mother language

ب د ت پەن – مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO ) نىڭ بېكىتىشى بىلەن ھەر يىلى 2 – ئاينىڭ 21 – كۈنى 2000 – يىلدىن باشلاپ ‹‹ دۇنيا ئانا تىل كۈنى ›› دەپ قۇتلانماقتا. ئېلىمىز جۇڭگودىمۇ بۇ كۈن تۈرلۈك شەكىلدە مول مەزمۇنلۇق خاتىرلەنمەكتە. باشقىچە ئېيتقاندا، بۈگۈن ئۇيغۇر تىلىنى ئانا تىل سۈپىتىدە ئەزىزلەيدىغان كىشىلەر ( يەنى ئۇيغۇرلار ) ئۈچۈن << دۇنيا ئۇيغۇر تىلى كۈنى >> دۇر! نۆۋەتتىكى يازمىمىز دەل << دۇنيا ئۇيغۇر تىلى كۈنى >> شەنىگە بېغىشلانغان.
تىل ئالاقە ۋاستىسى ۋە تەپەككۇر قۇرالى، شۇنداقلا مىللەتنىڭ مەنىۋى ئومۇرتقىسى، مىللىي مەۋجۇدلۇقىنىڭ زۆرۈر كاپالىتى، مىللەت تەرەققىياتىنىڭ سولماس قانىتى. دۇنيادىكى بارچە تىللار ئوخشاش گۈزەل ۋە بۈيۈك ھېسابلانسىمۇ، ئەمما ھەر مىللەت ئۈچۈن ئۆز ئانا تىلى ئەڭ مۇقەددەستۇر!
ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى ! ئۇيغۇر تىلى – ئۇيغۇرنىڭ جېنى!
ھەر بىر ئۇيغۇر پۇشتى ئۇيغۇر تىلىنىڭ شان – شەرىپىنى قوغداش، ساپلىقى ۋە گۈزەللىكىنى ساقلاش، پاساھىتى ۋە بالاغىتىنى جەۋلان قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆز ئانا تىلى ‹‹ ئۇيغۇر تىلى ›› نى قەدىرلىشى ، ئۇنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشى، ئىجتىمائىي ئالاقىلەردە ئۇنى سۆيۈنۈش ئىلكىدە ئىشلىتىشى كېرەك. ئىنسان پەقەت ۋە پەقەت ئانا تىل تەپەككۇرى ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى يارىتالىشى مۇمكىن. ئېينىشتىيىنمۇ ئەگەر ئانا تىلى – نىمىس تىلى ئارقىلىق تەپەككۇر قىلمىغان بولسا ئىلىم – پەننىڭ چوققىسىغا مۇۋاپپەقىيەتلىك ئۆرلىيەلمىگەن بولاتتى. بىز يەنە شۇنى ئۈمىد قىلىمىزكى، ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى مىللەتنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى نامايىش قىلىش، مىللەتنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى يارىتىش ئۈچۈن چوقۇم خەنزۇ ، ئېنگىلىز تىللىرىغا ئوخشاش باشقا بىر قانچە تىلنى ئىگىلىشى لازىم. بىر تىلنى ئارتۇق بىلگەنلىك ، ھېكمەت قەسىرلىرىدىن بىرىنىڭ ئاچقۇچنى ئارتۇق ئىگىلىگەنلىك؛ بىر تىلنى ئارتۇق بىلگەنلىك دۇنيانى چۈشىنىشنىڭ يېڭى بىر خىل ئۇسۇلىغا ئېرىشكەنلىك؛ بىر تىلنى ئارتۇق بىلگەنلىك جاھاندارچىلىقنىڭ يەنە بىر يولىنى تاپقانلىقتۇر. ئانا تىلنى باشقا تىللار بىلەن قارمۇ – قارشى قويۇپ قويماسلىق ، تىل ئۆگىنىشنى بىر تۈرلۈك زۆرۈر مەنىۋىي ساپا سۈپىتىدە تونۇش كېرەك.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ھۆكۈمىتىمىز ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىنى قوغداش جەھەتتە زور خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. مەسىلەن، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدىكى پەن كەسىپلەرنى ئېچىش، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل – يېزىقىدىكى نەشىرىياتچىلىقنى زور كۈچ بىلەن قوللاش قاتارلىق. ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىنى قوغداش ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى تېگىشلىك ھۆرمەت ۋە تەرەققىيات ئىمكانىغا ئىگە قىلدى.
ئەمما ، مانا شۇنداق چوڭ ياخشى ۋەزىيەتتە ئانا تىل تەربىيىسى بىر چەتتە بويۇن قىسىپ قالسا ، بوغۇنلار باشقا تىللاردا قۇشقاچتەك سايراپ، ئۆز ئانا تىلىدا << ئانا ، دادا >> دېيەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالسا ، بۇ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋال بولمامدۇ؟!… تۈركىي مىللەتلەرنىڭ پەخىرلىك يازغۇچىسى چېڭغىز ئايتىماتوف: «كۆپ تىللىق بولۇش شەراپەت، ئانا تىلنى بىلمەسلىك جىنايەت» دەپ تولىمۇ توغرا ئېيتقان. شۇڭا، بىز شۇنى تەكلىپ قىلىمىزىكى، ئاتا – ئانىلار ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى – بۇرچىنى تولۇق تونۇپ، مەكتەپلەردىكى ئانا تىل تەربىيىسى سالمىقى تۆۋەنلىگەن شارائىت ئاستىدا ئائىلىدىكى ئانا تىل تەربىيىسى سالمىقىنى ئاشۇرۇشى ، ئەدىناسى پەرزەنتلىرىنى ئانا تىلىدىن مەھرۇم قويماسلىقلىرى كېرەك.

سەمىمىزدە بولسۇنكى، ئانا تىل ـــــ ئانىمىزنىڭ تىلى! سڭقۇسەلى تۇتۇڭ، مەھمۇد كاشغەرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىب، ئەلشىر ناۋايى …. نىڭ تىلى! مۇقاملىرىمىزنىڭ كۈي- چەشمىلىرىگە، مىڭ ئۆيلىرىمىزنىڭ نەقىش-بېزەكلىرىگە، ھەتتا قان-قېنىمىزغا، تومۇر-تومۇرلىرىمىزغا سىڭگەن تىل، ھەمىمىز «ئانا» دەپ تۇنجى ئېغىزلانغان تىل.
خۇلاسە، مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى ئويلايمىز، پەرزەنتىمىزنى توغرا تەپەككۇرغا، ساغلام روھى ھالەتكە ئىگە قىلىمىز دەيدىكەنمىز، ئانا تىلمىز – ئۇيغۇر تىلىنى سۆيەيلى، پەرزەنتلىرىمىزگە ئانا تىلنى ئۆگىتەيلى!!!

بلوگ ئاپتورى:

مەزكۈر يازما 2014-يىلى 02-ئاينىڭ 20-كۈنى تەرىپىدىن « ئۇيغۇر تىلى» سەھىپىگە يوللانغان. باھا يوللىماقچى بولسىڭىز بۇ يەردىن يوللاڭ. ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئالغان ھەمدە يازما ئادىرىسىنى ئەسكەرىتكەن ئەھۋالدا باشقا يەرگە يوللىسىڭىز بولىدۇ. +يازما ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
يازما ئەسلى ئادىرىسى: << دۇنيا ئۇيغۇر تىلى كۈنى >> شەنىگە
خەتكۈچلەر: ,

سىز قىزىقىدىغان باشقا يازمىلار



1 پارچە ئىنكاس يوللاندى:

  1. ئابلەت مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۆز تاج ، مەن بىلەن ئالاقىلاشقان بولسىڭىز. ئېلخەتكە ئۈندىدار ، كىيۇ كىيۇ نۇمۇرىڭىز قالدۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ.رەھمەت.
    ablat45@gmail.com

    1 - قەۋەت

ئىنكاس يوللاش

[باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟]

gravatar

 

رەسىم قىستۇرۇش