ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىل-يېزىقى

 

مەھمۇد قەشقىرى

ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخى

ئۇيغۇر تىلى تەرەققىياتىنىڭ (‘ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە’ نىڭ ئىككىنچى بۆلىكى) دىكى پاكىتلىرى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخىنىڭ خېلى ئۇزاق تارىخىي دەۋرگە بېرىپ تاقىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. چۈنكى يېزىق بىلەن تىلنىڭ شەكىللىنىشى ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلارنى بىر- بىرىدىن مۇتلەق ئايرىۋېتىش ماركىسىزىملىق تىلشۇناسلىق ئىلمىگە ئۇيغۇن ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنىڭ شەكىللىنىش تارىخىغا قاراپ، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ پەيدا بولىشىنىمۇ پاكىتلارغا تايانغان ئىلمىي پەرەز ئۇسۇلى بىلەن مىلادىدىن خېلى ئۇزاق بىر دەۋرگە سۈرۈش مۇمكىن.

ھەممىگە مەلۇمكى، ھونلار ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىككى مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرۈپ، شەرقىي تېنچ ئوكياندىن غەربىي كاسپىي دېڭىزىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى خەلقلەرنى ۋە مانجۇرىيە، سىبىرىيەدىكى پۈتۈن قەبىلىلەرنى ئۆزىگە بوي سۇندۇرۇپ، بۇ كەڭ زىمىندىكى 26 تۈركىي دۆلەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، جاھاننى زىل- زىلىگە سالغان بۈيۈك ھون ئىمپىرىيەسىنى قۇرغان. خېيۋا خانى ئوبۇلغازى باھادۇرخان ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى ‘تارىخىي شەجەرىئىي تۈرك’ تە "ئوغۇزخان ئۆزىگە ئۇيغۇر ئاقساقالى ئىرقول غوجىنى ۋەزىر قىلغان" دىگەن سۆز بار. ئەپسانە ۋە رىۋايەتلەرنى ھىسابقا ئالمىغاندا، تارىختا ئوغۇزخان دىگەن شەخس ئۇچىرىمايدۇ. ئەمما تارىخ ئىلمىي تېخى مەيدانغا كەلمىگەندە، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، بولۇپمۇ ئەپسانە ۋە رىۋايەت، چۆچەك قاتارلىقلار تارىخنىڭ رولىنى ئوينىغانلىقى ئىلمىي ھەقىقەت. شۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، تارىختىكى ھون تەڭرىقۇتى باتۇر تەڭرىقۇت ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئوغۇزخان دىگەن نام ئالغانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ھون ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا، ھون تەڭرىقۇتى باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ئۇيغۇر ئاقساقالى ئىرقول غوجىنى ئۆزىگە ۋەزىر قىلغانلىقى رىياللىققا ئۇيغۇن كېلىدۇ. ھون ئىمپىرىيەسى چىن ۋە ۋىزانتىيە (شەرقىي رىم ئىمپىرىيەسى) قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ، سودا كېلىشىملىرىنى تۈزگەنلىكى تارىختىن مەلۇم. بۇ كېلىشىملەر ئەلۋەتتە يېزىق بىلەن ئىپادىلىنىشى كېرەك. بىر تەرەپنىڭلا يېزىقى بىلەن يېزىلىش ئەقىلگە سىغمايدۇ، چۈنكى ئۇنداق بولۇش تارىختىكى ھىچقانداق دىپلوماتىيە قائىدىسىگە ئۇيغۇن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنيانى زىل- زىلىگە كەلتۈرۈپ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىككى مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرگەن ۋە شۇنچە كەڭ زىمىندىكى شۇنچە كۆپ خەلقنى ئۆز ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرالىغان شۇنداق قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ يېزىقى بولمىغان، دىيىش ئەقىلدىن تولىمۇ يىراق، ئەلۋەتتە.

چىننىڭ غەرب بىلەن بولغان سىياسىي مۇناسىۋىتى خەن ۋۇدى زامانىدىن باشلانغانلىقى بىزگە تارىختىن مەلۇم (مىلادىدىن بۇرۇنقى 137- يىللىرى جاڭ چىيەن كەلگەندىن باشلاپ). ئەمما ھونلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 770- يىللىرى ئۆتكەن جۇ سۇلالىسى، مىلادىدىن بۇرۇنقى 403- يىللىرىدىكى جەنگو دەۋرلىرىدە چىننىڭ شىمالىغا ھۇجۇم قىلىپ كىردى. يەن، جاۋ، بەگلىكلىرى دەۋرىدە، چىن ھونغا قارشى سېپىل سوقۇشقا مەجبۇر بولدى. كېيىن چىن شىخۇئاڭ بۇ سېپىللارنى بىرلەشتۈرۈپ، تارىختا مەشھۇر ئاتالغان 3000 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى سەددىچىن سېپىلىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپ، ھونلارنىڭ ھۇجۇمىنى توستى. چىن شىخۇئاڭ ھايات ۋاقتىدا ھونلار سىددىچىن سېپىلىنى بۆسۈپ ئۆتەلمىگەن ئىدى. خەن گاۋزۇڭ زامانىسىغا كەلگەندە، ھونلار باتۇر تەڭرىقۇت رەھبەرلىكىدە سەددىچىن سېپىلىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، شەنشىنىڭ داتۇڭ دىگەن يېرىدە خەن گاۋزۇڭنى قورشاۋغا ئېلىپ، ئۇلارنى ناھايىتى قورقىتىۋەتتى. خەن سۇلالىسى پادىشاسى خەن گاۋزۇڭ ھونلارنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاشقا مەجبۇر بولۇپ، ئىككى ئوتتۇرىدا كېلىشىم تۈزۈلدى ۋە باتۇر تەڭرىقۇتقا خەن سۇلالىسى پادىشاسىنىڭ قىزى ماۋجۈننى ياتلىق قىلدى. شۇ ۋاقتىدا تۈزۈلگەن بېتىملەر، ئەلۋەتتە ئىككى خىل تىل ۋە ئىككى خىل يېزىقتا يېزىلغان بولىشى مۇمكىن. ئۇندىن باشقا، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە، خەن سۇلالىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ ھون تەڭرىقۇتىغا يازغان بىرنەچچە پارچە خېتى بار. بۇ خەتلەر يالغۇز خەنزۇ يېزىقىدا يېزىلغان، دىيىشكە ئاساس يوق. بۇنداق خەتلەرنىڭ خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكى بىزگە چىن يىلنامىلىرىدىن مەلۇم. يۇقۇرىدىكى پاكىتلار شۇنى ئېنىق كۆرسىتىدۇكى، ھون ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقى ھازىر ئېيتىلىۋاتقاندەك 4-، 5- ئەسىرلەردە ئەمەس، بەلكى مىلادىدىن خېلىلا بۇرۇن يارىتىلغان بولىشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا، ھون ئىمپىرىيىسى ئىشلەتكەن تىل ئۇيغۇر تىلى، ھون ئىمپىرىيىسى ئىشلەتكەن يېزىقمۇ ئۇيغۇر يېزىقى، دىيىشكە ھەقلىقمىز. شۇڭا مەشھۇر تۈركشۇناس ۋىنگىر ئالىمى جھورف تىئورنىڭ تۆۋەندىكى پىكرىنى ئاساسسىز دەپ قاراشقا بولمايدۇ: "ئەڭ قەدىمىي زامانلاردىن بېرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يېزىقلىرى ۋە تۈرك تىللىرىدا يېزىلغان ھەر خىل ئەدەبىياتلىرى بار ئىدى. ئۇيغۇر يېزىقلىرى قەدىمقى زامان تارىخىغا دائىر ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى بىزنىڭ پىكرىمىزنى قەدىمقى جۇڭگو، ۋىزانتىيە (شەرقىي رىم) ۋە پارس مەنبەلىرىدىن ئېلىنغان تارىخىي ھۆججەتلەر ئىسپاتلايدۇ.

بارلىق تۈرك خەلقلىرى ئىچىدە ئەڭ قەدىمقىسى ھىساپلانغان ئۇيغۇرلار مىلادىدىن بۇرۇن ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن ئۆزلىرىنىڭ مۇكەممەل يېزىقلىرى ۋە مۇستەقىل ئېلىپبەلىرىگە ئىگە ئىدى. ئۇلارنىڭ بەدىئىي ئەدەبىياتى بولسا، ناھايىتى چىرايلىق ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات بولۇپ، ئۇمۇ مىلادىدىن بۇرۇن ۋۇجۇتقا كەلگەن...... مىلادىدىن 1000 يىل بۇرۇنقى دەۋردىن باشلاپ، ئۆزلىرىگە خاس بولغان يىلنامەلەرنى ياراتقان..." دەيدۇ. (ۋ. تىئورى ‘14- ئەسىرگىچە تۈرك سانلىرىدا تارىخىي ئابىدىلەر’، ‘تۈرك يۇرتى مەجمۇئەسى’ 1915- يىل، ‘شەرق ھەقىقىتى’ 1949- يىل 11- سان) ئۇنىڭ بۇ پىكرىنى 10- ئەسىردە شىنجاڭغا كەلگەن ۋاڭ يەندىنىڭ ‘ئۇيغۇر دۆلەتلىرى توغرىسىدا خاتىرە’ لىرىدىمۇ ۋە مەتمەرئىبنى تاھىر ئەلممۇقەتتاسنىڭ ‘كىتابۇلبەدغ ۋە تتارىخ’ دىگەن ئەسىرىدىكى پىكىرلەرمۇ تەستىقلايدۇ. ئەپسۇسكى مانا دەپ پاكىت قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ زاماندا يېزىپ قالدۇرغان خەت- چەك ۋە ھۆججەت ئەسەرلىرىدىن بىزنىڭ زامانىمىزغىچە ھىچبىر نەمۇنىلەر يېتىپ كېلەلمىگەن. يۇقۇرىدىكى قائىدە- داۋلىدىن ئۇيغۇرلار ئىشلەتكەن ئۇيغۇر ئېلىپبەسى ۋە ئورخۇن يېزىقىدىن باشقا يەنە قانداقتۇر بىر يېزىقتىن پايدىلانغان بولىشى ياكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى مىلادىدىن خېلىلا بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن بولىشى مۇمكىن، دىگەن خۇلاسىگە كېلىش مۇمكىن. يېقىندا خوتەندىكى ئاق سېپىل خارابىسىدىن تېپىلغان كېسەكلەردىكى كونا ئۇيغۇر يېزىقى بۇ داۋلىنى ئىسپاتلاشقا ياردەم بېرىدۇ. لېكىن بۇنى تېخىمۇ تولۇق ۋە ئېنىق ئىسپاتلاش ئۈچۈن چوڭقۇر ئىزدىنىش كېرەك. خۇلاسە قىلغاندا، قەدىمقى ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى ئۇزۇن يىللىق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە مىللەتلەرگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ پىكىر- مەقسەتلىرىنى، ئارزۇ- ئۈمىتلىرىنى بىرەر شەكىل ۋە بىرەر بەلگە بىلەن ئىپادىلەپ بېرىشكە ئىنتىلگەن. بۇ ئىنتىلىش ئۇلارنىڭ يېزىقىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن. 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ، بۈگۈنكى دەۋرگىچە بولغان ئارىلىقتا تېپىلغان يازما يادىكارلىقلار، ئابىدىلەر، مەڭگۈ تاشلار، پەن- مەدەنىيەتنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە ئائىت بولغان ھەر خىل ئىلمىي، ئەدەبىي، دىنىي، پەلسەپەۋىي ئەسەرلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمقى دەۋرلەردىن باشلاپ خېلىلا تەرەققى قىلغان پارلاق مەدەنىيەتكە، مۇكەممەل ئەدەبىي تىلغا ۋە بۇ تىلنى تولۇق، بىمالال ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئېلىپبەلىك ئىلغار يېزىققا ئىگە مەرىپەتپەرۋەر خەلق ئىكەنلىكىنى روشەن چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن تارتىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىكى تۈركولوگلار، ئۇيغۇرشۇناسلار دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن يازما يادىكارلىقلارنىڭ ماكان، زامان، تىل ۋە يېزىق خۇسۇسىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار مىلادى 4- ئەسىرلەردە رەسمىي يېزىققا ئىگە بولغان، دىگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. ئەمما يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بېرى، تۇرپان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تېپىلغان يازما ۋە ئويما يادىكارلىقلارنىڭ مەيدانغا كەلگەن دەۋرى، تىلى ۋە يېزىقلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت ئېلىپبەلىك يېزىقتىن پايدىلىنىش تارىخىلا ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا. ئۇيغۇرلاردا رەسىملىك يېزىق ۋە بوغۇملۇق يېزىق بولۇشتىن سىرت، تارىخىي مەلۇماتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، خوتەندىن تارتىپ كۇچار، ئاقسۇ ئەتىراپىغىچە توخار، تىبەت، سانىسكىرىت (ھىندى)، مانى يېزىقلىرىنى ئىشلەتكەن. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق مەدەنىيەت تارىخىي جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىلغار ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسى ۋە ئىسىل ئەخلاق- پەزىلەتلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، خوشنا مىللەتلەرنىڭ يېزىق مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ، باي ۋە گۈزەل مەدەنىيەت ياراتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. يۇقۇرقىلاردىن باشقا، ئۇيغۇرلار ئۇزاق مەدەنىيەت تارىخىي مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈش جەريانىدا، ‘كونا ئۇيغۇر يېزىقى’ نى ‘ئورخۇن- يېنسەي يېزىقى’ نى، ‘سوغدى يېزىقى’ نى، قىسمەن خەنزۇ يېزىقىنى، كېيىن ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئىجات قىلغان ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ‘ئۇيغۇر يېزىقى’ نى ئىشلىتىپ، دۇنيا مەدەنىيەت غەزىنىسىنى ئۆچمەس ئۇتۇقلار بىلەن بېيىتتى.
تىل ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى
1 . تىل

تىلنىڭ رولىدىن قارىغاندا ، ئۇ ئالدى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقە قورالى ۋە تەپەككۇر قورالى . چۈنكى ، ئىنساننىڭ ئىشلىتىۋاتقان ئالاقىلىشىش قورالى يالغۇز تىللا ئەمەس ، يېزىق ، ئىما – ئىشارەت ، قاتناش چىراغلىرى ، بايراق قاتارلىقلارمۇ كىشىلەر ئىشلىتىۋاتقان ئالاقىلىشىش قورالىدۇر . ئەمما بۇ ئالاقىلىشىش قوراللىرى ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولىدىغان مەزمۇن چەكلىك ، تىل ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولىدىغان مەزمۇن بولسا مىسلىسىز كۆپ . چوڭقۇر مەنىلىك ئوي – پىكىرلەر ، نازۇك ھېسسىياتلارنى تىل ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولىدۇ . تىل يالغۇز ئالاقە قورالى بولۇپلا قالماي ، ئۇ يەنە تەپەككۇر قورالىدۇر . تىلنىڭ تەپەككۇر قورالى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ، تىل بىلەن تەپەككۇر ھەر ئىككىسىنىڭ چوڭ مېڭىنىڭ فۇنكسىيىسى ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش كېرەك . بۇ يەردىكى تەپەككۇر ئەلۋەتتە ئۇقۇم ، ھۆكۈم ۋە خۇلاسىلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە قارىتىلغان لوگىكىلىق ئابستراكت تەپەككۇردۇر . تىل بىلەن تەپەككۇر ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ ئىككىسى بىر نەرسە ئەمەس . تىل ئاساسەن مىللەت بويىچە ئايرىلىدۇ . شۇڭا ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ تىلى ھەرخىل بولىدۇ . تەپەككۇر قانۇنىيەتلىرى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغاچقا ، تەپەككۇر نەتىجىلىرىنى (ئىدىيىنى) تەرجىمە قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ . ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىللىرى ئوخشاش بولمىغاچقا ، تەرجىمە قىلىش ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ .
دېمەك ، تىل ھەم ئالاقە قورالى ھەم تەپەككۇر قورالى . بۇ ئىككى تەرەپ بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ، بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ . تەپەككۇردىن ئايرىلغان ھالدا پىكىر ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا گەپ ئېچىش مۇمكىن ئەمەس . پىكىر ئالماشتۇرۇش بولمىسا ، ئالاقىلىشىش دېگەن يوق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئالاقىلىشىش ئېھتىياجى بولمىسا ، تىلمۇ پەيدا بولمىغان بولاتتى ، تەپەككۇر قورالى دەيدىغان نەرسىمۇ بولمىغان بولاتتى . مۇئەييەن بىر تىل ئالاقە قورالى قىلىنمىسا ، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا تەپەككۇر قورالى بولۇش سالاھىيىتىدىنمۇ مەھرۇم بولىدۇ .
2 . ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى

بۈگۈنكى كۈندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ، ئۇيغۇر تىلىنى ئالاقىلىشىش ۋاسىتىسى قىلغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ، بىر – بىرىنى چۈشىنىش ۋە ئالاقە باغلاشتىكى ئەڭ مۇھىم ئالاقە قورالى — ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي تىلى بولغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنى ئىلمىي ئاساستا ئۆگىتىدىغان ، تەتقىق قىلىدىغان پەنمۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەپ ئاتىلىدۇ .
ئۇيغۇر تىلى قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت جەھەتتىن ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى ، تۈركىي تىللار ئائىلىسى ، غەربىي ھون تىل تارمىقى ئىچىدىكى ئۇيغۇر – قارلۇق تىللىرى گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ تىل بولۇپ ، ئۇ ئۇيغۇر خەلقىگە ئوخشاشلا ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە . ئۇيغۇر يېزىق تىل تارىخىنى ئۆزىنىڭ ئومۇمىي تارىخىي تەرەققىيات جەريانىغا ئاساسەن ئەڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى (مىلادىيىنىڭ ئالدى - كەينىدىن ئەسىرگىچە قوللانغان تىلنى كۆرسىتىدۇ ) ، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ( ئەسىردىن ئەسىرلەرگىچە قوللانغان تىلنى كۆرسىتىدۇ) ، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى ياكى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ( ئەسىردىن ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىغىچە قوللانغان تىلنى كۆرسىتىدۇ) ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ( ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىدىن باشلاپ شەكىللەنگەن تىلدۇر) دېگەن تۆت چوڭ دەۋرگە بۆلۈش مۇمكىن .
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى — پۈتكۈل ئۇيغۇر تىلى تەرەققىياتىنىڭ مۇشۇ زامانىمىزدىكى ھاسىلاتى . شۇنداقلا ، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىپ ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى . ئۇ مەركىزىي دىئالېكت ئاساسىدا ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادىي ، مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ تۇرغان ئۈرۈمچى تەلەپپۇزىنى ئۆلچەم قىلغان ھالدا يېزىق شەكلى ۋە جانلىق تىل شەكلى جەھەتتىن خېلى قېلىپلاشتۇرۇلغان ئەدەبىي تىلدۇر . ئۇ دەۋرىمىزدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئورتاق ئالاقە قورالى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى نۇقتىسىدىن ئالغاندا ئورتاق مىللىي تىلدۇر .
2 . دىئالېكت ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكتلىرى
1 . دىئالېكت

دىئالېكت — ئومۇمىي خەلق تىلىنىڭ رايون خاراكتېرلىك تارمىقىدۇر . ئۇ مەلۇم جەمئىيەتنىڭ مەلۇم رايونىدىكى خەلقنىڭ ئالاقىلىشىش قورالى بولۇپ ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە . ئەمما ، دىئالېكتنى ئورتاق تىلدىن ياكى باشقا دىئالېكتلاردىن پەرقلىنىدىغان ئايرىم سۆزلەرنىڭلا تەلەپپۇز قىلىنىشى دەپ قاراشقا بولمايدۇ . ئۇ ئورتاق تىل بىلەن ئوخشاشلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۆزلۈك ۋە گرامماتىكىدىن تەشكىل تاپقان بىر پۈتۈن سىستېما ، دىئالېكت بىر جەمئىيەت دائىرىسىدىكى ھەرقايسى رايونلارنىڭ پۈتۈنلەي پارچىلىنىپ كەتمىگەنلىكى ياكى بىرقانچە جەمئىيەتنىڭ پۈتۈنلەي بىرلىككە كېلىپ بولالمىغانلىقى تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ . دىئالېكتلار ئارىسىدىكى پەرق ئالدى بىلەن فونېتىكا جەھەتتە ، ئاندىن قالسا سۆزلۈك جەھەتتە كۆرۈلىدۇ . گرامماتىكا جەھەتتىكى پەرق يوق دېيەرلىك ياكى ناھايىتى ئاز بولىدۇ .
بىر دىئالېكت ئىچىدە بىر – بىرىدىن مەلۇم جەھەتتىن پەرقلىنىدىغان رايونلارنىڭ تىلى شېۋە دەپ ئاتىلىدۇ .
دىئالېكت ئورتاق تىلنىڭ رايون خاراكتېرلىك تارمىقى بولسا ، شېۋە دىئالېكتنىڭ يەرلىك تارمىقىدۇر . بىر تىلدىكى دىئالېكت – شېۋە پەرقلىرى ھەرقانچە چوڭ بولسىمۇ ، ئورتاقلىقلار يەنىلا ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ . مەدەنىيەت ، ما’ئارىپ ، نەشرىياتچىلىق ، قاتناش ۋە رادى’ئو – تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ، دىئالېكت – شېۋە پەرقلىرى كىچىكلەپ بارىدۇ . دىئالېكتلار مەيلى لېكسىكا جەھەتتىن بولسۇن ، مەيلى گرامماتىكا جەھەتتىن بولسۇن ، ئەدەبىي تىلنى بېيىتىدىغان مۇھىم مەنبەلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . مەلۇم بىر تىلنىڭ دىئالېكتلىرى ئىچىدە مەلۇم بىر دىئالېكت ئەدەبىي تىلنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولىدۇ . ئەدەبىي تىلنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغۇچى دىئالېكت يېتەكچى دىئالېكت ياكى مەركىزىي دىئالېكت دەپ ئاتىلىدۇ . ئەينى بىر تىلنىڭ دىئالېكتلىرى ئىچىدە قايسىسىنىڭ يېتەكچى دىئالېكت بولۇشى كىشىلەرنىڭ سۇبيېكتىپ ئارزۇسىغا ئەمەس ، بەلكى مەلۇم دىئالېكتنىڭ پۈتۈن جەمئىيەتتە تۇتقان ئورنىغا باغلىق . ئەگەر مەلۇم بىر دىئالېكت رايونى جەمئىيەتنىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولسا ، ئۇ كەڭ تەسىرگە ھەم ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولۇش سۈپىتى بىلەن مەركىزىي (يېتەكچى) دىئالېكت بولۇپ قالىدۇ .
2 . ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكتلىرى

ھەرقانداق بىر تىلنىڭ دىئالېكتلىرىنى ئايرىشتا مەلۇم ئىلمىي ئاساسقا ئىگە پرىنسىپ ئۆلچەم قىلىنىدۇ . ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىئالېكتلىرىنى ئايرىشتا ، پېئىللارنىڭ ھازىرقى ، كەلگۈسى زامان فورمىسى بىلەن پۈتمىگەن سۈپەتداش فورمىسى ئۆلچەم قىلىنغان . بۇ ئۆلچەم بويىچە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى مەركىزىي دىئالېكت ، خوتەن دىئالېكتى ۋە لوپنۇر دىئالېكتىدىن ئىبارەت ئۈچ دىئالېكتقا بۆلۈنىدۇ .
مەركىزىي دىئالېكت شەرقتە قۇمۇلدىن غەربتە ئىلىغىچە ، شىمالدا ئۈرۈمچىدىن جەنۇبتا يەكەنگىچە بولغان رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ دېئالېكت رايونى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۇيغۇرلار ياشايدىغان جايلارنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ ۋە بۇ دىئالېكتتتا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى باشقا ئىككى دىئالېكتتتا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىدىن تەخمىنەن بەش ھەسسە ئارتۇق . بۇ دىئالېكت رايونى ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت جەھەتتىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدا ، شۇنىڭدەك كېيىنكى دەۋرلەردە مەركەز بولۇپ كەلگەن قەشقەر ، تۇرپان ، ئىلى ، قۇمۇل ، كۇچا ، ئاقسۇ ، ئۈرۈمچى قاتارلىق مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان . ئۇنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى باشقا دىئالېكت رايونلىرىغا نىسبەتەن يۇقىرى ، شۇنىڭدەك بۇ دىئالېكتنىڭ ئەدەبىي تىلىمىزغا يېقىنلىق دەرىجىسى باشقا دىئالېكتلارغا قارىغاندا ئۈستۈن . مانا بۇلار مەزكۇر دىئالېكتنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشىدە يېتەكچى دىئالېكت بولۇشىدىكى سەۋەبلەردۇر .
خوتەن دىئالېكتى شەرقتە چاقىلىق ، غەربتە گۇما ناھىيىسىگىچە بولغان توققۇز ناھىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . خوتەن دىئالېكتى تەۋەسىدىكى ھەرقايسى ناھىيىلەر ئارا ئوخشاشمىغان دەرىجىدە بەزى شېۋە پەرقلىرى بار .
لوپنۇر دىئالېكتى لوپنۇر ناھىيىسى تەۋەسىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ دىئالېكتنىڭ دائىرىسى تار ، سۆزلىشىدىغان ئادەم سانى باشقا ئىككى دىئالېكتقا قارىغاندا خېلىلا ئاز بولسىمۇ ، فونېتىكا ، لېكسىكا ۋە گرامماتىكا جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى باشقا ئىككى دىئالېكت بىلەن سېلىشتۇرغاندا مەلۇم پەرقلەرگە ئىگە بولغاچقا ، ئايرىم بىر دىئالېكت قىلىپ بېكىتىلگەن .
3 . ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ۋە ئۇنىڭ نورمىلىرى

1 . ئەدەبىي تىل ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇش

ئورتاق تىلنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلغان شەكلى ئەدەبىي تىل دەپ ئاتىلىدۇ . قېلىپلاشتۇرۇلغانلىقى (ئۆلچەملەشتۈرۈلگەنلىكى) ئۈچۈن ئۆلچەملىك تىل دەپمۇ ئاتىلىدۇ .
ئەدەبىي تىل يېزىقچە ۋە ئېغىزچە شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ . ئەدەبىي تىلنىڭ يېزىقچە شەكلى (يېزىق تىلى) ئەدەبىي ، سىياسىي ، ئىلمىي ئەسەرلەر ، دەرسلىكلەر ۋە گېزىت – جھۇرناللاردا ئىشلىتىلىدۇ؛ ئېغىزچە شەكلى (ئېغىز تىلى) رادى’ئو ، تېلېۋىزىيە ، كىنو ، سەھنە ، دەرسخانىلاردا ۋە باشقا رەسمىي سورۇنلاردا ئىشلىتىلىدۇ .
تىلنى قېلىپلاشتۇرۇش دېگەنلىك ، ئورتاق تىلغا فونېتىكا ، سۆزلۈك ، گرامماتىكا ۋە يېزىق قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆلچەم بەلگىلەش دېمەكتۇر . دىئالېكتلارنىڭ سىڭىپ كىرىشى ، باشقا تىللارنىڭ تەسىرى ، شەخسلەرنىڭ ئىجادىيىتى ۋە قەدىمكى تىللارنىڭ قالدۇقلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تىلدا دا’ئىم چۈشىنىكسىز ئەھۋاللار ئۇچرايدۇ . بۇنداق چۈشىنىكسىز ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى كىشىلەرنىڭ ئالاقىلىشىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ھاجەتسىز نەرسىلەرنى چىقىرىپ تاشلاش ، ئېنىقسىز نەرسىلەرنى ئازايتىپ ، بىردەكلىكنى كۈچەيتىش ، مانا مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى شۇ تىلنىڭ ئىچكى تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇش تىلنى قېلىپلاشتۇرۇش بولىدۇ . تىلنى قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ ئۆلچىمى شەخسلەرنىڭ سۇبيېكتىپ خاھىشى بىلەن ئەمەس ، بەلكى ئوبيېكتىپ ئاساس بويىچە بېكىتىلىدۇ ، يەنى سۆزلۈك ۋە گرامماتىكا جەھەتتە مەركىزىي دىئالېكت ، فونېتىكا جەھەتتە مەركىزىڭ دىئالېكت رايونىدىكى مەلۇم بىر نۇقتا ئۆلچەم قىلىنىدۇ . تىلنى قېلىپلاشتۇرۇش تىلنىڭ تەرەققىياتىنى بوغۇش ياكى چەكلەش ئەمەس ، بەلكى تىلنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ، ئۇنىڭ ئالاقە قوراللىق رولىنىڭ ياخشى جارى قىلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ، شۇنىڭدەك تىلنىڭ ئىگىسى بولغان مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت . زامانىۋىلىشىش دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان بىر مىللەت ، ئەلۋەتتە ، ئۆزىنىڭ تىل – يېزىقىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشى ۋە قېلىپلاشتۇرۇشى كېرەك . مۇنداق قىلىش شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .

2 . ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ نورمىلىرى

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ نورمىلىرى ، يەنى ئىملا قا’ئىدىسى بىلەن تەلەپپۇز قا’ئىدىسى ئەدەبىي تىلنى قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ ئۆلچىمىدۇر . ئەدەبىي تىل نورمىسىدا يېزىش ۋە سۆزلەش يالغۇز تىل خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسى بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى پۈتۈن مىللەتنىڭ پەن – مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى يۈكسەلدۈرۈشىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش . مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ، ئەدەبىي تىل نورمىسىدا يېزىش ۋە سۆزلەش كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى باھلايدىغان ئۆلچەملەرنىڭ بىرى ، شۇنىڭدەك كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي تىلىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ، تەربىيە كۆرۈش دەرىجىسى قاتارلىقلارنىڭ ئەڭ روشەن بەلگىلىرىدىن بىرى . ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قا’ئىدىسى بىلەن تەلەپپۇز قائىدىسىدە يېزىش بىلەن تەلەپپۇز قىلىشتا پەرقلىنىدىغان بەزى ھادىسىلەرگە مۇۋاپىق قا’ئىدە بېرىلگەن . كىشىلەر كۆپ ھاللاردا ، ئۆزلىرىنىڭ ئادىتى نۇقتىسىدىن ، ئۆزىگە قۇلاي بولۇش نۇقتىسىدىن ، سۆزلەرنىڭ يېزىلىشى بىلەن ئوقۇلۇشىنىڭ بىردەك بولۇشىنى ، يەنى قانداق يېزىلغان بولسا ، شۇنى ئەينەن ئوقۇش ، قانداق تەلەپپۇز قىلىنسا ، شۇ بويىچە يېزىشنى ئارزۇ قىلىدۇ . ئەمما تىل بىلەن يېزىق ماھىيىتىدىن ئېيتقاندا ، ئىجتىما’ئىي ھادىسە . شەخسلەر پەقەت پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق ئېتىراپ قىلغان قا’ئىدە بويىچە سۆزلەش ۋە يېزىشقا مەجبۇر . ئەدەبىي تىل نورمىسى شۇ تىلنى تېخىمۇ بېيىتىش ، تېخىمۇ ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ، شۇ تىلنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلاشقان ھالدا جەمئىيەتنىڭ (جەمئىيەتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ھاكىمىيەت ئورگانلىرى ، تىل – يېزىق مۇتەخەسسىسلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ) مەقسەتلىك ئارىلىشىشى ئارقىسىدا مەيدانغا كېلىدۇ . بۇ خىل نورما تەبى’ئىي ھالدا شەخسلەرنىڭ بەزى ئادەتلىرىنى رەت قىلىدۇ .
ئۇيغۇر تىلى فونېتىكىسى

فونېتىكا ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات ئوبيېكت

تىل تاۋۇشلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن فونېتىكا دەپ ئاتىلىدۇ .
فونېتىكىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا ، تىل تاۋۇشىدۇر . يەنى فونېتىكا تىل تاۋۇشلىرى ۋە ئۇنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ، تىل تاۋۇشلىرىنىڭ قانداق ئاساسلارغا ئاساسەن تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى ، تىل تاۋۇشلىرىنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيەتلىرى ھەم بۇ خىل قانۇنىيەتلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان ھەرخىل تاۋۇش ئۆزگىرىش ھادىسىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىدۇ . ئۇيغۇر تىلى فونېتىكىسىمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە بولغان (فونېما بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان) تىل تاۋۇشلىرىنى يۇقىرىقى تەرەپلەردىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ .

2 . ئۇيغۇر تىلىدىكى فونېتىكىلىق بىرلىكلەر

1) فونېما — سۆزنىڭ فونېتىكىلىق شەكلىنى پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە بولغان ئەڭ كىچىك فونېتىكىلىق بىرلىك .
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا فونېمىلىق رولغا ئىگە بولغان تىل تاۋۇشى جەمئىي 32 بولۇپ ، بۇ 32 تاۋۇش ئەڭ ئالدى بىلەن سوزۇق تاۋۇش ۋە ئۈزۈك تاۋۇش دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ .
سوزۇق تاۋۇش — ئۆپكىدىن چىققان ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ياكى بوغۇزدا ھېچقانداق توسالغۇغا ئۇچرىماي ئەركىن ھالدا چىقىشىدىن ھاسىل بولغان تاۋۇشلاردۇر . ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا فونېما ھېسابلانغان سوزۇق تاۋۇش جەمئىي سەككىز (ئا ، ئە ، ئې ، ئى ، ئو ، ئۇ ، ئۆ ، ئۈ ) بولۇپ ، ئۇلار ئۆز خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن ئۈزۈك تاۋۇشلاردىنلا پەرقلىنىپ قالماستىن ، يەنە ئۆزئارامۇ پەرقلىنىدۇ . شۇڭا ، ئۇلار ئېغىزنىڭ ئېچىلىش دەرىجىسىگە قاراپ ، كەڭ سوزۇق تاۋۇش (ئا ) ، كەڭرەك سوزۇق تاۋۇش (ئە ، ئې ، ئو ، ئۆ) ۋە تار سوزۇق تاۋۇش (ئۇ ، ئۈ ، ئى) دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنسە ؛ تىلنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئورنىغا قاراپ ، تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش (ئا ، ئو ، ئۇ) ، تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش (ئە ، ئۆ ، ئۈ) ۋە تىل ئارا سوزۇق تاۋۇش (ئې ، ئى) دېگەن ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ ؛ لەۋ ھالىتىگە قاراپ ، لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش (ئو ، ئۇ ، ئۆ ، ئۈ) ۋە لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش (ئا ، ئە ، ئې ، ئى) دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ .
ئۈزۈك تاۋۇش — ئۆپكىدىن چىققان ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ياكى بوغۇزدا مەلۇم توسالغۇغا ئۇچراپ ، ئۇنى يېڭىپ چىقىشتىن ھاسىل بولغان تاۋۇشلاردۇر . ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا فونېما ھېسابلانغان ئۈزۈك تاۋۇش جەمئىي 24 (ب ، د ، ف ، گ ، خ ، ج ، ك ، ل ، م ، ن ، پ ، چ ، ر ، س ، ت ، ۋ ، ش ، ي ، ز ، جھ ، غ ، ھ ، ق ، ڭ) بولۇپ ، ئۇلار تاۋۇش چىقىرىش ئورنى (ئۈزۈك تاۋۇشنى تەلەپپۇز قىلغاندا ، ئۆپكىدىن چىققان ھاۋا ئېقىمى توسالغۇغا ئۇچرىغان جاي) ۋە تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى (ئۆپكىدىن چىقىرىلغان ھاۋا ئېقىمى ئۇچرىغان توسالغۇنىڭ قانداق يېڭىلگەنلىكى ھەم تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىترەش – تىترىمەسلىكى) جەھەتتىن بىر – بىرىدىن پەرقلىنىدۇ . شۇڭا ، ئۇلارنى تاۋۇش چىقىرىش ئورنىغا قاراپ ، قوش لەۋ تاۋۇشى (پ ، ب ، م ) ، چىش – لەۋ تاۋۇشى (ف ، ۋ ) ، تىل ئۇچى – چىش تاۋۇشى (س ، ز) ، تىل ئۇچى – چىش تۈۋى تاۋۇشى (ت ، د ، ن ، ر ، ل) ، تىل ئۈستى ئالدى – قاتتىق تاڭلاي تاۋۇشى (چ ، ج ، ش ، جھ) ، تىل ئۈستى ئارقا – قاتتىق تاڭلاي تاۋۇشى (ك ، گ ، ي ) ، تىل تۈۋى – يۇمشاق تاڭلاي تاۋۇشى (ق ، ڭ ، خ ، غ) ۋە بوغۇز تاۋۇشى (ھ) دەپ سەككىز تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ . تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلىغا قاراپ ، پارتلىغۇچى تاۋۇشلار (پ ، ب ، ت ، د ، ك ، گ ، ق) ، پارتلىغۇچى – سىيرىلاڭغۇ تاۋۇشلار (چ ، ج) ، سىيرىلاڭغۇ تاۋۇشلار (ف ، ۋ ، س ، ز ، ش ، جھ ، ي ، خ ، غ ، ھ) ، دىماغ تاۋۇشلىرى (م ، ن ، ڭ) ، تىترەڭگۈ تاۋۇش (ر) ۋە يان تاۋۇش (ل) دەپ ئالتە تۈرگە ؛ تاۋۇش پەردىسىنىڭ تىترەش – تىترىمەسلىكىگە ئاساسەن ، جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش (ب ، د ، گ ، ج ، ل ، م ، ن ، ڭ ، ر ، ۋ ، ز ، جھ ، ي ، غ ، ھ) ۋە جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش (پ ، ت ، ك ، ق ، چ ، س ، ش ، خ ، ف) دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ .
ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلارنى يۇقىرىقىدەك تۈرلەرگە بۆلۈش ھەربىر تاۋۇشنىڭ تېمبىر جەھەتتىكى خۇسۇسىيىتىنى توغرا ئىگىلەش ، ئۇلارنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش ، تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتىنى توغرا ئىگىلەش ۋە ئۇنى توغرا قوللىنىش ، تاۋۇشلاردىكى ھەرخىل ئۆزگىرىشلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
2 ) تاۋۇش ئېلېمېنتى — ئىنسان تاۋۇشىنى تاۋۇش تېمبىرى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىش نەتىجىسىدە ئېنىقلانغان ئەڭ كىچىك فونېتىكىلىق بىرلىك . مەسىلەن : «ئەتە» دېگەن سۆز ئۈچ تاۋۇش ئېلېمېنتىدىن تەركىب تاپقان .
3) بوغۇم – فونېتىكىلىق قۇرۇلمىدىكى ئەڭ كىچىك بىرلىك بولۇپ ، ئاڭلاش سېزىمىدا تەبى’ئىي ھېس قىلىشقا بولىدىغان تاۋۇش ئۈزۈندىسىدۇر .
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى بوغۇملارنىڭ تۈزۈلۈش شەكلى تۆۋەندىكىدەك 11 خىل (ئەسكەرتىش : سوزۇق تاۋۇشلارغا « »نى ، ئۈزۈك تاۋۇشلارغا « » نى ۋەكىل قىلىپ ئېلىپ ، بوغۇملارنىڭ شەكلىنى تۆۋەندىكىدەك كۆرسىتىمىز . بۇ بەلگىلەر ئوڭدىن سولغا قارىتىپ بېرىلگەن) :
① — ئە – تە ، ئو – رۇن . . .
② — با – لا ، قۇ – تا . . .
③ — ئال ، ئەت . . .
④ — يول ، ماڭ . . .
⑤ — ئارت ، ئىشت . . .
⑥ — خەلق ، دوست . . .
⑦ — گرا – دۇس ، ستا – نوك . . .
⑧ — گرام ، پرىن – سىپ . . .
⑨ — فرانك ، فرونت . . .
⑩ — جۇڭ – خۇئا . . .
⑾ — يۈئەن ، گۇئاڭ – جۇ . . .

3 . فونېمىلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى

ئۇيغۇر تىلىدا سۆزدە ياكى سۆزگە قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا ، سوزۇق تاۋۇشنىڭ تىل ئورنى (تاڭلاي ئاھاڭداشلىقى) ۋە لەۋ ھالىتى (لەۋ ئاھاڭداشلىقى) جەھەتتىن ، ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ جاراڭلىق – جاراڭسىزلىق جەھەتتىن ئۆز ئارا ماسلىشىپ كېلىشى تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى ياكى تاۋۇشلارنىڭ ئاڭاھداشلىقى دەپ ئاتىلىدۇ . مەسىلەن ، «ئورغاق» دېگەن سۆزنىڭ تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئارقا بولۇش جەھەتتىن ماسلاشقان بولسا ؛ «ئۆكۈنۈش» دېگەن سۆزنىڭ تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار لەۋلىشىش ھەم تىل ئالدى بولۇش جەھەتتىن ماسلاشقان . «تىلدىن» دېگەن سۆزدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلار («ل» بىلەن «د») جاراڭلىق بولۇش جەھەتتىن ماسلىشىپ كەلگەن .

4 . ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇتۇق ئېقىمىدا يۈز بېرىدىغان تاۋۇش ئۆزگىرىشلىرى

نۇتۇق ئېقىمىدىكى تاۋۇش ئۆزگىرىشى (فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش) تىل تاۋۇشلىرىنىڭ مەلۇم بىر دەۋردىكى ئۆزگىرىش ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ . دېمەك ، تىل تاۋۇشلىرىنى بىر – بىرىگە ئۇلاپ تەلەپپۇز قىلغاندا ، ئۆزئارا تەسىر قىلىش نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش نۇتۇق ئېقىمىدىكى تاۋۇش ئۆزگىرىشلىرى دەپ ئاتىلىدۇ .
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نۇتۇق ئېقىمىدا يۈز بېرىۋاتقان مۇھىم فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر تۆۋەندىكىچە :
1) ئاسسىمىلياتسىيە — قوشنا كەلگەن ئوخشىمايدىغان ئىككى تاۋۇشنىڭ بىرىنىڭ يەنە بىرىنى تولۇق ياكى قىسمەن ھالدا ئۆزىگە ئوخشىتىۋېلىشى .
ئاسسىمىلياتسىيە ھادىسىسى ئاسسىمىلياتسىيىلەش ۋە ئاسسىمىلياتسىيىلىنىش دەرىجىسىگە قاراپ ، تولۇق ئاسسىمىلياتسىيە (قوشنا كەلگەن ئوخشىمايدىغان ئىككى تاۋۇشتىن بىرىنىڭ يەنە بىرىنى ھەم تاۋۇش چىقىرىش ئورنى ھەم تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن ئۆزىگە ئوخشىتىۋېلىشى . مەسىلەن ، «ئون يەتتە» دېگەن سۆز جانلىق تىلدا «ئوييەتتە» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ) ۋە قىسمەن ئاسسىمىلياتسىيە (قوشنا كەلگەن ئوخشىمايدىغان ئىككى تاۋۇشتىن بىرىنىڭ يەنە بىرىنى ياكى تاۋۇش چىقىرىش ئورنى ياكى تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى جەھەتتىن ئۆزىگە ئوخشىتىۋېلىشى . مەسىلەن ، «مەنمۇ» دېگەن سۆز جانلىق تىلدا «مەممۇ» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ) دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنسە ؛ ئاسسىمىلياتسىيىلەش ۋە ئاسسىمىلياتسىيىلىنىش يۆنىلىشىگە ئاساسەن ، ئوڭ ئاسسىمىلياتسىيە (قوشنا كەلگەن ئىككى تاۋۇشتىن ئالدىنقىسىنىڭ كېيىنكىسىنى تولۇق ياكى قىسمەن ھالدا ئۆزىگە ئوخشىتىۋېلىشى . مەسىلەن ، «شەنبە» دېگەن سۆز جانلىق تىلدا «شەنبە» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ) ۋە تەتۈر ئاسسىمىلياتسىيە (قوشنا كەلگەن ئىككى تاۋۇشتىن كېيىنكىسىنىڭ ئالدىنقىسىنى تولۇق ياكى قىسمەن ھالدا ئۆزىگە ئوخشىتىۋېلىشى . مەسىلەن ، «تۇزسىز» دېگەن سۆ جانلىق تىلدا «تۈسسىز» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ) دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ .
2) دىسسىمىلياتسىيە — بىر – بىرىگە ئوخشاش ياكى ئوخشاپ كېتىدىغان ئىككى تاۋۇش ئۆزئارا ئۇلىنىپ كەلگەندە ، ئىككىسى چىقىشالماي ، بىرىنىڭ باشقا تاۋۇشقا ئۆزگىرىپ كېتىش ھادىسىسى . مەسىلەن ، «ياغاچچى» دېگەن سۆز جانلىق تىلدا «ياغاشچى» دەپ تەلەپپۇز قىلىنسا ، «باقتىڭ» دېگەن سۆز «باختىڭ» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ .
3 ) تاۋۇشلارنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى — نۇتۇق جەريانىدا ، بەزى سۆزلەرگە ئايرىم تەلەپپۇز قىلغاندا كۆرۈلمەيدىغان تاۋۇشلار قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى . مەسىلەن ، دە + ئىش = دېيىش ، يە + ئىش = يېيىش . . .
4) تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى — نۇتۇق جەريانىدا ، بەزى سۆزلەردىكى ئەسلىدە بار تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى . مەسىلەن ، ئوغۇل + ئۇم = ئوغلۇم ، ئۆمۈر + ئۈم = ئۆمرۈم . . .
5) تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى — نۇتۇق جەريانىدا ، ئاۋاز كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى تۈپەيلىدىن تاۋۇش تېمبىرىنىڭ ئۆزگىرىش ھادىسىسى . مەسىلەن ، باش + ئى = بېشى ، ئالما + لار = ئالمىلار . . .
6) تاۋۇشلارنىڭ ئورۇن ئالمىشىشى — نۇتۇق جەريانىدا ، ئىككى تاۋۇشنىڭ ئۆزئارا ئورۇن ئالماشتۇرۇش ھادىسىسى . مەسىلەن ، «قاملاشمىغان» ، دېگەن سۆز ئۇيغۇر تىلىنىڭ بەزى شېۋىلىرىدە «قاملاشمىغان» ؛ «تەكشۈرمەك» دېگەن سۆز «تەشكۈرمەك» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىشى .
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت تەركىبى

1 . لۇغەت تەركىبى ۋە ئۇنىڭ تەركىبىي قىسىملىرى

ئۇيغۇر تىلىدىكى بارلىق سۆزلەر ۋە تۇراقلىق ئىبارىلەرنىڭ يىغىندىسى ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت تەركىبى دەپ ئاتىلىدۇ .
ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز – ئىبارىلەر قوللىنىش دائىرىسى ۋە تىل ئىستېمالىدىكى رولىغا قاراپ مۇنداق ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ : بىرى ، ئاساسىي لۇغەت تەركىبى — ئومۇمىي خەلققە چۈشىنىشلىك بولغان ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا دا’ئىم دېگۈدەك قوللىنىلىدىغان سۆزلەرنىڭ يىغىندىسىدۇر ؛ يەنە بىرى ، ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبى — لۇغەت تەركىبىدىكى ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرمەيدىغان سۆزلەرنىڭ يىغىندىسىدۇر .

2 . لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەر توپلىمى

ئۇيغۇر تىلىدا سۆز بىلەن سۆز ياكى مەنە جەھەتتىن ، ياكى تاۋۇش جەھەتتىن بەلگىلىك باغلىنىشتا بولغانلىقى تۈپەيلىدىن ھەرخىل كىچىك توپلاملارنى (گۇرۇپپىلارنى) شەكىللەندۈرىدۇ . بۇنداق توپلام سۆزلەر توپلىمى دەپ ئاتىلىدۇ .
ھەربىر سۆزلەر توپلىمىدا كەم دېگەندە ئىككى سۆز بولىدۇ . بىر مەنىلىك ۋە كۆپ مەنىلىك سۆز دېگەنلەر بىر سۆزگە قارىتىلغان . بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان سۆزلەر توپلىمى بىر سۆزگە قارىتىلماستىن ، بەلكى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزنى كۆرسىتىدۇ . تىلىمىزدا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك سۆزلەر توپلىمى بار :
1) مەنىداش سۆزلەر توپلىمى — تىلىمىزدىكى ئىدراكىي مەنىسى (ئۇقۇم بىلەن باغلىق بولغان مەنە) ئوخشاش ياكى يېقىن كېلىدىغان ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزلەردىن شەكىللەنگەن توپلامدۇر . بۇنداق سۆزلەر ئىدراكىي مەنە جەھەتتىن ئوخشاش بولسا ، تۈس مەنىسىدە پەرق بولىدۇ . مەنىداش سۆزلەردىن توغرا پايدىلىنىلسا ، ئۇلار ئارىسىدىكى ئىنچىكە پەرقلەر توغرا ئىگىلەنسە ، تىلنىڭ ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ . مەسىلەن ، ئويۇم سەندە ، پىكرىم سەندە ، خىيالىم سەندە ، بۇ مىسالدا مەنىداش سۆزلەر قاتار ئىشلىتىلىپ ، ئوي – پىكىر تەسىرلىك ۋە ھېسسىياتلىق ئىپادىلەنگەن .
2) قارىمۇقارشى مەنىلىك سۆزلەر توپلىمى — تىلىمىزدىكى مەنە جەھەتتە تەڭداش مۇناسىۋەتتە تۇرىدىغان ھەم بىر – بىرىگە قارشى ئىككى سۆزدىن شەكىللەنگەن توپلامدۇر . ئۇ روشەن سېلىشتۇرما خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ ، پىكىرنىڭ ئېنىقلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ . مەسىلەن :
سەندە سەزدىم قىش بىلەن يازنى ،
ئىسسىق – سوغۇق ، ئاچچىق – چۈچۈكنى .
سەندە بايقىدىم راست – يالغاننى ،
ياخشى – يامان ، چوڭ ھەم كىچىكنى .
3) ئاھاڭداش ۋە شەكىلداش سۆزلەر توپلىمى
ئاھاڭداش سۆزلەر توپلىمى ئېيتىلىشى ۋە يېزىلىشى ئوخشاش ، ئەمما ئىپادىلىگەن مەنىلىرى ئوخشىمايدىغان سۆزلەردۇر . مەسىلەن :
بۇرادەر ، ئۆمرۈڭگە بولۇپ قالدى چۈش ،
سەن تېخى يۈرەمسەن كۆرۈپ شېرىن چۈش .
يەتمىسۇن ئۆمرۈمگە زاۋاللىق دېسەڭ ،
بىدار يول ، غەپلەتنىڭ بۆشۈكىدىن چۈش .
بۇ تۇيۇقتىكى «چۈش» دېگەن سۆزلەر ئاھاڭداش سۆزلەر توپلىمى ھاسىل قىلغان .
شەكىلداش سۆزلەر توپلىمى — يېزىلىشى ئوخشاش ، ئېيتىلىشىدا پەرق بار ، مەنىلىرى ئوخشىمايدىغان سۆزلەردۇر . مەسىلەن ، «جازالىماق» دېگەن مەنىدىكى «جازا» دېگەن سۆز بىلەن «ئۆي جازىسى» دېگەن مەنىدىكى «جازا» سۆزى شەكىلداش سۆز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
مەيلى ئاھاڭداش سۆزلەر بولسۇن ياكى شەكىلداش سۆزلەر بولسۇن ، ئۇلار ئۆزلىرىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇئەييەن ئاكتىپ رول ئوينايدۇ . شائىرلىرىمىز قەدىمدىن ھازىرغىچە مۇشۇ توپلامدىكى سۆزلەردىن پايدىلىنىپ ، تۇيۇق شەكىلدىكى شېئىرلارنى كۆپلەپ يېزىپ ، شېئىرىيەت گۈلزارىمىزنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈپ كەلمەكتە .

3 . ئۇيغۇر تىلى لۇغەت تەركىبىنى بېيىتىشنىڭ يولى ۋە پرىنسىپى

1 ) سۆز ياساش
ئۇيغۇر تىلى لۇغەت تەركىبىنى بېيىتىشتا ئالدى بىلەن تىلىمىزنىڭ سۆز ياساش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ، ھەرخىل يوللار بىلەن يېڭى سۆزلەرنى ياساشنى ئاساس قىلىش كېرەك . ئۇيغۇر تىلىدا سۆز ياساشنىڭ مۇنداق ئىككى خىل ئۇسۇلى بار : بىرى ، مورفولوگىيىلىك ئۇسۇل — سۆزلەرگە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنى قوشۇش ئارقىلىق يېڭى سۆزلەرنى ياساش . مەسىلەن ، كىملىك ، ئىشچى . . . بۇ ئۇسۇل ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . چۈنكى ، ئۇيغۇر تىلى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارغا ناھايىتى باي بىر تىل بولۇپ ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا 80 نەچچە يۈرۈش سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە بار . يەنە بىرى ، سىنتاكسىسلىق ئۇسۇل — سۆزگە سۆز قوشۇش ئارقىلىق يېڭى سۆزلەرنى ياساش . بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن سۆز ياساشمۇ خېلى ئۈنۈملۈك . تىلىمىزدىكى بىرىككەن سۆزلەر ، جۈپ سۆزلەر مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ياسالغاندۇر . مەسىلەن ، بەلۋاغ ، كۆزەينەك ، ئاتا – ئانا ، قاتار – قاتار . . .
يېڭى سۆزلەرنى ياساش پرىنسىپى شۇكى ، يېڭى ياسالغان سۆز – ئاتالغۇلار ئوبيېكتىپ تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى ، تىلىمىزنىڭ ئىچكى تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى ، مەنىسى دەل ، توغرا ، ئېنىق بولۇشى ، قۇرۇلمىسى ئىخچام بولۇشى كېرەك .
2) قېزىش
ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغان قەدىمكى سۆزلەر ۋە دىئالېكت سۆزلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ ، يېڭى شەيئى ۋە ئۇقۇملارنى ئىپادە قىلىشتىن ئىبارەت . مەسىلەن ، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «يېزنە» دېگەن سۆز «ئاچامنىڭ ئېرى» نىڭ ئورنىدا ، يەكەن ۋە كۇچا شېۋىلىرىدىكى «ھاۋادان» دېگەن سۆز رۇسچىدىن كىرگەن «پورتۇشكا»نىڭ ئورنىدا قوللىنىلىۋاتىدۇ . بۇ سۆزلەرنىڭ بىرقەدەر تېز ئومۇملىشىشىدىكى سەۋەب شۇكى ، «يېزنە» سۆزى ھېچبولمىغاندا ، ئۆزىنىڭ ئىخچاملىقى بىلەن «ئاچامنىڭ ئېرى» دېگەندىن ئەۋزەللىككە ئىگە بولسا ؛ «ھاۋادان» سۆزى مەنە جەھەتتىن ھەممە كىشىگە دېگۈدەك چۈشىنىشلىك بولغانلىقىدا .
قەدىمكى سۆزلەر ۋە دىئالېكت سۆزلىرىنى قوللىنىشنىڭ پرىنسىپى شۇكى ، بۇنداق سۆزلەر ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولغان سۆزلەرگە قارىغاندا ، مەنە جەھەتتىن چۈشىنىشلىك بولۇشى ، قۇرۇلما جەھەتتىن ئىخچام بولۇشى ، شەيئى ۋە ھادىسىلەرنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى دەل ، توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك .
3) قوبۇل قىلىش
يۇقىرىقى ئىككى خىل ئۇسۇل ئۆز تىل ماتېرىياللىرىمىزنى ئاساس قىلىش بولۇپ ، يېڭى شەيئى ۋە ھادىسىلەرنى ئىپادىلەشتە يۇقىرىقى ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ، ئاندىن باشقا تىللاردىن سۆز قوبۇل قىلىشقا ئۆتۈش كېرەك . باشقا تىللاردىن سۆز قوبۇل قىلىش ئۇ تىلنىڭ گادايلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ . چۈنكى ، دۇنيادا باشقا تىللاردىن سۆز قوبۇل قىلمىغان بىرمۇ ساپ تىل يوق . دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەت تىلىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ، ئۇ تىللار ئۆز تارىخىدا باشقا تىللاردىن سۆز قوبۇل قىلىشنى ئۆز لۇغەت تەركىبىنى بېيىتىشنىڭ ۋاسىتىلىرىدىن بىرى قىلغانلىقىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ .
باشقا تىللاردىن سۆز قوبۇل قىلىشنىڭ پرىنسىپى شۇكى ، ئۆز تىل ماتېرىياللىرى بىلەن يېڭى شەيئى ۋە ھادىسىلەرنى ئىپادىلەش ئىمكانىيىتى بولمىغاندا قوبۇل قىلىش . قوبۇل قىلىشقا ئۆتكەندە خالىغانچە قوبۇل قىلىۋەرمەستىن ، ئالدى بىلەن قېرىنداش تىل (بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئورتاق بىر مەنبەدىن بۆلۈنۈپ چىققان تىللار) لاردىن قوبۇل قىلىش كېرەك . چۈنكى قېرىنداش تىللار كۆپ جەھەتتىن ، يەنى سۆزلەرنىڭ فونېتىكىلىق شەكىللىرى ، سېمانتىكىلىق بەلگىلىرى ، سۆزلەرنى تۈركۈملەرگە بۆلۈش ئۇسۇلى ، سۆزلەرنىڭ گرامماتىكىلىق كاتېگورىيىلىرى ، سۆز بىرىكمىلىرى ، جۈملە تۈزۈلۈشى ، سۆز ياسىغۇچى ۋە سۆز تۈرلىگۈچى مورفېمىلارنىڭ تۈپ سۆزلەرگە ئۇلىنىشى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئورتاقلىققا ئىگە . شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ، قېرىنداش تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر ئاسان ئۆزلىشىدۇ ھەم چۈشىنىشلىك بولىدۇ . مەسىلەن ، خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن «زۇڭتۇڭ» سۆزىنىڭ ئورنىغا سۆز ياساشنى ئويلاشمىغان ئەھۋالدىمۇ ، ئۇيغۇر تىلى بىلەن قېرىنداش تىل ھېسابلانغان قازاق تىلىدىكى «ئەلباشى» دېگەن سۆزنى ئويلىشىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ . چۈنكى بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ھەرقاندا بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن چۈشىنىشلىكتۇر . قېرىنداش تىللاردىن يېڭى شەيئى ۋە ھادىسىلەرنى ئىپادىلەيدىغان سۆز – ئاتالغۇلار تېپىلمىغاندا ، ئاندىن قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان باشقا تىللاردىن سۆز قوبۇل قىلىش كېرەك . بۇنداق تىللاردىن ، سۆز قوبۇل قىلىشتىمۇ خالىغانچە قوبۇل قىلماستىن ، خەلقئارا تىللاردىن ، يەنى پەن – تېخنىكا ، ئىقتىساد ، ما’ئارىپ ، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە تەرەققىي قىلغان مىللەتلەرنىڭ تىلىدىن سۆز – ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىش لازىم . چۈنكى ، بۇنداق تىللاردىكى سۆز – ئاتالغۇلار دۇنيا مىللەتلىرى بىردەك ئېتىراپ قىلغان ۋە بىردەك قوللىنىلىۋاتقان سۆز – ئاتالغۇلار بولغاچقا ، دۇنياۋى خاراكتېرگە ئىگە . مەسىلەن ،ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئايروپىلان ، دوكتور ، رېنتگېن ، تېلېگراف ، گرامماتىكا ، تېلېفون ، تانكا دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر دەل مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئۆزلەشكەن .
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى

1 . گرامماتىكا ۋە ئۇنىڭ تەركىبىي قىسىملىرى

گرامماتىكا تىلنىڭ قۇرۇلما قانۇنى بولۇپ ، سۆزلەرنىڭ تۈرلىنىش ، ياسىلىش قائىدىلىرى بىلەن سۆز – جۈملىلەرنىڭ بىرىكىش قائىدىلىرىدىن ئىبارەت ئىككى يۈرۈش قائىدىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . «گرامماتىكا» دېگەن ئاتالغۇ يەنە سۆزلەرنىڭ ياسىلىش ، تۈرلىنىش قائىدىلىرى ۋە سۆز – جۈملىلەرنىڭ بىرىكىش قائىدىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم دېگەن مەنىدىمۇ قوللىنىلىدۇ .
گرامماتىكا ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتىنىڭ دائىرىسىگە قاراپ مورفولوگىيە (سۆزلەرنىڭ ياسىلىش ۋە تۈرلىنىش قائىدىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن) ۋە سىنتاكسىس (سۆز – جۈملىلەرنىڭ بىرىكىش قائىدىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن) دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ . شۇڭا ، ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى مۇشۇ ئىككى جەھەتتىن بايان قىلىشقا بولىدۇ .

2 . ئۇيغۇر تىلىنىڭ مورفولوگىيىلىك خۇسۇسىيىتى

1) سۆزنىڭ تۈزۈلۈشى

ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەر تۈزۈلۈش (قۇرۇلما) ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ :
(1) تۈپ سۆز — بىرلا باش مورفېمىدىن تۈزۈلگەن سۆزلەردۇر . مەسىلەن ، ئىش ، ئۈن ، خىزمەت ، ساندۇق ، ئەمگەك . . .

(2) سۆز تۈركۈملىرى

سۆزلەرنىڭ مەنىسى ۋە گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن ئايرىلغان تۈرى سۆز تۈركۈمى دەپ ئاتىلىدۇ .
ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەر مەنىسى ۋە گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن ، ئىسىم (مەسىلەن ، تاغ ، سۇ ، كۈلكە) ، سۈپەت (مەسىلەن ، قىزىل ، ئېگىز ، يۇمىلاق) ، سان (مەسىلەن ، بەش ، ئىككىنچى ، ئونچە) ، رەۋىش (مەسىلەن ، بۈگۈن ، دەرھال ، ناھايىتى) ، ئالماش (مەسىلەن ، مەن ، قانداق ، ئۆزۈم ، ئاللىكىم) ، پې’ئىل (مەسىلەن ، ياز - ، ماڭ ، ئىشلە - . . .) ، تەقلىد (مەسىلەن ، ۋاراڭ – چۇرۇڭ ، پال – پۇل ، شىر – شىر) ، تىركەلمە (مەسىلەن ، ئۈچۈن ، توغرۇلۇق ، ئارقىلىق) ، باغلىغۇچى (مەسىلەن ، ۋە ، ھەم ، لېكىن ، بىراق ، چۈنكى) ، يۈكلىمە (مەسىلەن ، مۇ ، چۇ ، زە ، قۇ ، دە ، ھە) ، ئىملىق (مەسىلەن ، پاھ ، ۋايجان ، ئاپلا) تىن ئىبارەت 11 تۈركۈمگە بۆلۈنىدۇ . بۇلاردىن ئالدىنقى يەتتىسى ئۆز ئالدىغا جۈملە بۆلىكى بولۇپ كېلەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن «مۇستەقىل سۆزلەر» دەپ ئاتىلىدۇ . تىركەلمە ، باغلىغۇچى ، يۈكلىمىلەر مۇستەقىل سۆزلەرگە ياكى جۈملىلەرگە قوشۇلۇپ گرامماتىكىلىق مەنە ياكى قوشۇمچە مەنە ئىپادىلەيدىغانلىقى ئۈچۈن ياردەمچى سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ . ئىملىق (ئۈندەش) سۆزلەر مۇستەقىل سۆزلەر بىلەن ياردەمچى سۆزلەر ئارىلىقىدا تۇرىدىغان ئالاھىدە سۆز تۈركۈمى ھېسابلىنىدۇ . پېئىلدىن باشقا مۇستەقىل سۆزلەر يەنە ئورتاق بىر مۇنچە خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولغىنى ئۈچۈن «تۇرغۇن سۆزلەر» دەپ ئاتىلىدۇ .

3) سۆزنىڭ مورفولوگىيىلىك شەكىللىرى

ئۇيغۇر تىلى مورفولوگىيىلىك شەكىللەرگە ئىنتايىن باي تىل . سۆزنىڭ مورفولوگىيىلىك شەكىللىرى سۆزگە سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلارنىڭ قوشۇلۇشى ياكى مەخسۇس ياردەمچى سۆزلەرنىڭ بىرىكىپ كېلىشى ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ . بىر سۆزنىڭ تۈرلۈك مورفولوگىيىلىك شەكىللىرى ئۇ سۆزنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسىنى ئۆزگەرتمەستىن ، ئۇنىڭغا تۈرلۈك گرامماتىكىلىق مەنىلەرنى قوشىدۇ ياكى ئۇنىڭ گرامماتىكىلىق ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىدۇ .
(1) ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز تۈركۈملىرى ئىچىدە پې’ئىل تۈركۈمى مورفولوگىيىلىك شەكىلگە ئەڭ باي سۆز تۈركۈمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئۇيغۇر تىلىدىكى پېئىللار تۈرلىنىش ئارقىلىق تۆۋەندىكى مورفولوگىيىلىك شەكىللەرنى ھاسىل قىلىدۇ : پېئىلنىڭ ئۆزەك قىسمىدا كۆرۈلىدىغان دەرىجە شەكىللىرى (مەسىلەن ، ياز – يازدۇر ، يېزىل ، يېزىش) ، بولۇشلۇق – بولۇشسىز شەكلى (مەسىلەن ، ياز – يازما) ؛ پېئىلنىڭ خەۋەر شەكلىدە كۆرۈلىدىغان تۈرلۈك مەيل شەكىللىرى (مەسىلەن ، يازدىم ، يېزىپتىمەن ، يازغۇدەكمەن ، يازسام ، يازاي ، يازغىيدىم . . .) ؛ ھال – زامان شەكىللىرى (مەسىلەن ، يازىمەن ، يېزىۋاتىمەن ، يازماقچىمەن ، يازدىم ، يازغانمەن ، يازغانىدىم ، يازاتتىم ، يېزىۋاتاتتىم ، يازماقچىدىم) ؛ شەخس شەكىللىرى (مەسىلەن ، يازىمەن ، يازىمىز ، يازىسەن ، يازىسىلەر ، يازىدۇ) ؛ پېئىلنىڭ سۈپەت ، ئىسىم ۋە رەۋىش رولىدا كېلىدىغان تۈرلۈك نۇرغۇن سۆز شەكىللىرى ، يەنى سۈپەتداشلار (مەسىلەن ، يازغان ، يازىدىغان ، يېزىۋاتقان ، يازار) ؛ ئىسىمداشلار (مەسىلەن ، يازماق ، يېزىش ، يازغانلىق) ۋە رەۋىشداشلار (مەسىلەن ، يېزىپ ، يازغاچ ، يازغىلى ، يازغۇچە) .
ئۇيغۇر تىلىدىكى پېئىللار يەنە تۇرغۇن سۆز شەكلىدە بىر قىسىم ياردەمچى پېئىللار بىلەن بىرىكىپ ، پېئىلنىڭ مۇرەككەپ ئۆزەك شەكىللىرىنى ھاسىل قىلىدۇ . پېئىلنىڭ بۇ خىل مۇرەككەپ ئۆزەك شەكىللىرى خىلمۇخىل تۈس ، ھال مەنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مول گرامماتىكىلىق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ . (مەسىلەن ، يېزىپ بول – يېزىپ قوي – يېزىۋەت – يېزىۋال) .
پېئىللار جۈملىگە كىرگەندە ، بىر ۋاقىتتا بىرقانچە خىل مورفولوگىيىلىك شەكىلنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ ، بىرقانچە خىل گرامماتىكىلىق مەنىنى ئىپادىلەپ كېلىشى مۇمكىن . مەسىلەن ، «كۆرۈشەلمىدىم» دېگەن پې’ئىل شەكلىنى ئالساق ، ئۆملۈك دەرىجە ، ئىمكان تۈس ، بولۇشسىزلىق ، ۋاسىتىسىز بايان مەيلى ، ئاددىي ئۆتكەن زامان ، 1 شەخس ، بىرلىكتىن ئىبارەت سەككىز خىل گرامماتىكىلىق مەنىنى ئىپادىلەپ كەلگەن .
(2) ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىملارمۇ ئۆزگىرىشچان سۆز تۈركۈمى . ئىسىملار تۈرلىنىش ئارقىلىق ، تۆۋەندىكىدەك مورفولوگىيىلىك شەكىللەرنى ھاسىل قىلىدۇ : بىرلىك ۋە كۆپلۈك شەكلى (مەسىلەن ، ئۆي – ئۆيلەر) ؛ تەۋەلىك شەكىللىرى ( مەسىلەن ، ئۆيۈم ، ئۆيىمىز ، ئۆيۈڭ ، ئۆيۈڭلار ، ئۆيى) ؛ ھەرخىل كېلىش شەكىللىرى (مەسىلەن ، ئۆي ، ئۆينىڭ ، ئۆيگە ، ئۆيىنى ، ئۆيدە ، ئۆيدىن ، ئۆيدەك ، ئۆيدىكى ، ئۆيگىچە ، ئۆيچىلىك) .
ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىملار يەنە «تىركەلمە» دەپ ئاتىلىدىغان ياردەمچى سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ ، ئىسىم – تىركەلمە قۇرۇلمىلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ . بۇ خىل قۇرۇلمىلار ئەمەلىيەتتە ئىسىمنىڭ ئانالىتىك كېلىش شەكىللىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . مەسىلەن ، ئۆي توغرۇلۇق ، ئۆي ئارقىلىق ، ئۆي ئۈچۈن .
ئىسىملار جۈملىگە كىرگەندە ، بىر ۋاقىتتا بىرقانچە خىل مورفولوگىيىلىك شەكىلنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ ، بىرقانچە خىل گرامماتىكىلىق مەنىنى ئىپادىلەپ كېلىشى مۇمكىن . مەسىلەن ، «بالىلىرىمنىڭ» دېگەن ئىسىم شەكلىنى ئالساق ، كۆپلۈك ، 1 شەخس ، بىرلىك ئىگىلىك كېلىشتىن ئىبارەت تۆت خىل گرامماتىكىلىق مەنىنى ئىپادىلەپ كەلگەن .
(3) ئۇيغۇر تىلىدا بىردىن ئونغىچە بولغان پۈتۈن سانلار ، ئونلار خانىنىڭ ھەربىر ئونلۇق پەللىسىدىكى پۈتۈن سانلار ۋە «يۈز ، مىڭ ، مىليون ، مىليارد» قاتارلىق چوڭ سانلار ئاددىي سان ھېسابلىنىپ ئايرىم يەككە سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ، پۈتۈن سانلار مۇرەككەپ سان ھېسابلىنىپ چوڭ خانىلىق سانلارغا كىچىك خانىلىق سانلارنىڭ قوشۇلۇشىدىن (مەسىلەن ، ئون بىر ، يەتمىش بەش ، يۈز بەش) ياكى كىچىك خانىلىق سانلارنىڭ چوڭ خانىلىق سانلارنى ھەسسىلەپ كېلىشىدىن (مەسىلەن ، ئىككى يۈز بەش مىڭ ، ئون ئۈچ مىڭ) ھاسىل بولىدۇ . يۈزلەر خانىسى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى خانىدىكى ئاددىي سانلارلا ھەسسىلىنىدۇ (مەسىلەن ، ئىككى يۈز ، بەش مىڭ ، تۆت يۈز مىڭ) .
ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاددىي ۋە مۇرەككەپ سانلارنىڭ ئەسلىي شەكلى مەنە ۋە مورفولوگىيىلىك شەكىل جەھەتتىن «ساناق سان» ھېسابلىنىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىنىشى ئارقىلىق مۆلچەر سان (مەسىلەن ، ئونچە ، يۈزدەك ، يەتتە – سەككىز) ، تەرتىپ سان (مەسىلەن ، ئىككىنچى ، بەشىنچى) ، كەسىر سان (مەسىلەن ، تۆتتىن بىر ، ئالتىدىن ئۈچ) ، ئۆملۈك سان (مەسىلەن ، بەشەيلەن ، ئىككىيلەن) قاتارلىق سان تۈرلىرى ھاسىل بولىدۇ .
(4) ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى كۈچەيتىشكە ياكى ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولىدىغان سۈپەتلەر (دەرىجىلىك سۈپەتلەر) تۈرلىنىش ئارقىلىق ، ئەسلىي دەرىجە (مەسىلەن ، ئاددىي ، ئېگىز) ، كېمەيتمە دەرىجە (مەسىلەن ، ئۇزۇنراق ، ئېگىزرەك) ، ئاشۇرما دەرىجە (مەسىلەن ، ئاپئاق ، قىپقىزىل) ، ئەركىلەتمە دەرىجە (مەسىلەن ، چىرايلىققىنا ، ئېگىزگىنە) شەكىللىرىنى ھاسىل قىلىدۇ .
(5) ئالماش — ئىسىم ، سۈپەت ، سان قاتارلىق سۆزلەر بىلەن ئالمىشىپ ، ئۇلارنىڭ ئورنىدا كېلىدىغان سۆز تۈركۈمى . ئۇيغۇر تىلىدىكى ئالماشلار قايسى سۆز تۈركۈمدىكى سۆزنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ كەلگەن بولسا ، ئاساسىي جەھەتتىن شۇ سۆز تۈركۈمى بىلەن ئوخشاش تۈرلىنىپ ، شۇ سۆز تۈركۈمىنىڭ مورفولوگىيىلىك شەكىللىرىگە ئوخشاش مورفولوگىيىلىك شەكىللەرنى ھاسىل قىلىدۇ .
(6) ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇرغۇن سۆزلەرنىڭ تولۇق باغلامچى رولىدىكى «بول - ، قىل -» قاتارلىق ياردەمچى پېئىللار بىلەن بىرىكىشىدىن شۇ سۆزلەرنىڭ پې’ئىل شەكلى ھاسىل بولۇپ ، خۇددى ئادەتتىكى پېئىللارغا ئوخشاش قوللىنىلىدۇ (مەسىلەن ، باغ قىل - ، ئادەم بول - . . .) .

4 ) كۆپ ۋارىيانتلىق قوشۇمچىلارنىڭ قوللىنىلىشى

ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياسىغۇچى ۋە سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئىككىدىن ئارتۇق شەكىلگە ئىگە . بىر قوشۇمچىنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەكىللىرى «ۋارىيانت» دەپ ئاتىلىدۇ .
قوشۇمچىلارنىڭ كۆپ ۋارىيانتلىق بولۇشىنى ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ ، بىر قوشۇمچىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ۋارىيانتلىرى شۇ قوشۇمچە قوشۇلىدىغان ئۆزەكنىڭ تاۋۇش ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشقان ھالدا قوشۇلىدۇ . ۋارىيانتلارنىڭ ئۆزەككە ماسلىشىش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە :
(1) « - دىن // - تىن» غا ئوخشاش بېشىدىكى تاۋۇش جاراڭلىق – جاراڭسىز جەھەتتىن پەرقلەنگەن ۋارىيانتلار ، جاراڭلىقلىرى جاراڭلىق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ئۆزەككە ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، قەغەز + دىن ، قولىمىز + دىن ؛ جاراڭسىزلىرى جاراڭسىز تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ئۆزەكلەرگە ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، ئۆگىنىش +تىن ، ئاش + تىن .
(2)«- سا // - سە» گە ئوخشاش تەركىبىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش تىل ئورنى جەھەتتىن پەرقلەنگەن ۋارىيانتلار ئۆزەكنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشقا تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلىشىپ ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، ياز +سا ، كەل +سە . . .
(3«- ئى // - سى» غا ئوخشاش بېشىدا سوزۇق تاۋۇش بار – يوقلۇقى جەھەتتىنلا پەرقلىنىدىغان ۋارىيانتلارنىڭ سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغىنى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ئۆزەكلەرگە قوشۇلىدۇ . مەسىلەن ، قەلەم + ئى ، كۆز + ئى . . . ؛ ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغىنى سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ئۆزەكلەرگە ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، ياخشى – سى ، بالا + سى . . .
(4 « - ي // - ئاي // - ئەي» گە ئوخشاش بېشىدا سوزۇق تاۋۇش بار – يوقلۇقى جەھەتتىن ھەم سوزۇق تاۋۇش تىل ئورنى جەھەتتىن پەرقلەنگەن ۋارىيانتلارنىڭ سوزۇق تاۋۇشسىز كەلگىنى سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ئۆزەكلەرگە ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، سۆزلە + ي ، قارا + ي ؛ سوزۇق تاۋۇش بىلەن كەلگەنلىرى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ئۆزەكلەرنىڭ ئاخىرقى بوغۇمدىكى سوزۇق تاۋۇشقا تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلىشىپ ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، قايت + ئاي ، كۆندۈر + مەي . . .
(5) «- غان // - قان / / - گېن / / - كەن» گە ئوخشاش بېشىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلار جاراڭلىق – جاراڭسىزلىق جەھەتتىن ، تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەھەتتىن پەرقلەنگەن ۋارىيانتلار بىر تەرەپتىن ئۆزەكنىڭ ئاخىرىدىكى تاۋۇشقا جاراڭلىق – جاراڭسىزلىق جەھەتتىن ماسلاشسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ، ئۆزەكنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشقا تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلىشىپ ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، ياز + غان ، ئوقۇت + قان ، كەل + گېن ، ئەت + كەن . . .
(6) «- لىق / / - لىك / / - لۇق / / - لۈك» ئوخشاش تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇش ھەم تىل ئورنى ، ھەم لەۋ ھالىتى جەھەتتىن پەرقلەنگەن ۋارىيانتلار ئۆزەكنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشقا ھەم تىل ئورنى ، ھەم لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلىشىپ ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، كۇچا + لىق ، خوتەن + لىك ، قۇمۇل + لۇق ، بۈگۈر + لۈك . . .
(7 «- ڭلار / / - ئىڭلار / / - ئۇڭلار / / - ئۈڭلار» گە ئوخشاش بېشىدا سوزۇق تاۋۇش بار – يوقلۇقى جەھەتتىن ھەم بېشىدىكى سوزۇق تاۋۇش تىل ئورنى ۋە لەۋ ھالىتى جەھەتتىن پەرقلەنگەن ۋارىيانتلارنىڭ ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغىنى سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ئۆزەكلەرگە ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، بالا + ڭلار ، يىڭنە + ڭلار ؛ لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغىنى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ۋە ئاخىرقى بوغۇمىدا لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش كەلگەن ئۆزەكلەرگە ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، دەپتەر + ئىڭلار ، كىتاب + ئىڭلار ؛ لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغىنى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ۋە ئاخىرقى بوغۇمىدا لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش كەلگەن ئۆزەكلەرگە تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلىشىپ ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، كۈن + ئۈڭلار ، ئوقۇش + ئۇڭلار .
(8) «- دىڭ / / - تىڭ / / - دۇڭ / / - تۇڭ / / - دۈڭ / / - تۈڭ » ئوخشاش بېشىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلار جاراڭلىق – جاراڭسىزلىق جەھەتتىن ، تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار ھەم تىل ئورنى ، ھەم لەۋ ھالىتى جەھەتتىن پەرقلەنگەن ۋارىيانتلار ئۆزەكنىڭ ئاخىرىدىكى تاۋۇشقا جاراڭلىق – جاراڭسىزلىق جەھەتتىن ھەم ئۆزەكنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشقا تىل ئورنى ۋە لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلىشىپ ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، ئوينا + دىڭ ، سۆزلەش + تىڭ ، ئوقۇ + دۇڭ ، ئوقۇت + تۇڭ ، يەتكۈز + دۈڭ ، پۈتۈش + تۈڭ . . .

3 . ئۇيغۇر تىلىنىڭ سىنتاكسىسلىق خۇسۇسىيىت

1 ) سىنتاكسىسلىق قۇرۇلما ، سىنتاكسىسلىق مۇناسىۋەت ۋە سىنتاكسىسلىق ۋاسىتە
سۆز بىرىكمىسى ۋە جۈملىلەرنىڭ قۇرۇلمىسى سىنتاكسىسلىق قۇرۇلما دەپ ئاتىلىدۇ .
سۆزلەرنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان بىرىكمىنىڭ تەركىبلىرى (ئاساسەن بىۋاسىتە تەركىبلىرى) ئوتتۇرىسىدىكى گرامماتىكا جەھەتتىكى مۇناسىۋەت سىنتاكسىسلىق مۇناسىۋەت دېيىلىدۇ . ئۇيغۇر تىلىدا جۈملە ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ تەركىبىدىكى سۆزلەر بىر – بىرى بىلەن تۆۋەندىكىدەك نۇسخىدا مۇناسىۋەتلىشىدۇ :
(1) تەڭداش مۇناسىۋەت — بۇ خىل مۇناسىۋەتتىكى قۇرۇلما باراۋەر ئورۇندا تۇرىدىغان ، رولى ئوخشاش بولغان ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تەركىبتىن تۈزۈلگەن سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىدۇر . ئۇيغۇر تىلىدىكى تەڭداش مۇناسىۋەتتىكى سۆز بىرىكمىلىرى ، تەڭداش مۇناسىۋەتتىكى قوشما جۈملىلەر مۇشۇ خىل مۇناسىۋەتتىكى قۇرۇلمىلاردۇر . مەسىلەن :
سۇ تەمسىز ، پۇراقسىز ، رەڭسىز سۇيۇق جىسىم .
(2 ) ئىگە – خەۋەرلىك مۇناسىۋەت — ئىگە ۋە خەۋەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىدۇر . مەسىلەن : ئۇلار كەلدى . ئۆيۈڭلار قايسى ؟
(3 ) باشقۇرۇش — باشقۇرۇلۇش مۇناسىۋىتى — باشقۇرغۇچى تەركىب بىلەن باشقۇرۇلغۇچى تەركىبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىدۇر . بۇنىڭدا باشقۇرغۇچى تەركىب ھەرىكەتنى ، باشقۇرۇلغۇچى تەركىب ھەرىكەتنىڭ ئوبيېكتىنى بىلدۈرىدۇ . مەسىلەن :
ناخشا / ئېيتىش ، ۋەتەننى / سۆيمەك
( يانتۇ سىزىقنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى باشقۇرۇلغۇچى ، سول تەرىپىدىكى باشقۇرغۇچى تەركىب)
(4 ) ئېنىقلاش – ئېنىقلىنىش مۇناسىۋىتى — ئېنىقلىغۇچى تەركىب بىلەن ئېنىقلانغۇچى تەركىبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىدۇر . مەسىلەن :
ئوقۇغان / بالا ، مىللەتنىڭ / ئۈمىدى ، بەش / ئادەم
(يانتۇ سىزىقنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكىلىرى ئېنىقلىغۇچى ، سول تەرىپىدىكىلىرى ئېنىقلانغۇچى تەركىب )
سىنتاكسىسلىق ۋاسىتە — گرامماتىكىلىق شەكىللەرنىڭ ئورتاق خۇسۇسىيىتىگە قاراپ ئايرىلغان تىپ بىرلىكلىرى . ئۇيغۇر تىلىدىكى سىنتاكسىسلىق (گرامماتىكىلىق) ۋاسىتىلەر تۆۋەندىكىچە :
( 1) سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچە — سۆز ياكى سۆز يىلتىزىغا ئۇلىنىپ ، ھەرخىل گرامماتىكىلىق مەنە ئىپادىلەيدىغان مورفېمىلاردۇر . تىلىمىزدىكى ئىسىمنىڭ تەۋەلىك (شەخس) ۋە كېلىش كاتېگورىيىلىرىنىڭ قوشۇمچىلىرى ، پېئىلنىڭ شەخس – سان كاتېگورىيىلىرىنىڭ قوشۇمچىلىرى سۆز بىلەن سۆزنى مۇناسىۋەتلەشتۈرىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك سىنتاكسىسلىق ۋاسىتىدۇر . مەسىلەن ، خەلقنىڭ ئۈمىدى ، بالىلىرىمىز كەلدى . . .
(2) ياردەمچى سۆز (تىركەلمە ۋە باغلىغۇچى) — مەخسۇس تۈردە گرامماتىكىلىق مەنە بىلدۈرىدىغان سۆزلەردۇر . تىركەلمە ئىسىمنىڭ باشقا سۆزلەر بىلەن بولغان ، بولۇپمۇ پې’ئىل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىشتە ۋاسىتىلىك رول ئوينايدۇ . (مەسىلەن ، ئوقۇش ئۈچۈن كەتتى . پەلەمپەي ئارقىلىق چىقتى .) ؛ باغلىغۇچىلار بولسا سۆز ۋە جۈملىلەر ئارىسىدىكى تەڭداش مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىشتە ۋاسىتىلىك رول ئوينايدۇ (مەسىلەن ، شەھەر ۋە يېزىلار گۈللەپ ياشنىدى . ئۇ دەرسنى ئوبدان ئاڭلىدى ھەم ياخشى خاتىرە قالدۇردى) .
(3 ) سۆز تەرتىپى — نۇتۇقتا سۆزلەرنىڭ ئىلگىرى – كېيىن تىزىلىش تەرتىپى . مەسىلەن ، پادىچى بالا ، ئۇلۇغ غايە . . .
(4) ئىنتوناتسىيە — جۈملە ياكى جۈملە ئۈزۈندىسىنىڭ ئاھاڭىنىڭ ئېگىز – پەس ئۆزگىرىشى بولۇپ ، ئۇنىڭ ۋاسىتىسىدە ئوخشىمىغان جۈملىلەر بىر – بىرىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ . پائۇزىمۇ ئىنتوناتسىيىنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى بولۇپ ، جۈملە بىلەن جۈملە ئوتتۇرىسىدىكى ، جۈملە بۆلەكلىرى بىلەن جۈملە بۆلەكلىرى ، سۆز بىلەن سۆز ئوتتۇرىسىدىكى ئاۋاز جەھەتتىكى تىنىشتىن ئىبارەت . مەسىلەن ، جالال ئاكام / سىزنى چاقىرىۋاتىدۇ . جالال / ئاكام سىزنى چاقىرىۋاتىدۇ . ئادىل – ئوقۇغۇچى . مەدەنىيەتلىك ، ئىنتىزامچان ، غايىلىك ، ئەخلاقلىق .
2) ئۇيغۇر تىلىدىكى سىنتاكسىسلىق بىرلىكلەر
ئۇيغۇر تىلىدا مورفېما ، سۆز ، سۆز بىرىكمىسى ۋە جۈملىدىن ئىبارەت تۆت خىل گرامماتىكىلىق بىرلىك بار بولۇپ ، بۇنىڭ كېيىنكى ئىككىسى سىنتاكسىسنىڭ تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرىدۇ ، شۇڭا سىنتاكسىسلىق بىرلىكلەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ .
(1) سۆز بىرىكمىسى — ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق مۇستەقىل سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان ، بىر سۆزگە ئوخشاش رول ئوينايدىغان جۈملىنىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىيالىدۇر . ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز بىرىكمىلىرى تۈزۈلۈش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىككە (ئىككى سۆزدىن ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزدىن تۈزۈلگەنلىكىگە) ئاساسەن ئاددىي سۆز بىرىكمىسى (مەسىلەن ، دېھقان بالىسى) ۋە مۇرەككەپ سۆز بىرىكمىسى (مەسىلەن ، ھاياتنىڭ گۈزەل چاغلىرى) دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنسە ؛ تەركىبىدىكى بېقىندۇرغۇچى سۆزنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ ، ئىسىم خاراكتېرلىك سۆز بىرىكمىسى (مەسىلەن ، بىزنىڭ ئوقۇتقۇچى) ، سۈپەت خاراكتېرلىك سۆز بىرىكمىسى (مەسىلەن ، ئۆگىنىشتە ئەلا) ، ئىسىمداش خاراكتېرلىك سۆز بىرىكمىسى (مەسىلەن ، ئوقۇشقا بارماق) ، سۈپەتداش خاراكتېرلىك سۆز بىرىكمىسى (مەسىلەن ، بەش يىل ئوقۇغان) ۋە رەۋىشداش خاراكتېرلىك سۆز بىرىكمىسى (مەسىلەن ، ئاستا – ئاستا مېڭىپ) دېگەن تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ .
سۆز بىرىكمىسىدىن ئىبارەت بۇ بىرلىك جۈملىدىن تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكى بىلەن پەرقلىنىدۇ : ① سۆز بىرىكمىسى جۈملە ئىچىدىكى بىرلىك بولۇپ ، بايان خاراكتېرىگە ئىگە ئەمەس ؛
② سۆز بىرىكمىسى كەم بولغاندا ئىككى سۆزدىن تەركىب تاپىدۇ ؛ ③ سۆز بىرىكمىسى بىۋاسىتە تەركىبلەرنىڭ بىرىكىشىدىن تەركىب تاپىدىغان بىرىكمە .
(2 ) جۈملە — تولۇق بىر ئوي – پىكىرنى بىلدۈرىدىغان ، مۇئەييەن ئىنتوناتسىيىگە ئىگە بولغان ئەڭ كىچىك نۇتۇق بىرلىكى .
جۈملە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە : ① ھەرقانداق جۈملە تولۇق ئاياغلاشقان ئوي – پىكىرنى ئىپادىلەيدۇ ؛ ② ئۇ سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ مۇئەييەن سىنتاكسىسلىق قا’ئىدە – قانۇنىيەتلەر بويىچە بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان مۇكەممەل تىل بىرلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ؛ ③ ھەرقانداق جۈملە ئۆزىگە خاس ئىنتوناتسىيىگە ئىگە بولىدۇ .
ئۇيغۇر تىلىدىكى جۈملىلەر مەنىسىگە ئاساسەن : ① بايان (خەۋەر) جۈملە — ئوي – پىكىر بايان تەرىقىسىدە ئىپادىلەنگەن جۈملە (مەسىلەن ، ئۇ 1908 – يىللاردىن باشلاپ شېئىر ئىجادىيىتىدە تېخىمۇ دادىللىق بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ ، تېخىمۇ سالماقلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ ، باشقىلار بايقىمىغان نەرسىلەرنى بايقاپ ۋە ئۇنى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب بىلەن ئىپادىلەپ ، شېئىرىيەت ساھەسىدە خېلى زور ئۈنۈم ھاسىل قىلدى) ؛ ② سوئال جۈملە — ئوي – پىكىر سوئال تەرىقىسىدە ئىپادىلەنگەن جۈملە (مەسىلەن ، بۇ شېئىردىكى رېئاللىق ھەممە كىشى كۆرگەن ، لېكىن ھېس قىلالمىغان ، تونۇپ يەتمىگەن ئاشۇ ئاپەتلىك يىللارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك شېكايىتى ئەمەسمۇ ؟) ؛ ③ ئۈندەش جۈملە — تۈرلۈك ھېس – ھاياجانلىق پىكىرلەرنى ئىپادىلىگەن جۈملە (مەسىلەن ، سېنى تۇغۇپ ئۆستۈرگەن قاراقاش دەرياسى بىلەن يۇرۇڭقاش دەرياسىغا بارىكاللا ! شۆھرىتىڭنى جاھانغا يايغان ھۈنەرۋەن خوتەن خەلقىگە ھەشقاللا !) ؛ ④ بۇيرۇق جۈملە — بۇيرۇق ، تەلەپ ، ئۆتۈنۈش ، شوئار ، چاقىرىق ، ئارزۇ – ئىستەك ۋە مەسلىھەت مەزمۇنىدىكى ئوي – پىكىرلەرنى ئىپادىلەيدىغان جۈملە . (مەسىلەن ، دەرھال يولغا چىقىڭلار !) دېگەن تۆت تۈرگە بۆلىنىدۇ .
جۈملە يەنە تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن : ① ئاددىي جۈملە — تولۇق ئاياغلاشقان يەككە ئوي – پىكىرنى ئىپادىلەيدىغان جۈملە . (مەسىلەن ، بۇ تەسۋىر ئۆز ئوغلى ئۈچۈن كۆيۈپ – پىشىپ يۈرگەن مېھرىبان ئانىنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ تولۇقلايدۇ .) ؛ ② قوشما جۈملە — مەزمۇن جەھەتتىن بىر – بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تارماق جۈملىلەرنىڭ مەلۇم سىنتاكسىسلىق قا’ئىدە بويىچە بىرىكىشىدىن تۈزۈلۈپ ، بىرقەدەر مۇرەككەپ ئوي – پىكىرنى ئىپادىلەيدىغان جۈملە (مەسىلەن ، ئوغۇلنىڭ مەردلىكى ئاتىغا تالىق ، قىزنىڭ ئۇزلۇقى ئانىغا تالىق ، داننىڭ توقلۇقى تۇپراققا باغلىق ، گۈلنىڭ جامالى ياپراققا باغلىق) دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ .

تۈزگۈچى: تاش رەھمان
مەنبە: ئالىي مەكتەپ تىل – ئەدەبىياتى. باش تۈزگۈچى: خەمىت زاكىر
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002 - يىل

بلوگ ئاپتورى:

مەزكۈر يازما 2012-يىلى 06-ئاينىڭ 10-كۈنى تەرىپىدىن « ئۇيغۇر تىلى» سەھىپىگە يوللانغان. باھا يوللىماقچى بولسىڭىز بۇ يەردىن يوللاڭ. ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئالغان ھەمدە يازما ئادىرىسىنى ئەسكەرىتكەن ئەھۋالدا باشقا يەرگە يوللىسىڭىز بولىدۇ. +يازما ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
يازما ئەسلى ئادىرىسى: ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىل-يېزىقى
خەتكۈچلەر: , ,

【ئالدىنقى يازما】
【كېيىنكى يازما】

سىز قىزىقىدىغان باشقا يازمىلار

4 دانە ئىنكاس يوللاندى: (مېھمان:4 دانە ، يازما ئاپتورى:0 دانە )

  1. ئۇچقۇن مۇنداق يازغان:

    بلوگىڭىزنىڭ خەتلىرى نۇرمال ئەمەس . تەكشۇرسەم خەت نۇسخىسىدا خاتالىق بار ئىكەن .
    Alpida unicode system مۇنداق يېزىلىدۇ سىز مۇنداق يېزۋاپسىز Alpida -unicode system تۈزتىۋېلىڭ

    1 - قەۋەت
  2. ئۇچقۇن مۇنداق يازغان:

    قىلالمىسىڭىز css ھۆجىتىنى ماڭا ئەۋەتىڭ مەن قىلىپ بېرەي

    2 - قەۋەت
    • Geek مۇنداق يازغان:

      قىنى 398487113 ناملىق چ چ نى قوشۋىلىڭ …ئەمسە شۇنىڭدا ئالاقىلىشايلى

ئىنكاس يوللاش

[باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟]

رەسىم قىستۇرۇش