بۈگۈنكى يازمىمىزدا كۆپچىلىكتىن ياردەم سورىماقچىمەن ، باشقىلارنىڭ ھەمدەمدە بولىشىنى سورايمەن
يەرلىكتە بىر مۇلازىمىتېر قۇرۇپ بۇ مۇلازىمىتېرغا TOMCAT قاچىلاپ بىر ئۇچۇر كىرگۈزىدىغان jsp بەتتىن بىرنى ماڭدۇرغان ، ئىشلىتىلگەن ساندان Oracle 11g ئىدى (ساندان نۇرغۇن ئۇچۇر ساقلانغان) .
يەرلىكتىكى مۇلازىمىتېرنى ماڭغۇزۇپ ئوقوغۇچىلارنى ئۇچۇر كىرگۈزۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان (بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانى 20 ئادەم) ، ئۇچۇر كىرگۈزۈپ تۇيۇقسىزلا سانداندىن ئوقۇپ ئالىدىغان تاللاش تۈرلىرىنى ئوقۇپ ئالالمايدۇ ، (ساندانغا نىسبەتەن مەشغۇلات قىلغىلى بولمايدۇ) . لىكىن jsp بەت نورمال ماڭىدۇ .
مەن سانداننىڭ ئىشىمىكىن دەپ ھىچ چاتىقىنى تاپالماي TOMCAT توىتىتىپ قايتا قوزغاتسام بۇ مەسىلە ئوڭشىلىدۇ ، يەنە بىر دەم ئۇچۇر كىرگۈزۈپ يەنە ئاشۇنداق بولىدۇ TOMCAT نى يەنە قايتا قوزغاتسام بۇ مەسىلە ھەل بولىدۇ ، مەن قارىشىمچە TOMCAT تە ساندانغا نىسبەتەن مەشغۇلاتنىڭ سانىغا نىسبەتەن چەكلىمە باردەك ھىس قىلدىم بىر ياردەم قىلىپ مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشىپ بەرسەڭلار .
- 2010: Ubuntu10.10 غا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇش(0)
سىز ئۇچۇرغان ئەھۋالغا مەنمۇ ئۇچۇرغان ، يەنى مەن ئۇچۇرغان ئەھۋال
مۇھىت tomcat +mysql
ساندانغا نىسپەتەن مەشغۇلات ئىلىپ بارمىسام tomcat +mysql ئۇخلاپ قالىدۇ . قايتا قوزغاتمىغىچە نۇرمال ئىشلىمەيدۇ .
كىيىن mysql نى mssql ساندانغا ئۆزگەرتكەندىن كىيىن نۇرمال مىڭىپ كىتىپ بارىدۇ ، مىنىڭ بۇ مەسىلە ساندان تەڭشىكىدىكى مەسىلە بولىشى مۇمكىن ،
مەنمۇ سانداننى mssql غا ئۆزگەرتىشنى ئويلاشقان ئىدىم ، لىكىن Java پروگىراممىلىرى بىلەن mssql ياخشى سىغىشالمايدىكەن ، توردا شۇنداق دەپتۇ ، ئۆزۈممۇ كىچىك پروگىراممىلارنى يىزىپ سىناپ باقتىم ، زادى مۇقىمسىز ئىكەن …