سالام كۆپچىلىك بىلوگدا يازما يازمىغىلى ئۇزۇن زمانلار بولۇپ كىتىپتۇ ، بۇگۈن تورداشلارغا مەن ئىكران كەسمە رەسىمى ئارقىلىق شۇ ئايفۇنغا قاچىلانغان ئەپلەرنى تىپىپ چىقىدىغان بىر تور بىكەتنى ئىلىپ كەلدىم ئانچە مۇنچە لازىمى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ، ئىلگىرى ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبىدىكى جىق تورداشلار باشقىلار تىما يوللاشتا ئىشلەتكەن ئىكران كەسمە رەسىمىگە قاراپ ئىنكاس يىزىشىپ تىما ئىگىسىدىن ئاۋۇ نىمە ئەپ ، ماۋۇ نىمە ئەپ دىگەندەك سۇئاللارنى سوراشقانلر بولغان ، ئۇندىن باشقا بەزى ھەۋەسكارلارنى يىڭى ئالما ئىشلەتكۈچىلەر ئاۋارە قىلىشىپ مىنىڭ ئايفۇنۇمنىمۇ سىنىڭكىدەك قىلىپ بەرسەڭ ، مىنىڭكىدە سىنىڭكىدەك جىق ئويۇن ئەپلەر يوق ، ئاۋۇ سىنىڭ ئايفۇنىڭدىكى ئەپ نىمە ئەپ دىگەندەك سۇئال سوراق ياردەم تەلەپ قىلىشلەر كەم بولماي كەلدى ، مانا بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ appetite دەل مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ .
appetite بولسا ئالما ھەۋەسكارلىرى ياساپ چىققان تور قورالى بولۇپ بىز بۇ قورالغا ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىكران كەسمە رەسىمىنى (screenshot) تەمىنلىسە بۇ قورال بىزگە ئەشۇ كەسمە رەسىمدىكى ئەپلەرنىڭ نامى ۋە iTunes دىكى چۈشۈرۈش ئادرېسىنى تەمىنلەيدۇ ، شۇ ئادرېس ئارقىلىقلا شۇ ئەپكە ئىرىشەلەيدۇ .
بۇ قورال تور يۈزىدە ئىشلەيدىغان قورال بولۇپ http://appetite.io/ غا كىرسىڭىز بۇ قورالنى ئىشلىتەلەيسىز .
بۇ بىكەتكە كىرسىڭىز ئوڭ تەرەپ ئوتتۇردا كۆك رەڭلىك چوڭراق بىر كونۇپكا بار (كونۇپكا نامى Upload ScreenShot ) شۇ كونۇپكىنى بىسىپ ئىكران كەسمە رەسىمىنى چىقىرىپ بەرسىڭىز ، شۇ رەسىمدىكى ئەپلەرنىڭ نامىنى تىپىپ بېرىدۇ .
ئابدۇرشىت ئىلىنىڭ <مەن ياقتۇرۇپ ئىشلەتكەن بەزى ئەپلەر > ناملىق يازمىسىدىكى ئەپلەرنى مەن ئابدىرشىتجان تەمىنلىگەن ئىكران رەسىمىگە ئاساسەن تۆۋەندىكى ئەپلەرنى تىپىپ چىقتىم ، ۋە ئۇزتاج بىلوگىمىزنىڭ بىرنەچچە ئايفۇن ئىشلەتكۈچى ئاپتۇرلىرىغا ۋە بىرنەچچە دوستۇمغىمۇ ئابدىرشىتجان تەۋىسىيەلىگەن بۇ ئەپلەرنى ئەۋەتىپ بەردىم ، بىزدە مۇشۇ قوراللا بولىدىكەن ئەمدى ئابدىرشىتجاندەك كونۇپكا چوقىلاپ چۈشەندۈرۈپ يۇرمەستىن ئىكراننى رەسىمگە تۇتۇپلا ئەۋەتىپ قويساق ئەپلەرنىڭ ھەممىسىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى بىلەن قوشۇپ چىقىرىپ بېرىدۇ .
ئابدىرشىتجان تەۋىسىيەلىگەن ئەپلەرنى ماۋۇ يەردىن كۆرگەيسىز http://appetite.io/a/2be544f1