تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

ئاددى نۇسخا:
ئاقلانغان بادام مېغىزى، نىشاستە 35گرامدىن،شېكەر 175گرام.
ئاۋال بادام مېغىزىنى قايناق سۇغا بەش مىنۇت چىلاپ، پوستى يۇمشىغاندا سۈزۈۋېلىپ، پوستىنى سۇيۇپ قۇرۇتىمىز، ئاندىن ھەممە دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ يۇمشاق سوقۇپ(100كۆزلۈك ياكى 80كۆزلۈك ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ) تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە بىر ياكى ئىككى قېتىم بىر قۇشۇقتىن كاپ ئېتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ئىسسىق.
تەسىرى: بەلغەم بوشىتىش، يۆتەل پەسەيتىش.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: ھەر خىل ئپكە كېسەللىكلىرىگە يۆتەل توختىتىش ، بەلغەم بوشىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

مۇرەككەپ نۇسخىسى:
بادام مېغىزى،زىغىر ئۇرۇقى، شۇمشا ئۇرۇقى، نىشاستە، خەشخاش ئۇرۇقى، چىگىت مېغىزى،بىخسۇس 20گرامدىن،سەمغى ئەرەبى، كەتىرا، رۇببىسۇس 10گرامدىن ، شېكەر 375گرام.
بۇلاردىن بادام، زىغىر،بىخسۇس، چىگىت مېغىزلىرىدىن ئاقلاشقا تېگىشلىكلىرى ئاقلىنىدۇ،مېغىزى ئېلىشقا تېگىشلىكلىرى مېغىزى ئېلىنىدۇ. ئاندىن ھەممە دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ يۇمشاق سوقۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.
تەبىئىتى: ئىسسىق.
تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى يۇقىرىقى ئاددى نۇسخا بىلەن ئوخشاش ئەمما ئۈنۈمى يۇقىرى.



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....