خەلقئارالىق كېرىدت كارتىڭىز بولمىسىمۇ Windows 8 نى سېتىۋالايسىز

 

 

Windows 8 نىڭ تارقىتىلغىنىغىمۇ خىلى بولدى ، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمۇ تارقىتىلدى ، لىكىن خىلى ۋاقىتلار بولغان بولسىمۇ لىكىن  نۇرغۇن تورداشلىرىمىزدا خەلقئارالىق كېرىدت كارتىسى بولماسلىق سەۋەبىدىن PayPal دا ھىسابات ئاچالماي ھەقىقىي نۇسقىدىكى  Windows 8 نى سىتىۋالالماي يۈرمەكتە . مەن ئۆزۈم ئەزا بولغان بىرنەچچە مۇنبەرلەردە خەلقئارالىق كېرىدت كارتىڭىز بولمىسىمۇ Windows 8 نى سېتىۋالغىلى بولدىغانلىق توغرىسىدا باشقىلار كۆرسەتمىلەرنى بېرىپ كەلدىم ، لىكىن بۈگۈن قارىسام يەنە بەزى مۇنبەرلەردە PayPal  ھىساباتى يوق بولغاچقا نۇسقىدىكى  Windows 8 نى سىتىۋالالماي تېما يىزىپ باشقىلاردىن ياردەم سوراپتۇ ، بەزىلىرى بىۋاستە پۇل سىلىپ بېرىپتۇ ، قارانىيەت كومپيۇتېرچى بالىلار بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ 250 سوملاردىن ۋە ياكى ئۆز باھاسىدا ئىلىشىپ بېرىمەن دەپ پۇل ئىلىپ تاۋباۋدىن ئوغرى نەشىردىكى تىزىملاش نومۇرىنى باشقىلارغا ساتقىلى تۇرۇپتۇ ، باشقىلارغا خەقنىڭ ھەققىنى يىگۈزىۋاتقان شۇ ئۆلۈمتۈكلەرنىڭ قىلىقىغا ئاچچىقىم كىلىپ ئۇشبۇ يازمىنى يىزىپ ئولتۇردۇم (ھە راس بۇ يازمىنى كۆرۈشتىن بۇرۇن ئاۋۇ ئۈستىدىكى تۆت رەسىملك ئىلان تەشۋىقاتنى بىر كۆرۈۋەتكەيسىز) .

مەكتەپ ئاۋانگارتلىرى توربىتى بولسا سىرنت (cernet) تور بىكىتى ئاستىدىكى دۇنياغا داڭلىق يۇمشاق دىتاللارنى (لىكىن بۇ بىكەتتىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ تۈرى كۆپ ئەمەس )ئالى مائارىپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئىتىبار باھادا سىتىپ بېرىدىغان تور بىكەت بولۇپ ، مىكروسوفىتنىڭمۇ بۇ تور بىكەت بىلەن يۇمشاق دېتال سىتىش ھەمكارلىقى بار ، بۇ بىكەتتىكى يۇمشاق دېتاللار پەقەت ئالى مەكتەپتىكى ئوقوغۇچىلارغىلا سىتىلىدىغان بولغاچقا سىز دەسلەپتە تىزىملاتقان  سىز ئىشلەتكەن ئېلخەتنى چوقۇم مەلۇم ئونۋىرسىتتىن تىزىملاتقان بولىشىڭىز كىرەك (ئاساسلىقى ئېلخەت ئادرېسىدا edu بۆلىكىنىڭ بار يوقلىقىغا قارايدۇ) . لىكىن  Windows 8 نى سىتىشنى تىزلىتىش ئۈچۈن مەكتەپ ئاۋانگارتلىرى توربىتى  ھەرقانداق بىر ئۆز بىتىگە تىزىملاتقان ئەزاغا 248 يۈەندىن سىتىپ بىرىۋاتىدۇ . مەن ئۆزۈممۇ ئۇنۋىرسىت ئوقۇغۇچىسى بولغاچقا بىزنىڭ مەكتەپتىن بەرگەن ئىلخەت ئادرېسىنى ئىشلىتىپ  مۇشۇ بىكەتتىن سىتىۋىلىپ ئىشلەتتىم ، 16 يۈەن قوشۇپ بەرسىڭىز Windows 8 دىسكىسىنىمۇ بىللە قوشۇپ ئەۋەتىپ بېرىدۇ .

بۈگۈن مەلۈم مۇنبەردىكى ئىلزات ئىسىملىك قىرىندىشىمىزمۇ مەندىن ياردەم قىلىپ Windows 8  سىتىۋىلىشىپ بېرىشىمنى ئىيىتقانىدى ، مەن سىتىۋىلىش جەريانىمنى  رەسىملىك قىلىپ ئىشلەپ قويدۇم پايدىلانغايسىلەر .

ئاۋۋال مەكتەپ ئاۋانگارتلىرى توربىتىگە كىرىپ ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنىمىز .

(بىكەت ئادرېسى : http://shop.edu.cn/)  

ئاۋال ماۋۇ ئادرېسقا كىرىپ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى ھەقسىز تىزىملىتىش ئۇلانمىسى باسساق تۆۋەندىكىدەك تىزىملىتىش بىتى ئىچىلىدۇ ، بۇ يەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرىمىزنى يازىمىز ، ئاندىن ئاستىدىكى تىزىملىتىش كونۇپكىسىنى باسىمىز .

تىزىملىتىش كونۇپكىسىنى باسساق بىزنىڭ تىزىملىتىشتا ئىشلەتكەن خەت ساندۇقىمىزغا جەزىملەش خىتىدىن بىرنى ئەۋەتىدۇ .

ئەگەر ئىلخەت تاپشۇرۇپ ئالمىغان بولساق ئاۋۇ رەسىمدىكى ئاستىدىكى كونۇپكىنى بىسىپ قايتا ئەۋەتكۈزسەك بولىدۇ .

ئىلخەتتە ئەۋەتكەن ئادرىس بويىچە تىزىملاش ئۇچۇرىمىزنى جەزىملەپ ئاكتىپلىساق تۆۋەندىكىدە بەت چىقىدۇ .

بۇ يەردىن سىتىۋىلىشنى ئىلتىماس قىلىش دىگەن كونۇپكىنى باسىمىز ، باسساق بىر رامكا چىقىپ شەخسى ئۇچۇرىمىزنى كىرگۈزىمىز (ئىسمىمىز ، يانفۇن نومۇرىمىز ، ئوقۇۋاتقان مەكتەپ <شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى>، دىگەندەك ) ، ئاندىن شۇ تور بىكەتنى ئارىلاپ http://item.shop.edu.cn/brand/microsoft دىگەن ئادرېستىن ھەقىقى نەشىردىكى Windows 8 نى سىتىۋالساق بولىدۇ ، بۇ توربەتتىكى مەھسۇلاتلارنى سىتىۋالغاندا چىقىم قىلىشقا بولىدىغان ئۇسۇللاردىن

يۇقارقى رەسىمگە قارىساق بۇ بىكەتتىكى مەھسۇلاتلارنى خالىغان تور بانكا كەسپى ئىچىلغان بانكا كارتىسى ، ياكى ئالىپاي (支付宝)  ئارقىلىق سىتىۋىلىشقا بولىدۇ . بىز ئۆزىمىزگە قولاي بولغان پۇل تاپشۇرۇش ئۇسۇلىنى تاپشۇرۇپ جەزىملەپ پۇلنى تاپشۇرساق ئۈستىدە بىز تىزىملىتىشتا ئىشلەتكەن ئىلخەت ئادرېسىمىزغا بىر پارچە خەت ئەۋەتىدۇ ، بۇ خەتتە ھەقىقى نەشىردىكى Windows 8 نىڭ تىزىملاش نومۇرى (بۇ نومۇر پەقەت سىزگىلا مەنسۇپ ، سىزنىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق نومۇرىڭىز) ، Windows 8 نى توردىن قاچىلاش ئۇسۇلى ، ۋە سىزنىڭ بىر قىسىم شەخسى ئۇچۇرلىرىنى بار ، مەن سىتىۋالغاندىكى ئۇچۇرلار تۆۋەندىكىچە

مۇشۇ خەتتىكى ئۇسۇل ئارقىلىق توردىن قاچىلىۋالسىڭىز بولىدۇ .

خەيىر يازمىمىز تامام ، ئەگەر يۇقارقى باسقۇچلارنى چۈشەنمىگەن بولسىڭىز ئاستىغا ئىنكاس يىزىپ قالدۇرۇڭ ، بىلوگىمىز سىزنىڭ ھەقىقي نەشىردىكى Windows 8 نى سىتىۋىلىشىڭىزدىن تارتىپ تاكى قاچىلاپ بولغۇچە ھەقسىز تېخنىكىلق ياردەمدە بولىدۇ .

بلوگ ئاپتورى:

مەزكۈر يازما 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى تەرىپىدىن « تەجرىبىخانا» سەھىپىگە يوللانغان. باھا يوللىماقچى بولسىڭىز بۇ يەردىن يوللاڭ. ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئالغان ھەمدە يازما ئادىرىسىنى ئەسكەرىتكەن ئەھۋالدا باشقا يەرگە يوللىسىڭىز بولىدۇ. +يازما ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
يازما ئەسلى ئادىرىسى: خەلقئارالىق كېرىدت كارتىڭىز بولمىسىمۇ Windows 8 نى سېتىۋالايسىز (ۋاقىت ئاز قالدى)
خەتكۈچلەر: ,

【ئالدىنقى يازما】
【كېيىنكى يازما】

سىز قىزىقىدىغان باشقا يازمىلار



19 دانە ئىنكاس يوللاندى: (مېھمان:19 دانە ، يازما ئاپتورى:0 دانە )

  1. سەۋر مۇنداق يازغان:

    بولسا 16 يۈەنگە دىسكىسىنى قۇشۇپ ئېلىشنىڭ ئۇسۇلىنىمۇ يوللاپ قويغان بولسىڭز !

    1 - قەۋەت
    • Geek مۇنداق يازغان:

      سىز ئاۋۇ بىكەتكە تىزىملىتىپ كىرىپ بولغاندىن كىيىن سول تەرەپ ئۈستىدىكى ئەزالار مەركىزى دىگەن خەتكە مائۇسنى ئاپارسىڭىز بىر تىزىمىك چىقىدۇ ، ئوپتىك دىسكا ئالىمەن (索取光盘) نى باسسىڭىز مۇناسىۋەتلىك بەت چىقىدۇ ، شۇ يەردە لازىملىق نۇسقىسىنىڭ ئوپتىك دېسكىنى سىتىۋالسىڭىز ناھايىتى تىزلىكتە ئەۋەتىپ بېرىدۇ .

  2. مۇئەللىم مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، يىڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ، تېنىڭىزنىڭ سالامەت ، تۇرمۇشىڭىزنىڭ بەخىتلىك ، ئائىلىڭىزنىڭ خاتىرجەم ، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن ، يىڭى يىلدا ۋە بۇندىن كېيىن بەخىت-ئامەت ، خاتىرجەملىك ، ئاسايىشلىق ، تىخىمۇ ياخشى نەتىجىلەر ۋە ياخشى دوستلار سىزگە بىر ئۆمۈر يار بولغاي ، بىلوگىڭىز تىخىمۇ گۈللەپ ياشنىسۇن !….

    2 - قەۋەت
    • Geek مۇنداق يازغان:

      سىزنىڭمۇ يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇ ن ، يېڭە يىلدا يېڭىچە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەيسىز ….

  3. سەھرايىم مۇنداق يازغان:

    iso ھۆججىتىنى زادى چۈشۈرگىلى بولمايۋاتىدىغۇ كاساپەتنىڭ

    3 - قەۋەت
  4. دىيار مۇنداق يازغان:

    ماڭغا ياردەم قىلسىڭىز .
    چ چ نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قۇيۇڭ .

    4 - قەۋەت
  5. tughluq مۇنداق يازغان:

    مەن dell ماركىلىق بىرىكمە كومپيۇتېردىن بىرنى سېتىۋالغان ئىدىم، كومپيۇتېرغا ئەسلى قاچىلانغان win7 نىڭ 促销代码 غا ئاساسەن win8نى سېتىۋېلىپ چۈشۈرسەم 64 بىتلىقى چۈشۈپتۇ، كومپيۇتېرنىڭ cpuسى پەقەت 64بىتلىققا ماس كېلىدىكەن، شۇڭا 64لىكنى قاچىلىغان ئىدىم، لېكىن ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى پەقەت قاچىلىيالمىدىم، ئىلگىرى باشقا بىر كومپيۇتېرغا 32 بىتلىقىنى قاچىلاپ ئۇيغۇر تىل بولىقىنىمۇ قاچىلاپ بەرگەن. بۇ نېمە ئۈچۈندۇ؟

    5 - قەۋەت
    • Geek مۇنداق يازغان:

      تىل بولىقى بىلەن سىستېما بىت سانىنىڭ مۇناسىۋىتى يوق ئىدى ،
      سىز ئاۋۋال بارلىق ياماقلارنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ ، ئاندىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭ .

  6. karwan728 مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن سىز تونۇشتۇرغان ئۇسۇل بويىچە بىر نۇسخا سېتىۋالدىم. بىراق توردىن چۈشۈرۈپ بولۇپ قاچىلاش باسقۇچىغا كەلگەندە iso ھۆججەت ھاسىل قىلىپ ئويدىكى كومپىيۇتىرغا قاچىلاي دىسەم، ساقلاش ئورنىنى بىكىتىپ جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن iso ھۆججەت قىلىش مەغلۇپ بولدى، قاچىلاش ھۆججىتىنى قايتا قوزغىتىڭ دەپ چىقتى. قاچىلاش ھۆججىتىنى قايتا قوزغىتاي دىسەم دىسەم قەيەرگە چۈشۈرگەنلىكىنى تاپقىلى بولمىدى، يەنە قايتىدىن چۈشۈرەمدىم؟

    6 - قەۋەت
  7. subat87 مۇنداق يازغان:

    、ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ، مەن سىز دىگەن ئۇسۇل بىلەن win8 نى سېتۋالغان ئىدىم ،چۇشۇردۇم ، لىكىن قاچىلاش جەريانىدا 安装程序无法应用迁移数据 دىگەن ئۇچۇر چىقىۋېلىپ توختاپ قالدى ، ھەم قايتا قوزغىلىپ ئەسلىدىكى xp ھالىتىگە قايتىپ كەتتى ، قانداق قىلىشىم كېرەك ،

    7 - قەۋەت
  8. subat87 مۇنداق يازغان:

    ۋىندوۋس 8 قاچىلانغاندا نورمال ئەھۋال ئاستىدا قانچىىلىك سىغىم ئىگەللەيدۇ .
    مىنىڭ 18 گىگا يەرنى ئىگەللىدى ، بۇ توغرىمۇ ياكى قاچىلاش جەريانىدىكى ۋاقىتلىق ھۆججەت بارمىدۇ ،

    8 - قەۋەت
    • Geek مۇنداق يازغان:

      مەن ھازىر ئۆيۈمدىكى كومپيۇتېردا ئەمەس ، سىز قاراپ بېقىڭ C دېسكا رايونىڭىزدا Wondows.Old دەپ قىسقۇچ بارمىكىن ، ئەگەر بولسا شۇنى ئۆچۈرۋىتىڭ ، 8 نىڭ ئۆزىلا ئادەتتە 18 گىگا كەلمەيدۇ .

  9. subat87 مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ، سىزنى يەنە ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ، ياردىمىڭىزدە ئاخىرى بۇ سېستىمىنى مۇۋاپىقىيەتلەك قاچىلدىم،نورمال ئىشىلتىۋاتىمەن .
    ھازىرقى مەسىلە 1. ئېكران بەك كۆزنى ئاغىرتىدىغان بولۇپ قاپتۇ ، بىر خىل غۇۋا ھەم تىتىرگەندەك كۇرۇنىدۇ ، ئازراق قارىسىلا كۆز ئاغرىپ كىتىۋاتىدۇ .
    2. c دىسكىدا) PerfLogs
    ، Program Files ،
    ( Program Files (x86
    ProgramData
    \Windows
    用户 قاتارلىق قىسقۇچلار بار ئىكەن . ھازىر سىغىمى 19 گىگادىن ئاشىدۇ ، نەشىرىنى يىڭىلاپ ۋە نەچچە تال دىتال قاچىلىدىم ،بۇنى ھەل قىلىش ئۇچۇن ياردىمىڭىزنى ئايى،اسلىقىڭىزنى ئۇمىد قىلىمەن ، بەك ئاۋارە قىلۋەتتىم .

    9 - قەۋەت
  10. مەن مۇنداق يازغان:

    ئاۋۋال مەكتەپ ئاۋانگارتلىرى بەت ئادىرىسىنى يوللاپ بەرسىڭىز رەخمەت

    10 - قەۋەت

ئىنكاس يوللاش

[باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟]

gravatar

 

رەسىم قىستۇرۇش