brith_life_uztaj

تۇغۇلۇش – مۇھەببەتنى ئىزدەش ئۈچۈن !!!!

سەن سۆيۈش بىلەن سۆيۈلۈشنى بېشىڭدىن كەچۈرگەندىن كېيىن مۇھەببەتنى چۈشىنىسەن. ساڭا نىمىنىڭ ھەقىقى كېرەك ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسەن. ھەم   ئۆزۈڭگە ئەڭ ماس كىلىدىغان كىشىنى ئىزدەيسەن .ئۇنداق بىرسىنى تاپقاندا ئۇنى مەڭگۈلۈك ھەمرايىڭ قىلىپ تاللايسەن. ئۇ سىنىڭ مەڭگۈلۈكۈڭ بولامدۇ ۋە ياكى مەلۇم يا كىچىك يا چوڭ بولغان خاتالىق تۈپەيلىدىن يۈرەككە داغ قالدۇرۇپ كېتىپ قالامدۇ؟ ئۇنىڭ ھەممىسى تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ……………..

      سەن باشقىلارنىڭ ھاياتىدىكى نەچچىنچى كىشى بولۇشىڭ مۇمكىن، ھېچكىم كۆڭۈلنى قەستەن سوۋۇتۇپ يۈز ئۆرۈمەيدۇ، ئۇ سېنى سۆيگەن ۋاقىتتا ھەققىي سۆيگەن، مۇشۇنىڭ ئۆزى كۇپايە.

لېكىن شۇنىسى ئىنىقكى ئۇ سەندىن ئۈمىد ئۈزۈپ سۆيمەس بولغاندا، ھەقىقەتەن سۆيمەيدۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا ئارتۇقچە يىپىشۋىلىش ھاجەتسىز. ئۇنى يەنىلا ياخشى كۆرسەڭ ئۇنىڭغا بەخت تىلە.

مۇھەببەت شەخسى ئىگىلىك ئەمەس، سەن ماڭىلا مەنسۇپ بولىسەن دىيەلمەيسەن. خۇددى ئايغا ئوخشاش، ئاينى ياخشى كۆرىسەن، ئەمما ئۇنى ئۈزۈپ يىنىڭغا قويالمايسەن، پەقەتلا ئۇنىڭ نۇرىدىن بەھرى ئېلىپ، ئۆيۈڭنى يورىتالايسەن.

ئەگەر بىرسىنى ھەقىقى ياخشى كۆرسەڭ ئۇنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ، ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى، ئەسكىلىكىنى ،ئارتۇقچىلىقىنى، كەمچىلىكىنى ھەممىسىنى قوبۇل قىل .

 ئۇنى سۆيىمەن دەپ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆزۈڭ خالىغان ئۈمىد قىلغان ھالەتكە كېلىشكە مەجبۇرلىما. ئۇنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۆزۈڭگە تەسەللى ئىزدىسەڭ، ئۆزۈڭگە ھەم ئۇنىڭغا ئەڭ چوڭ ھاقارەت.

ئۇنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈشنىڭ سەۋەبىنى دىيىشكە ئامالسىز قالىسەن. پەقەتلا مەيلى قەيەردە بولما، كەيپىياتىڭ ياخشى- يامان بولسۇن، ئاشۇ ئادەمنى ئىزدەيسەن، ھەمرا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىسەن، ئۇ ئارقىلىق ئۆزەڭگە تەسەللى ئىزدەيسەن. لېكىن ئۇ خىل ھىسياتنى تاپالمىغان ۋاقتىڭدا، ئۆرەڭنى تولىمۇ  بىچارە، ئامالسىز ھېس قىلىسەن. مانا بۇ مۇھەببەت~~~

ھىسيات ئۈچۈن چوقۇم بەدەل تۆلەش كېرەك، پەقەت ئىرىشىشنىلا ئويلىساڭ خاتالاشقان بولىسەن. ئىككى تەرەپتە ئايرىلىپ تۇرۇشنىڭ ئۆزى بىر خىل مۇقەررەر سىناق، ھىسياتقا ئىشەنچ قالمىغاندا ئامالسىز ئۇتتارغانغا تەن بىرىسەن~~~~

ھىسياتىڭنى مۇكەممەل قىلىشقا كۆزۈڭ يەتسە ھەرگىز بوشىشىپ قالما .

چۈنكى ئىسىڭدە بولسۇن – سىنىڭ بەختىڭ ئۆزەڭنىڭ قولىدا~~~~~

بلوگ ئاپتورى:

مەزكۈر يازما 2013-يىلى 08-ئاينىڭ 02-كۈنى تەرىپىدىن « مودىلار» سەھىپىگە يوللانغان. باھا يوللىماقچى بولسىڭىز بۇ يەردىن يوللاڭ. ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئالغان ھەمدە يازما ئادىرىسىنى ئەسكەرىتكەن ئەھۋالدا باشقا يەرگە يوللىسىڭىز بولىدۇ. +يازما ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
يازما ئەسلى ئادىرىسى: تۇغۇلۇش – مۇھەببەتنى ئىزدەش ئۈچۈن

【ئالدىنقى يازما】
【كېيىنكى يازما】

سىز قىزىقىدىغان باشقا يازمىلار



ئىنكاس يوللاش

[باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟]

gravatar

 

رەسىم قىستۇرۇش