پروگراممىر ئاغىنىلەر ساق سالامەت تۇردۇڭلارمۇ ؟ ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ، ئۇزۇن بوپتۇ بىلوگ يىڭىلىمىغىلى، بۇگۈن بىلوگىمىزنىڭ ئوتيۈرەك ئوقۇرمەنلىرى ئىچىدىكى مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ پروگرامما يازىدىغان دوسىتلارغا مەيلى ئىلگىرى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن (بىلمىگەنلەر ئۇچۇن يازما تېمىسىدا دىگەندەك تەڭداشسىز سوۋغا بۇ) ئاز بولسىمۇ پەچچەت تور بىكەتتىن 10 توربىكەت ئالغاچ كەلدىم .لازىم ئەتكەنلەر ئادرېس قىسقۇچىغا قىسىپ قويۇپ پايدىلانغاي . ياكى بولمايدۇ قولىڭىزغا قەلەم ئىلىپ خاتېرلەشنى باشلاڭ
بىرىنچىسى : Forrst
Forrst قا كودچىلار ئۆزلىرى يازغان كودنىڭ ھالقىلىق بۆلەكلىرىنى ، ئىقتىدار بۆلەكلىرىنىڭ ئالگروزىمىنى ساقلاپ قويىدۇ ، ئۆزىڭىز يازغان كودنى چاپلىسىڭىز خەقلەر سىزگە ياردەملىشىپ گۆش كۆزىگە تايىنىپ ئەلالاشتۇرۇپ بىرىدۇ ، بۇنداق ياخشى بىكەتتىن پايدىلانماسلىققا يەنە نىمە باھانىڭىز بار . https://forrst.com/posts
ئىككىنچىسى : Twitter
Twitter نى كىشىلەر بىكار تەلەپلەر يىغىلغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت تورى دەپ قارايدۇ ، چۈنكى <ئاۋام تورى> نى جىق ئوينىۋەتكەن ئەمەسمۇ ؟ ،
Twitterنى خاس بىكار تەلەپلەر يىغىلغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت تورى دەپ قارىسىڭىز بولمايدۇ ، بۇ توردا يەنە نۇرۇن كودچىلارمۇ ئىقىپ يۈرىدۇ ، ئۆزلىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى يايىدۇ ، كۆڭلىڭىزگە ھوزۇر بىغىشلىيالايدىغان كودچىنى تاپقان ۋاقتىڭىزغا ئۇنى دوسىتلىۋىلىپ (ئەگىشىۋىلىپ) كود ھەققىدە تالاش تارتىش ئلىپ بارسىڭىزمۇ بولىدۇ . ئەلۋەتتە ھەر خىل تىلدا تالاش تارتىش قىلالايسىز .twitter.com/#
ئۈچىنچىسى : github.com
پروگىراممىر دوسلار نۇرغۇنلىرىمىز ئىچىمىز تار كىلىدۇ ، مىڭ بىر جاپادا نۇرغۇن ماتېرياللارنى كۆرۈپ يازغان كودىمىزنى ئاسانلىقچە باشقىلارغا ھەقسىز ئاشكارلىۋىتىشكە كۆزىمىز قىيمايدۇ (لىكىن مەن بۇنىڭ سىرتىدا ئىشەنمىسىڭىز بۇ يەرگە قاراپ بېقىڭ http://download.csdn.net/detail/omar14/352810 ) ، لىكىن ماۋۇ github بىكىتىدە ئىش باشقىچىرەك ، خەق ئۆزى يازغان كودلارنى قاتتىق دېسكىسىدىلا ساقلاپ قالماستىن ، github غىمۇ بىر نۇسقا زاپاسلاپ قويىدۇ . https://github.com/
تۆتىنجىسى : CoderWall (ئۇيغۇرچىسىغا كودچى تىمى دەپ قويدۇمغۇ ) ، پروگىراممىر دوسلار بۇ كود تىمىغا كودلىرىنى چاپلايدۇ ، خۇددى ئۇنۋىرسىت ياتاق بىناسى ئالدىدىكى ئەبجەش ئىلانلار چاپلانغان ئېلان تىمىغا ئوخشاش ، تامدىكى ئىرماش چىرماش كودلار ئىچىدىن ئۆزىڭىزگە لازىملىق كودنى تاپالىشىڭىزغا ئوباما ئەپەندىم ۋەدىلەرنى بەرگەنىدى قىنى ئەمسە كىرىپ سىناپ بېقىڭ http://coderwall.com/
بەشىنجىسى : Stackoverflow
ماۋۇ بىكەتكە كىرىپلام توختىماي چىرىلداپ قۇلاققا ئارام بەرمەيدىغان سەنشىىاڭزا ئارقىسىدىكى ئەسكى تۈسكىلەر بازىرىدىكى ماللارچىلىك قەدرى يوق گۈدۈك مىكرو بىلوگىغا ئوخشىتىپ سالماڭ ، كۆڭلۈمگە كىلىدۇ ، ئىنتىل سەيناسىدىكى يۇلغۇنجان ئاكامنىڭ بىر گىپى بولىدىغان < بىلىدىغاننى يوللاڭ بىلمىگەنلەر بىلىۋالسۇن ، بىلمىگەننى سوراڭ بىلىدىغانلار دەپ بەرسۇن> دەپ ، Stackoverflow بىكىتى دەل ئەشۇنداق كودچىلارنىڭ ئىنتىل سەيناسىدۇر . http://stackoverflow.com/
ھەقاچان خاتىرلەپ بولاماي قوللىرىڭىز تىلىپ كەتكەندۇ . بۈگۈنچە مۇشۇ بەش بىكەتنى كۆرۈپ تۇرۇڭ ، قالغان بەش بىكەتنى كىيىن يوللاپ بېرىمەن .
- 2010: يېڭى نۇسخىدىكى چاشقىنەك Arc Mouse(0)
رۇزى ھىيتڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ، بىز تەرەپلەرگىمۇ كلىپ پەتىلىپ كىتەرسىز .
بىرگە بولسۇن ۋاقىتلا تاپسام پەتىلەپ بارىمەن