زىغىر، قورۇلغان چىلغوزا مېغىزى، ناۋات 14 گرامدىن؛ ئەينالۇ، رۇببىسۇس، ئېرسا ئالتە گرامدىن؛ زەفەر، ئەپيۇن تۆرت گرامدىن ؛. دورىلارنى قائىدە بويىچە سوقۇشقا تېگىشلىكلىرىنى سوقۇپ، قالغانلىرىنى سالايە قىلىپ بەدىيان سۈيىدە يۇغۇرۇپ، نۇقۇت چوڭلۇقىدا كۇمىلاچلىنىدۇ. گالنى سىلىقلاشتۇرۇپ ئاۋازنى ياخشىلاش،جاھىل ۋە كونا يۆتەلنى توختىتىپ ، ئۆپكە جاراھىتىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئىشلىتىش ئۇسۇلى كۈندە [...]

ئەگەر كىم ئات تۇيىقىنى ئىشىك ئالدى(ئاستى)دا قويسا ، چاشقان قاچۇر. ھەر كىم ئىتنىڭ چىشىنى كىچىك بالىنىڭ بوينىغا باغلاپ قويسا ، كېچە-كۈندۈز ھەر كىم قورقمىغاي. پىننىنى ئۇندەك قىلىپ قەنت بىلەن يىسە، مىجەزى سۇغۇق كىشىلەرگە بىسيار پايدا قىلۇر. يۈمغاقسۈتنى شېكەر بىلەن يىسە ، يۈرىكىدە ۋە ئۇستىخىنىدا ھەرگىز ئىسسىق قالمىغاي. ھەر كىم بۆرىنىڭ چىشىنى ئۆزى بىلەن ھەمرا قىلىپ يۈرسە، ھەرگىز دىۋانە بولمىغاي.