ياخشىمۇ سىلەر ئەزىز قېرىنداشلىرىم ، ئۇزۇن ۋاقىتلار بوپتۇ ، خىزمەت ، تۇرمۇش ئالدىراشچىلىقىدا بىلوگقا يازمىمۇ يوللىيالمىدىم ، شۇندىمۇ ئارلىقتا ۋاقىت چىقىرىپ ئۇشبۇ قىسقا يازمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن . يىقىندا باشقا يەردىكى ئىدارىدە خىزمەتتە بولۇپ قالدىم ، مەن خىزمەتكە بارغان ئۇ ئىدارىنىڭ ئىشىانىسىدا بىرلا يان كومپيۇتېر تورغا ئۇلانغان بار ئىكەن ، مەن يانفۇنۇمدا ۋە ئۆزۈم ئىلىپ بارغان يان كومپىيۇتېردا سىمسىز تورغا چىقىش ئۈچۈن ئۇ ئىشخانىدىكى يان كومپيۇتېرغا Connectify دىگەن يۇمشاق دىتالنى قاچىلاپ ئۇ يان كومپيۇتېردىن Wifi سىگىنالى تارقىتىپ شۇنى ھەمبەھىرلەپ ئىشلىتىشنى ئويلاشقان ، شىنىڭ بىلەن توردىن Connectify (بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ شۇنداق ئىقتىدارى بارلىقىنى بىلەتتىم )نى ئىزدەپ بىرنى چۈشۈرۈپ كومپيۇتېرغا قاچىلاپ قارىسام بۇ كاساپەت ھەقلىق يۇمشاق دېتالكەن ئەمەسمۇ ، يىشىۋىتىلگەن نۇسقىسىنىمۇ چۈشۈرۈپ ئىلىتىپ باقتىم ، دېگەندەك تۇراقلىق ئەمەس ، ھەم شۇنداقلا يىشىۋىتىلگەن نۇسقىسى دۇرۇس ئەمەس بولغاچقا تورئاختۇرۇپ يۈرۈپ ئىقتىدارى Connectify غا ئوخشاش تورغا ئۇلانغان يان كومپيۇتېردىن سىمسىز توركارتىسىنىڭ ياردىمىدە Wifi سىگىنالى تارقىتالايدىغان يىشىل يايلاق ناملىق كىچىك قورالنى ئۇچرىتىپ قالدىم ، بۇ يۇمشاق دېتال بىلەن سىگىنال تارقىتىپ ئۆزۈمنىڭ يانفۇنى ۋە يان كومپىيۇتېرىنى ئۇلاپ ھازىرغىچە ئىشلىتىۋاتىمەن .شۇنداقلا دوسىتلارنىڭ سىناپ كۆرىشىگە سۇندۇم .
دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى :
ئىشلىتىش ئىنتايىن ئاسان ئىكەن ، قىنى بى يەردىن چۈشۈرۈپ ئىلىتىڭ http://www.22zy.net
كومپىيۇتېرنىڭ ئۆزىدە تەلىپىڭىزنى قاندۇرالايدىغان ئىقتىدار بار غۇ.
سىز نېمىشقا ئۇنى پايدىلانمىدىڭىز؟
سىز نىمە .ۇسۇلنى دەيدىغانسىز ، بىر دەۋەتمەمسىز بىلىۋالايلى
مەنمۇ ئادەتتە شۇ Connectify نى ئىشلىتىپ تارقىتاتتىم .بۇ يېشىل يايلاقنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقاي قىنى .تەلەي ئەپەندى،بولسا ئاشۇ ئىقتىدارنى دەۋەتسىڭىز بىر بىلى،گە ئىگە بولىۋالساق …