WordPress نىڭ باھا يىزىش كۆزنىكىدىكى Gravatar نى تىز كۆرسىتىش


ئەسسالامۇ - ئەلەيكوم ئۇزتاج بلوگىنىڭ ئوقۇرمەنلىرى ! بلوگقا يازما يوللىمىغىلى ئۇزۇن زامانلار بولۇپ كىتىپتۇ ، ماۋۇ گىك دىگەن بۇرادەرمۇ نېمىشلارنى قىلىپ يۈرىدىكىن ، چۆلدەرەپلا قاپتۇ بۇ ئۇزتاج ، بۇگۈن بلوگ ئىشقىدا كۆيۈپ يۈرگەنلەر ئۈچۈن كىچىككىنە بىر تېخنىكا ئىلىپ كەلدىم ، كۆپچىلىك كىچىك كۆرمەي ئۆگىنىۋىلىشقاي ، ئۇنداقتا ئىشنى باشلاپ كىتەيلى !

WordPress نىڭ ئىنكاس رايونى بولسا Gravatar دىن پايدىلىنىپ باش سۈرەتنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ سىز ئىنكاس يازغان ۋاقىتتا ئىنكاس رايونىدىكى ئېلخەت رامكىسىغا ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى يىزىپ ئىنكاسىڭىزنى يىزىپ بولۇپ ئىنكاسىڭىزنى يوللىغاندا ئاندىن ئەشۇ ئېلخەت ئادرېسىغا باغلانغان Gravatar باش سۆرىتىڭىزنى كۆررەلەيسىز ، مەن ئېلگىرى ئالىم ئەخەتنىڭ بلوگىدا ئىنكاس يېزىپ بولۇپ قارىسام ئەمەسلا بىر باش سۆرىتى چىقىپ تۇرىدۇ ، بۇ نىمە ئىشتۇ ئەمدى دەپ Gravatar غا چىقىپ قارىسام مەن باغلىغان باش سۆرەت شۇ پىتى تۇرىدۇ ، ئەمما ئالىم ئەخەتنىڭ بلوگىدىكى ئىنكاسىمدا بولسا باشقىچىلا بىر سۆرەت ، ئويلاپ باقسام ئىنكاس يازغاندا ئېلخەت ئادرىسىنى خاتا يازغان چىراي تۇرىمەن ، يا ئۆزگەرتكىلى بولمىغان ، كىيىن خەڭسولارنىڭ بلوگلىرىدا ئۇنى بۇنى كۆرۈپ ئىنكاس يازاي دەپ يۈرگىنىمدە مۇنداق بىر ياخشى ئىشنىڭ بارلىقىنى بىلدىم .
سىز مەلۇم بىر WordPress بلوگىغا ئىنكاس يازماق بولۇپ ئىسمىڭىزنى ۋە ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى تولدۇرۇپ ئىنكاس رامكىسىغا ئۆتۈپ بولغىچە ياندا سىزنىڭ ئاۋۇ ئېلختىڭىزگە باغلىغان باش سۆرىتىڭىز كۆرۈنۈپ بولىدىكەن ماۋۇ بولىدىغان ئىشكەن دەپ توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ AJAX تىن پايدىلىنىپ WordPress نىڭ ئىنكاس يىزىش كۆزنىكىدىكى Gravatar باش سۆرىتىنى ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى يىزىپ بولغىچە كۆرىنىپ تۇرىدىغان قىلغىلى بولىدىغان بىر ئۇسۇلنى ئۆگىنىۋالدىم

يەنى يۇقارقى رەسىمدىكىدەك ئىنكاس رايونىدىكى ئېلخەت رامكىسىغا ئادرېسىمىزنى يىزىپ نۇربەلگىنى كىيىنكى قۇرغا يۆتكىسەكلا يان تەرەپتە ئادرېسقا ماس باش سۆرەت كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ .

ئۇنداقتا ھۆنەرنى باشلاپ كەتتۇق ئەمسە...

1. قەدەمدە Gravatar باش سۆرىتىنى ئورگان تەرەپتىن ئوقۇپ ئىلىشتا ئىشلىتىدىغان md5 پىرىسىنى يىشىدىغان مونۇ JS ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇب بار مۇندەرىجىگە قويىمىز . (js-md5 ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ پىرىستىن يىشىڭ)

2. قەدەمدە نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇب مۇندەرىجىسىدىكى comments.php ھۆججىتىنى ئىچىپ باش سۈرەت كۆرسىتىدىغان ئورۇنغا تۆۋەندىكى كودنى چاپلايمىز .


  
  md5($useremail);?>?s=48&d=identicon&r=G" alt="gravatar" height="48" width="48" />

 

3. قەدەمدە سىز تەھرېرلەۋاتقان comments.php ھۆججتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا تۆۋەندىكى js كودىنى چاپلاپ ھۆججەتنى ساقلىۋەتسەكلا ئىش تامام .




بلوگ ئاپتورى:

مەزكۈر يازما 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 15-كۈنى تەرىپىدىن « تەجرىبىخانا» سەھىپىگە يوللانغان. باھا يوللىماقچى بولسىڭىز بۇ يەردىن يوللاڭ. ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئالغان ھەمدە يازما ئادىرىسىنى ئەسكەرىتكەن ئەھۋالدا باشقا يەرگە يوللىسىڭىز بولىدۇ. +يازما ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
يازما ئەسلى ئادىرىسى: WordPress نىڭ باھا يىزىش كۆزنىكىدىكى Gravatar نى تىز كۆرسىتىش
خەتكۈچلەر: ,

【ئالدىنقى يازما】
【كېيىنكى يازما】

سىز قىزىقىدىغان باشقا يازمىلار



4 دانە ئىنكاس يوللاندى: (مېھمان:4 دانە ، يازما ئاپتورى:0 دانە )

  1. دىلبىر مۇنداق يازغان:

    بۇلدىغان ئۇسۇلكەن،ئېلخەتنى يېزىپ بۇلشىمغا باش سۈرتۇم چىقىپ بولدى.

    1 - قەۋەت
  2. دىلبىر مۇنداق يازغان:

    مەن بىر دوستۇمغا Gravatar ئېلىپ بېرەي دېسەم بولمايۋاتىدا؟ ھازىر قىلغىلى بولمايدىغان ئوخشىمامدۇ؟ سىز بىر ئېچىپ بېقىڭە باش سۈرەت ئېلتىماس قىلىشنى؟ مەن ئېلتىماس قىلالمايۋاتىمەن.

    2 - قەۋەت

ئىنكاس يوللاش

[باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟]

gravatar

 

رەسىم قىستۇرۇش