Windows 8 ئەپلىرىنى تور يۈزىدىلا ئاچقىلى بولىدۇ
بۈگۈن مىكروسوفىت شىركىتى تورمۇھىتىدا تۇرۇپ Windows 8 ئەپلىرىنى ياسىغىلى بولىدىغان قورال TouchDevelop Web App نى ئىلان قىلدى ، بۇ قورال ئارقىلىق يانفۇندا ياكى تاختا كومپيۇتېردا تۇرۇپلا Windows 8 ۋە Windows Phone 8 سېستىمىلىرىغا ئەپ ياسىغىلى بولىدۇ .
ئىلگىرى بۇ ئىككى سىستېمىغا ئەپ ياساش ئۈچۈن PC كومپيۇتېرى ۋە بىر يۈرۈش ئەپ ياساش يۇمشاق دېتاللىرى زۆرۈر بولاتتى ، ھازىر پەقەت كۆچمە ئۈسكىنىڭىزدىكى تور كۆرگۈنى قوزغىتىپلا TouchDevelop بىتىگە كىرىپ Google , FaceBook , Windows Live ھىساباتىڭىز بىلەن تىزىملاتسىڭىزلا بۇ قورالنى ئىشلىتەلەيسىز ، بۇ قورال ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك كودلارنى ئىشلىتىپ كۆچمە ئۈسكىنىلەردىكى ماتېرياللار ، ئورۇن ئۇچۇرىڭىز قاتارلىقلارنى ياساۋاتقان ئەپكە قىستۇرالايسىز ، يانفۇنىڭىزدا ياسىغان ئەپنى ئەپ سىتورىغا يوللاپ تاختا كومپيۇتېرىڭىزدا ئىجرا قىلالايسىز .
TouchDevelop Web App بولسا Windows Phone نىڭ ئەپ ياساش دېتالى TouchDevelop نىڭ كىڭەيتىلىشى بولۇپ ، تاختا كومپيۇتېرلاردا چاشقىنەك ۋە كونۇپكا تاختىسىنى ئۇلاپ PC كومپيۇتېرىدا ئەپ ياسىغاندەك كود يىزىپ ئەپ ياساشقىمۇ بولىدۇ .كۆچمە ئۈسكىنىلەردە ياسىغان ئەپلەرنى Windows Phone ۋە Windows ئەپ بازىرىغا يوللاپ تەمىنلەشكە بولىدۇ .
مەن بىر سىناپ باقاي قېنى
بىلوگىڭىزدىن ياخشى تېمىلارنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن. مۇمكىن بولسا بىلوگىڭىزنىڭ كود قىستۇرۇش ئۇسۇلىنى ھەمبەرلىنىشكە بۇلامدۇ ؟
قولۇم بىكار بولغاندا سىزگە يوللاپ بېرەي