ئەنگىلىيەنىڭ ئەپ تونۇشتۇردىغان ژورنىلى Tap Mag يىقىندا ئالما ئەپ بازىرى App Store توغرىسىدا تۆۋەندىكى سىتاستىكىنى ئىشلەپ چىقىپتۇ .
ئۇنداقتا كۆرۈپ باقايلى ئالما ئەپ بازىرى App Store زادى قانچىلىك چوڭ ؟
1. ھازىر ئالما ئەپ بازىرىغا قويۇلغان ئەپسىنىڭ سانى 650مىڭدىن ئاشىدۇ . مۇشۇنداق بولغاندا ئالما ئەپ بازىرىغا قويۇلغان ئەپلەرنىڭ ئىسمىنى بىر بىرلەپ ئوقۇپ چىقىش ئۈچۈن توپ توغرا بىر ھەپتە كىتىدۇ ، ئادەتتە بىر ھەپتە ۋاقىتتا 3 قىسىم ئانا يۇرىت رومانىنى ئوقۇپ تۈگىتىشكە بولىدۇ .
2. iOS ئۈسكىنىسى ئىشلىتىۋاتقان 100 ئائىلە باشلىقى ئىچىدىكى 75 ئائىلە باشلىقى ئۆزىنىڭ iOS ئۈسكىنىسىنى پەرزەنىتلىرى بىلەن ئوخشاش ئىشلىتىدۇ.
3. ھازىرغا قەدەر ئالما شېركىتى App Store ئارقىلىق ئەپ ئاچقۇچىلارغا 5مىلىيارد 500 مىللىيۇن دوللار ئەپ چۈشۈرۈش ھەققى تۆلىگەن ، App Store ئالما شىركىتى ئۈچۈن سىكونتىغا 1000 دوللار كىرىم قىلىپ بېرىدۇ
4. ئالما ئەپ بازىرى App Store نىڭ ھازىر 400 مىلىيۇن ئابونت ھىسابات نومۇرى بار بولۇپ بۇ سان جەنۇبى ئامرىكا قىتئەسىنىڭ نوپۇس سانىغا باراۋەر .
5. ئالما شىركتى ھازىرغا قەدەر سىتىپ چىقارغان iPhone、iPad لەرنى بىر بىرىگە ئۇلاپ تىزىپ چىقساق يەر شارىنى بىر ئايلاندۇرۇپ چىقىشقا بولىدىكەن ، مۇشۇنچىۋالا iPhone、iPad لارنىڭ ھەممىسى App Store دىن ئەپ چۈشۈرىدۇ .
يەرشارىدا 7مىليارد ئادەم تۇرسا،جەنۇبى ئامېرىكىدا 4مىليارد بارمىكەن؟
@نۇرنىجات تۈمەن مىڭ يىل خاپا بولمىغايلا ، ئاۋۇ خاتا بولۇپ قاپتۇ ، شۇنداق ئەسلى ئاۋۇ سان 400 مىلىيۇن بولسا توغرا بولاتتى ، سىلىمۇ زە قىززىقكەنلا ، جەنۇبى ئامرىكا نوپۇسىنىڭ 4 مىلىياردقا يەتمەيدىغىنىنى بىلدىكەنلايۇ App Store ئابونتىنى 4 مىكيارد دەپ قويسا ئىشىنىپ ئولتۇرۇپلا ھا ھا ھا ھا
تۈزىتىۋەتتىم ، خۇش ۋاق بولغايلا
سىز بۇ يازمىدا ئەپ ستورىنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىنى بىزگە بىلدۈرىۋاتقاندىكىن ئامال يوق ئىشىنىمىزدە؟!(چىشىنى ھىڭگايتىپ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)
@نۇرنىجات ھا ھا ھا