مەزكۈر يازمىمىزدا سۈرەتلەر ئاستىدا بېرىلگەن چۈشەندۈرۈشلەر مۇھىم ئەمەس ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەركىن قويىۋىتىپ تىرەك بوستان ناملىق مۇزىكىنى ئاڭلىغاچ ئاددى كۆزلىرىڭىز بىلەن تۆۋەندىكى رەسىملەرنى كۆزىتىپ چىقىڭ .
1. 8-ئاينىڭ 13-كۈنى ، ئامىرىكا ئوھىھو شىتاتى بېرىس باغچىسى ، پېرزدىنت ئوباما نۇتۇق سۆزلىمەكتە
2. 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەردە ئاۋىستىرىيە تەنھەركەتچىسى فىلىكىس (تولۇق ئىسمى Felix Baumgartner ) گاز شارىغا ئولتۇرۇپ 39 مىڭ مىتېر ئىگىزلىككە چىققاندىن كىيىن پاراشوت بىلەن سەكرەپ يەر يۈزىگە ساق سالامەت چۈشكەن ، يۇقىرى ئىگىزلىكتىن ئەركىن چۈشۈش قاتارلىق بىر قانچە تۈرلەر بويىچە دۇنيا جىنىس رىكورتى ياراتقان ، ئۇنىڭ بوشلۇقتىكى ئەڭ تىز سۈرىتى شۇ ئۆزى تۇرغان يەردىكى ئاۋاز تىزلىكىدىن ئىشىپ كەتكەن . (پىزىكىچى ئاغىنىلەر قىنى بىر ھىسابلاپ باقساڭلار ، فىلىكىس 39 مىڭ مىتېر ئىگىزلىكتىن ئەركىن چۈشكەن ، ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچىنى ھىسابقا ئالماي، پاراشوت يوق ئىدىئال بوشلۇق دەپ ئويلاپ تۇرۇپ ئىغىرلىق كۈچ تىزلىنىشىنى 9.8 مىتېر ھەر سىكونت كىۋادىرات ، ئاۋاز تىزلىكىنى 340 مىتېر ھەر سىكونت ، فىلىكىسنىڭ ئىغىرلىقىنى 75 كىلوگىرام ، مۇشۇ پارامىتېرلار بويىچە ھىسابلىغاندا فىلىكىس گاز شارىدىن سەكرەپ چۈشۈپ قانچىلىك ۋاقىتتىن كىيىن ئۇنىڭ سۈرىتى ئاۋاز سۈرئتىدىن ئاشىدۇ ؟ ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ سۈرئىتى قانچىلىك ؟ ئۇنىڭ ئاۋاز سۈرئىتىدىن ئىشىپ كەتكەن جايى يەر يۈزىدىن قانچىلىك ئىگىزلىكتە ؟ ) ئەگەر يۇقارقىلارنى توغرا ھىسابلاپ چىقالىسىڭىز يانفۇنىڭىزغا 10 سوم قىممەت تولۇقلاپ بېرىلىدۇ .
3. 7- ئاينىڭ 23-كۈنى چاۋشىيەن پىڭراڭ ، چاۋشىيەن ئالى رەھبىرى كىم جۇڭئۇن ئايالى بىلەن بىرلىكتە مەلۇم بىر باغچىدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە .
4. 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ، پەلەستىن ، بالىلار بوغۇزلانغان ئاتنىڭ يىنىدا ، پەلەستىن پايتەختى غەززادىكى گۆش ئىلىپ يىيەلمەيدىغان نامرات خەلقلەر ، ئايدا بىرەر قىتىم شىرىكلىشىپ ئات سىتىۋىلىپ ، ئاتنى بوغۇزلىغاندىلا ئاندىن گۆش يىيەلەيدۇ . پەلەستىندە بىر كىلوگىرام كالا گۆشى 40 شىكىر (تەخمىنەن 68 سوم) ، ئەمما بىر تۇياق ئاتنىڭ باھاسى 100 شىكىردىن 400 شىكىرغىچە بولۇپ (830 سومدىن 3300 سومغىچە ، تۆۋەن باھادا بىز 15 كىلوگىرام گۆش چىقىدىغان قويدىن بىرنى ئالالايمىز ) ئات گۆشى خىلىلام ئەرزان توختايدۇ ، پەلەستىنلىك قېرىنداشلارنى اللە ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي .
5. 2- ئاينىڭ 23-كۈنى ، بولىۋىيە لاپاز رايونى ، بولىۋىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدن كەلگەن مىيىپ كىشىلەر توپلىشىپ ئىتراز بىلدۈرۈپ ھۆكۈمەتنىڭ مىيىپلارغا يىللىق ياردەم پۇلىى بىرىشنى تەلەپ قىلدى ، سۈرەتتە چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغان مىيىپ ئايال شۇ يەردىكى ئامانلىق ساقلىغۇچى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان .
داۋامى بار ....
- 2011: قاتتىق دىسكىدىكى UBUNTU غا تەقسىم قىلىنغان سىغىمنى چوڭايتىش ئۇسۇلى(0)