ئىلگىرى بىلوگىمىز ئاپتورى UyghurPC ئۆزىنىڭ پروگرامما ھەۋەسكارلىرىغا تەڭداشسىز سوۋغا دىگەن يازمىسىدا github.com دىگەن بىر كود دېسكىسىنى تونۇشتۇرغان ئىدى ، بۈگۈن كۆپچىلىككە github تىن بى سوۋغا ئىلىپ كەلدۇق ، پايدىلانغايسىز .
سىز بىزگە ئوخشاش توربىكەت ياسىغۇچىلار دائىم تور بىكىتىمىزنى ئوخشاش بولمىغان ئىنىقلىقتىكى ئىكراندا قانداق كۆرۈنىدىغانلىقىنى بىلمەي قالىمىز ، بەزىلىرىمىزنىڭ بىر نەچچىدىن يانفۇنى تاختا كومپيۇتېرى بار ، كۆپ ئىشلىتىدىغان ئىنىقلىقتىكى ئىكرانلاردا كۆرۈنۈش ئەھۋالىنى سىنىيالايمىز، لىكىن قولىدا ئادەتتىكى يانفۇنى ۋە كومپيۇتېرىدىن باشقا ھىچنىمىسى يوق توربىكەت باشلىقلىرى ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىمىز ؟
بۈگۈن تورداشلارغا Responsivator ناملىق بىر قورالنى ئىلىپ كەلدىم بۇ قورال ئارقىلىق توربىكىتىڭىزنى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان كۆچمە – يان تېرمىناللاردىكى كۆرۈنۈشى ، چوڭ – كىچىك ئىكراندىكى كۆرۈنۈشى ،شۇنداقلا ئۆزىڭىزگە كىرەكلىك بولغان خالىغان ئىنىقلىق قىممىتىنى تەڭشىۋىلىپ شۇ ئىنىقلىقلاردىكى كۆرۈنۈش ئەھۋالىنى بىلەلەيسىز ، شۇ ئارقىلىق بىكىتىڭىزنىڭ رامكىسىنىڭ قىممىتىنى ئەڭ ياخشى ھالەتتە تەڭشىۋالالايسىز ،
قېنى تۆۋەندىكى ئادرىسقا كىرىپ Enter website url دىگەن يەرگە سىنىماقچى بولغان بىكەت ئادرېسىنى كىرگۈزۈپ ينىدىكى كونۇپكىنى باسسىڭىزلا بولىدۇ .
- 2008: يۇمشاق دېتاللارنىڭ نەشر ناملىرى توغرىسىدا(0)
مەن بىلوگىمنى كۆرۈپ باقسام يەنىلا كەڭ ئېكراندا ياخشى چىقىدىكەن.
بۇ يازمىدا ئاساسلىقى ئوخشىمان چوڭلۇقتىكى ئىكرانغا بەت ماسلاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ ،