كىشىلىك ھاياتتا كۈتۈپ تۇرۇشقا بولمايدىغان ئۈچ پۇرسەت
1. نامراتلىقنى كۈتۈپ تۇرۇشقا بولمايدۇ. نامراتلىققا بېقىندى بولۇپ قىلىش تولىمۇ قورقۇنچلۇق بولۇپ ،ئۆزىدىن غالىپ كېلىش پىسخىكىسىنى چەكلەپ قويغان بولىدۇ . شۇڭا نامراتلىققا تەن بەرمەي تىنماي تىرىشىش لازىم .مۇشۇنداق قىلغاندا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ئۆز ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ .
2. غايىنىڭ ئىشقا ئېشىشىنى كۈتۈپ تۇرماسلىق كېرەك. كىشىلىك ھاياتتا ئوخشىمىغان باسقۇچتا، ئوخشىمىغان خىياللار پەيدا بولىدۇ. 20ياشتا يەتمەكچى بولغان ئارزۇيىڭىزغا 60ياشتا يەتكەن بولسىڭىز، تولىمۇ كېچىككەن بولىسىز. شۇڭا نەچچە يېشىڭىزدا نېمە قىلىشنى ئويلىسىڭىز ۋاقتىدا ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىڭ. ھەرگىز كەينىگە سۆرىمەڭ. بۇنداق قىلسىڭىز پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قالىسىز.
3. ئاتا – ئانا باقىۋەندە ئەمەس. بەلكى ھازىر بىز ياش بولغاچقا كەلگۈسىدە نۇرغۇن ۋاقىت بىزنىڭ ئىزدىنىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرىدىغاندۇ، ئەمما ئاتا-ئانىمىز ئۈچۈن ئۇنداق بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ نەتىجىمىزنى كۆرۈشكە ۋاقتى يار بەرمەسلىكى مۇمكىن. پۇل تېپىپ ئۇلارنى ياخشى يىگۈزۈپ، ياخشى كىيگۈزۈش بىزنىڭ شان- شەرىپىمىز. ئەمما ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتسەك چەكسىز پۇشايماندا قالىمىز. بۇنىسى ھەممىمىزگە ئايان .
ئادەمنىڭ ئالدىنقى يېرىم ھاياتى ئىككىلىنىش بىلەن، كېيىنكى يېرىم ھاياتى پۇشايمان بىلەن ئۆتىدۇ. ياشىغان ئىكەنمىز ھەر بىر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىمىز لازىم، چۈنكى ھاياتلىق يولىڭىزنى تېپىپ بولغۇچە پۇرسەت قولدىن كېتىپ قېلىشى مۇمكىن .
- 2011: ئۇبۇنتۇ XFCE 4.8(0)
- 2011: mtv ياساش يۇمتالى Videoporama(0)
ماۋۇ بىلوگدا باشقا بىر ئاپتور پەيدا بولۇپ قاپتا ئەجەپ …. لەيلا كىم بولدى ئەمدى …
ئېسىل يازما
لەيلا خېنىم بىلوگىمىزنىڭ يېڭى ئاپتۇرى بولىدۇ .
ئۇزتاجنى يوقلاپ ھەم كەلدىمغۇ، چاي بامىدۇ؟
ئۆزىلىرىنى يېڭى بىلوگىلىرى بىلەن قوشۇپ زەپەچاي دەملەپ كۈتىۋالىمىز….