مانا ubuntu 12.04 مۇ تارقىتىلىپ كۆپچىلىك ئاساسەن دىگۈدەك سىناپ بەزىلەر ھەتتا دائىملىق مەشغۇلات سىستىمىسى قىلىپمۇ ئۈلگۈردى ، WordPress ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بەزىدە يەرلىكتە WordPress ماڭدۇرۇش ئىھتىياجى تۇغۇلدى . شۇڭا ubuntu مۇھىتىدا NGINX,PHP,MySQL لارنى قاچىلاشقا توغرا كەلدى شۇڭلاشقا توردىن ئىزدىنىپ يۈرۈپ مەزكۈر يازمىنى تەييارلىدىم كۆپچىلىككە ئەز قىتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .
قېنى ئەمسە ئىشىمىزنى باشلايلى
تۆۋەندىكى مەشغۇلاتلارنى قىلىشتىن بۇرۇن كومپيۇتېرىمىزنىڭ سىتاتىك IP ئادرىسىنى خالىغانچە تەڭشىۋالىمىز (مەسىلەن 192.168.1.208 دىگەندەك قىىلىپ )
1. ئالدى بىلەن قاچىلاش ئاسان بولسۇن ئۈچۈن root ئىشلەتكۈچى ھالىتىگە ئۆتەيلى (كودنى تېرمىنالدا ئىجرا قىلىسىز)
sudo su
2. بۇ باسقۇچتا MySQL 5 نى ئورنىتىمىز ، تېرمىنالغا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى يېزىپ ئىجرا قىلىمىز .
apt-get install mysql-server mysql-client
بۇ ۋاقىتتا سىستېما سىزدىن تۆۋەندىكىدەك سورايدۇ
(ساندانغا شىفىر ئورنىتىسىز) : New password for the MySQL “root” user
(شىفىرنى قايتىلاڭ) : Repeat password for the MySQL “root” us
بۇ ۋاقىتتا سىز سانداننىڭ كۆڭۈلدىكى root ئىشلەتكۈچىسىگە شىفىر بەلگىلەيسىز .
3. Nginx نى ئورنىتىش ، Nginx نى ئورنىتىش ئۈچۈن تېرمىنالغا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى يېزىپ ئىجرا قىلىمىز .
apt-get install nginx
4.ئورنىتىپ بولغان Nginx نى قوزغىتىمىز ، Nginx نى قوزغىتىش ئۈچۈن تېرمىنالغا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى يېزىپ ئىجرا قىلىمىز .
/etc/init.d/nginx start
Nginx نى قوزغىتىپ بولۇپ سىناپ باقىمىز نورمال قوزغىلامدۇ يوق . توركۆرگۈچنى قوزغىتىپ ئادرىس قۇرىغا بايقى سىتاتىك Ip نى مونۇ ھالەتتە http://192.168.1.208 كىرگۈزۈپ (ياكى http://localhost نى كىرگۈزۈپ ) ئىنتىرنى باسىمىز ، ئەگەر Nginx نورمال قاچىلانغان بولسا
”Welcome to nginx!” دېگەن خەت چىقىدۇ . (تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك)
ئاندىن ماۋۇ ئىككى قۇر كودنى ئايرىم ئايرىم ئىجرا قىلىمىز
apt-get install php5-fpm
vi /etc/nginx/nginx.conf
ئاندىن چىققان كودنى تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرتىمىز
worker_processes 4;
keepalive_timeout 2;
5. بۇ قەدەمدە تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىپ مەۋھۇم مۇلازىمىتىرنىڭ خاسلىقىنى تەڭشەيمىز
vi /etc/nginx/sites-available/default
ئاندىن تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرتىمىز
server {
listen 80; ## listen for ipv4; this line is default and implied
listen [::]:80 default ipv6only=on; ## listen for ipv6
root /usr/share/nginx/www;
index index.php index.html index.htm;
# Make site accessible from http://localhost/
server_name _;
location / {
# First attempt to serve request as file, then
# as directory, then fall back to index.html
try_files $uri $uri/ /index.html;
}
location /doc {
root /usr/share;
autoindex on;
allow 127.0.0.1;
deny all;
}
#error_page 404 /404.html;
# redirect server error pages to the static page /50x.html
#
error_page 500 502 503 504 /50x.html;
location = /50x.html {
root /usr/share/nginx/www;
}
# proxy the PHP scripts to Apache listening on 127.0.0.1:80
#
#location ~ \.php$ {
# proxy_pass http://127.0.0.1;
#}
# pass the PHP scripts to FastCGI server listening on 127.0.0.1:9000
#
location ~ \.php$ {
try_files $uri =404;
fastcgi_pass 127.0.0.1:9000;
fastcgi_index index.php;
include fastcgi_params;
}
# deny access to .htaccess files, if Apache's document root
# concurs with nginx's one
#
location ~ /\.ht {
deny all;
}
}
ئاندىن تۆۋەندىكى كودنى ئىجرا قىلىپ Nginx نى قايتىدىن يېڭىلايمىز .
/etc/init.d/nginx reload
6. بۇ باسقۇچتا php سىناق بېتى قۇرۇپ مۇھىتنى سىنايمى
vi /usr/share/nginx/www/info.php
ئاندىن مەزمۇنىغا تۆۋەندىكىلەرنى يازىمىز .
ئەمدى تور كۆرگۈزنىڭ ئادرېس يېزىش ئورنىغا http://localhost/info.php نى يىزىپ ئىجرا قىلىپ كۆرۈڭ . phpمۇلازىمىتىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى چىقسا سىز مۇۋاپپىقىەتلىك قاچىلىغان بولىسىز ، ئاخىرىدا سىزگە مۇۋاپپىقىيەت تىلەيمەن .