توربىكەت ئاچقۇچىلار ، ئىدارە -ئورگان مەكتەپلەر ، ئوتتۇرا چوڭ تىپلىق كارخانىلاردىكى تورباشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ خادىملارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئارىمىزدا مۇلازىمىتېر ئوينايدىغانلار بارغانسىرى كۆپەيمەكتە . مەنمۇ مۇشۇ سەپكە قىتىلغان سويما بولۇش سۈپىتىم بىلەن تورداشلار ئارا ئۆز مۇلازىمىتېرىنى قانداق باشقۇرىۋاتىدۇ ، شۇ توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇراي دىگەن مەخسەتتە كەسىپداشلارغا ئۆز مۇلازىمىتېرىمدا كەم بولسا بولمايدىغان 10 دانە يۇمشاق دېتالنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي (مۇلازىمىتېرىمغىغۇ ئادەتتە خېلى كۆپ يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلايمەن ، شۇنداقتىمۇ ئەڭ كەڭ قوللىنىلدىغانلىرىنى تىزىپ باقتىم باشقىلارمۇ كۆز قارىشىنى دەپ باقسا بولىدۇ )
      1. Arp ئوت تىمى
ھازىر مەن مۇلازىمىتېرىمغا سېستىما قاچىلاپ بولۇپ تۈنجى قىلىدىغان ئىشىم Arp ئوت تىمى قاچىلاش . ھازىرغا قەدەرغۇ مۇلازىمىتېرغا Arp ئوت تىمى قاچىلىمانلىقنىڭ زىيىنىنى تارتىپ باقمىدىم ، لىكىن مىنىڭ مۇلازىمىتېر باشقۇرغۇچى مالىمىم :جۇڭگودەك بۇنداق تور مۇھىتى پاكىزە بولمىغان دۆلەتتە چوقۇم Arp ئوت تىمى قاچىلاش كىرەك بولمىسا ياغاچ ئات ۋىروسىنىڭ سوقۇنۇپ كىرىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ دىگەن ، شۇڭلاشقا ماڭىمۇ ئادەت بولۇپ قاپتۇ ، ئادەتتە ئالتۇنتاغنىڭ ھەقسىز Arp ئوت تىمىنى ئىشلىتىمەن .

2. يېراقتىن باشقۇرۇش دېتالى
ھەممىمىز بىلىمىز بۇ مۇلازىمىتېر دىگەن كىسپۇرۇشنىڭ ئاۋازىغا چىدىماق تەس ، بۇنى ئاز دەپ مۇلازىمىتېرخانىغا توختىماي غوڭشىيدىغان ھاۋا تەڭشىگۈچ قويۇقلۇق ، مۇلازىمىتېر قويۇقلۇق ئۆيدە تۇرۇپ مۇلازىمىتېرنى باشقۇرۇش ، مۇلازىمىتېرغا نىسبەتەن مەشغۇلات ئىلىپ بىرىشقا توغرا كەلگەندە مۇلازىمىتېرخانىدا تۇرۇپ مەشغۇلات قىلىشقا چىدىيالمايمىز ، شاۋقۇن سۈرەن قۇلاقنى پاڭ قىلىپ قويىدۇ ، شۇڭلاشقا ھەممەيلەن مۇلازىمىتېرنى يىراقتا تۇرۇپ باشقۇرۇشقا ئادەتلەنگەن ، ئادەتتە مەن سىستېما ئۆزى تەمىنلىگەن يىراقتىن باشقۇرغۇچنى جىق ئىشلىتىپ كەتمەيمەن ، ئۆزۈم ئادەتلەنگەن ئىشلىتىش قۇلايلىق ، ھەممە مەشغۇلاتنى ئىلىپ بېرىشقا بولىدىغان بىخەتەر يىراقتىن باشقۇرۇش قورالى Radmin نى سىلەرگە تەۋسىيە قىلىمەن .

3. ئىقىم ھېسابلىغۇچ
باشقا مۇلازىمىتېر باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىقىم ھېسابلىغۇچ ئىشلىتىدىغان ياكى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلمەيمەن ، لىكىن مەن دائىم ئىشلىتىمەن ، ئىقىم ھېسابلىغۇچ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ سىزنىڭ مۇلازىمىتېرىڭىزدىكى توربىكەت ئارقلىق قايسى مۇلازىمەتنى قايسى ۋاقىت بۆلىكىدە كۆپرەك ئىشلىتىغانلىقىنى ، مەكتەپلەردە بولسا سىز قۇرۇپ قويغان ھۆججەت مۇلازىمىتېرىنى ئوقۇغۇچى بالىلار كىنو - ناخشا ، ئويۇن - پويۇنلار بىلەن توشقۇزىۋىتەمدۇ ، كىملەرنى چۈشۈرۈش بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ د، كۈنلۈك ، ھەپتىلىك ، ئايلىق ئىقىم مىقدارى دىگەندەك ئىقىمغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق سىستاستىكىسىنى بىلىش ئۈچۈن مۇلازىمىتېرىمغا DU Meter نى قاچىلايمەن .

4. ئېغىز كۆزەتكۈچ
گەرچە كومپيۇتېرىڭىزغا ۋىروسخور ، ئوتتام دىگەنلەرنى قاچىلىغان بولسىڭىزمۇ دۆلىتىمىزنىڭ تور مۇھىتىدا مۇلازىمىتېرىڭىزغا ئوغرى ، لۈكچەك يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلىنىپ قالمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ ، بەزىلىرىنى سىز بىز بىلىپ بولالمايمىز ، لىكىن بۇ لۈكچەكلەر سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزدىن ماتېريال ئوغۇرلىشى ، توختىماستىن كومپيۇتېرىڭىزنى زىيارەت قىلىش مۇمكىن ، بۇ لۈكچەكلەرنىڭ بىزدەك تەجىربىسى يوق سويما باشقۇرغۇچىلارنى ئالدىمىقى ئاسان ، بوزەك قىلىشى تۇرغانلا گەپ، لىكىن مىنىڭ بوزەك بولغۇم يوق پەقەت ، قانداق قىلاتتۇق ؟ ئەلۋەتتە ياخشى بولغان ئېغىز كۆزەتكۈچتىن پايدىلىنىمىز ، مەن ئادەتتە TcpViews ناملىق ئېغىز كۆزىتىش دېتالىنى ئىشلىتىمەن ، بۇ دېتال ئارقىلىق قايسى ئېغىزلار قايسى يۇمشاق دېتاللار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتىدۇ دىگەنلەرنى ئىنىق بىلىشكە بولىدۇ .

5. ئىجراۋۇل كۆزەتكۈچ
مۇلازىمىتېرىڭىزغا تورقوللىنىدىغان ئوغرى لۈكچەكلەر كىرىۋالسىغۇ ئىغىز كۆزەتكۈچ بىلەن بىلدىڭىز ، ئەگەر مۇلازىمىتېرىڭىزغا تور قوللانمايدىغان ، لىكىن سىستېمىنىڭ نورمال ئجرا بولۇش سۈرىتىنى ئاستىلىتىۋىتىدىغانلار ئوغرى لۈكچەكلەرنى ۋاقتىدا تازىلىۋەتمىسەك بولمايدۇ ، مەن دائىم ئىشلىتىدىغان ئجراۋۇل كۆزەتكۈچ Process Explorer بولۇپ بۇنىڭ ئىقتىدارى سىستېما تەمىنلىگەن ئىجراۋۇل باشقۇرغۇچتىن كۆپ ياخشى .

قالغىنىنى كۆپچىلىك ئۆزلىرى ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن مۇلازىمىتېر قوراللىرى بولسا بىرلىكتە سىناپ تەتقىق قىلىپ ئۆگەنسەك بولىدۇ .

ھە راس بىرگەپ ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ ، سىز بۇ يازمىنى ئوقۇپ بولغاندىن  كىيىن تېمىنىڭ بىشىغىراق قارىسىڭىز  Microsoftنىڭ بەلگىسىنى كۆرىسىز ، شۇ بايراقنىڭمۇ ئۈستىدە Google شىېركىتى مەخسۇس سىز ئۈچۈن تەۋىسىيە قىلغان  مۇلازىمىتېر قوللانمىلىرى بار ، شۇنىمۇ چىكىپ سىناپ كۆرگەيسىز .

 

بلوگ ئاپتورى:

مەزكۈر يازما 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى تەرىپىدىن « تەجرىبىخانا» سەھىپىگە يوللانغان. باھا يوللىماقچى بولسىڭىز بۇ يەردىن يوللاڭ. ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئالغان ھەمدە يازما ئادىرىسىنى ئەسكەرىتكەن ئەھۋالدا باشقا يەرگە يوللىسىڭىز بولىدۇ. +يازما ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
يازما ئەسلى ئادىرىسى: Web مۇلازىمىتېرىغا قاچىلاش زۆرۈر 5 يۇمشاق دېتال

【ئالدىنقى يازما】
【كېيىنكى يازما】

سىز قىزىقىدىغان باشقا يازمىلار



2 دانە ئىنكاس يوللاندى: (مېھمان:2 دانە ، يازما ئاپتورى:0 دانە )

  1. ئالپبەگ مۇنداق يازغان:

    گەرچە مەن مۇلازىمتېر ئىشلەتمىسەممۇ، لېكىن ئۇشبۇ يازمىدسىن كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم. مۇلازىمتېر باشقۇرۇش خېلى تەس ئوخشايدۇ.

    1 - قەۋەت
    • UyghurPC مۇنداق يازغان:

      مۇلازىمىتېر ماڭغۇزۇپ html بەت ماڭغۇزسا ئاسان بولامدىكى ، باشقا سىتېمىلارنى بولۇپمۇ نەچچە سىستېمىنى بىللە ماڭغۇزۇش خىلام تەس ئىش ، ئاران ئارانلا ماڭغان ئاشۇ

ئىنكاس يوللاش

[باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟]

gravatar

 

رەسىم قىستۇرۇش