بۇ يازما ئارقىللىق مەۋھۇم كومپيۇتېر قۇرۇشنىلا ئەمەس مەۋھۇم كومپيۇتېرنىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلىۋالالايسىز.

يېقىندا Ubuntu, OpenOffice, Firefox قاتارلىق چوڭ ھەجىمدىكى تەرجىمە قىلىنغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى سىناپ پىكىر بېرىش ھەققىدە چاقىرىق قىلىنغان بولسىمۇ، بۇ خىزمەتكە ئاساسەن ئاۋاز قوشىدىغانلار چىقمىدى. ئاساسلىق سەۋەبلەر بەلكىم Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاش ۋە ئىشلىتىشتە كۆپچىلىك قىيىنچىلىققا يولۇققان بولۇشى مۇمكىن.

مەن مۇشۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ جەريانلارنىڭ رەسىملىك، تەپسىلى چۈشەندۈرۈلۈش ماتىرياللىرىنى تەييارلاپ چىقتىم. بۇ ماتىريال تۆۋەندىكى 3 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان:

[1] مەۋھۇم كومپيۇتېر مۇھىتى قۇرۇش يۇمشاق دېتالى Oracle VM VirtualBox نى قاچىلاش
[2] Oracle VM VirtualBox يۇمشاق دېتالى بىلەن مەۋھۇم كومپيۇتېر مۇھىتى قۇرۇش
[3] مەۋھۇم كومپيۇتېر مۇھىتىغا Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش
مەۋھۇم كومپيۇتېر بولسا، سىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقان نۆۋەتتىكى ھەقىقى، فىزىكىلىق (كۆز بىلەن كۆرگىلى، قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان) كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان (بىر قانچە) كومپيۇتېر بولۇپ، بۇ كومپيۇتېرلارنى كۆز بىلەن كۆرگىلى، قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدۇ. يەنى بۇلار ھەقىقى كومپيۇتېرلار ئەمەس. لېكىن بۇلارنى ھەقىقى كومپيۇتېرلارنى ئىشلەتكەندەك ئىشلەتكىلى، جۈملىدىن، توكىنى ئۇلاش، قوزغىتىش، قاتتىق دىسكىسىنى فورماتلاش، مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە باشقا يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش، ئۆچۈرۈش... قاتارلىق ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ. بۇ تەرىپى ھەقىقى كومپيۇتېرلاردىن ئاساسەن پەرقلەنمەيدۇ.

مەۋھۇم كومپيۇتېر سىزنىڭ ھەقىقى كومپيۇتېرىڭىزدا ئىجرا بولىۋاتقان يۇمشاق دېتال شەكلىدە خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، خۇددى باشقا يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەتمىگەندە، ئۇلارنى تاقىۋەتكەنگە ئوخشاش، ھاجىتىڭىز چۈشمىگەندە، بۇ مەۋھۇم كومپيۇتېرلارنى تاقاپ قويغىلى، ھاجىتىڭىز چۈشكەندە ئاندىن قوزغىتىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

مەۋھۇم كومپيۇتېر پەقەت سىزنىڭ فىزىكىلىق كومپيۇتېرىڭىزنىڭ مەلۇم قاتتىق دىسكا بوشلۇقى ۋە باشقا CPU ۋە ئىچكى ساقلىغۇچ بايلىقىنى ئىشلەتكەندىن باشقا، فىزىكىلىق كومپيۇتېرىڭىزغا باشقا تەسىرى بولمايدۇ. ئەسلى كومپيۇتېرىڭىزدىكى مەشغۇلات سىستېمىسى، يۇمشاق دېتاللار ۋە باشقا ھۆججەتلەر قىلچە تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.

خۇددى بەزى ھاجىتىڭىز چۈشمىگەن يۇمشاق دېتاللارنى كومپيۇتېرىڭىزدىن سۆكۈۋەتكەندەك، بۇ مەۋھۇم كومپيۇتېرلارنىمۇ ئەسلى كومپيۇتېرىڭىزدىن سۆكۈپ تاشلىۋېتىشقا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەسلى كومپيۇتېرىڭىز بولسا مەۋھۇم كومپيۇتېر قۇرۇشتىن ئاۋالقى ھالىتىگە تولۇق قايتىدۇ.

كومپيۇتېرىڭىزدا، قانچە دانە مەۋھۇم كومپيۇتېر قۇرغىلى بولىدىغانلىقى ۋە مەۋھۇم كومپيۇتېر ئىجرا بولۇۋاتقاندا، ئەسلى كومپيۇتېرىڭىزنىڭ قانچىلىك ئاستىلايدىغانلىقى (چۈنكى مەۋھۇم كومپيۇتېر ھەقىقى كومپيۇتېرىڭىزنىڭ بەزى بايلىقلىرىنى ئىشلىتىدۇ، شۇڭا سەل ئاستىلاش بولىدۇ) بۇ پۈتۈنلەي سىزنىڭ ئەسلى فىزىكىلىق كومپيۇتېرىڭىزنىڭ قاتتىق دېتاللىرىنىڭ سەۋىيەسىگە باغلىق بولۇپ، ئەسلى CPU قانچە تېز، ئەسلى ئىچكى ساقلىغۇچىڭىز قانچە چوڭ بولسا، بۇ تەسىرمۇ شۇنچە كىچىك بولىدۇ.
مەۋھۇم كومپيۇتېرنىڭ بىز ئۈچۈن ئەڭ زور پايدىلىق تەرىپى، يېڭىدىن بىر سىناق كومپيۇتېر سۇپىسى ھاسىل قىلىپ، بۇ سۇپىدا يېڭى نەرسىلەرنى سىناپ كۆرۈش شارائىتى بىلەن تەمىنلەشتۇر.

مەسىلەن، سىز Windows XP ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، Windows Vista, Windows 7, Ubuntu قاتارلىق باشقا مەشغۇلات سىستېمىلىرىنى سىناپ باقماقچى بولسىڭىز، مۇنداق ئىشلار بېشىڭىزغا كېلىشى مۇمكىن:

[1] ناۋادا سىزنىڭ بىردىن ئارتۇق قاتتىق دىسكىڭىز بار بولسا، بۇ يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسىنى بۇ ئارتۇق قاتتىق دىسكىغا قاچىلاپ، سىناپ بېقىش.

بۇ گەرچە بولىدىغان چارە بولسىمۇ، بۇ ئارتۇق قاتتىق دىسكىڭىزدىكى ئۇچۇرلارنى زاپاسلاش، فورماتلاش، ۋە كومپيۇتېرغا چېتىش ۋە ئۈزۈش جەريانىدا ئەسلى كومپيۇتېرنىڭ ساندۇقىنى ئېچىپ، قاتتىق دىسكا سىملىرىنى ئۈزۈش ۋە ئۇلاش مەشغۇلاتلىرى … ۋە سىناقتىن كېيىن، بۇرۇنقى ئۇچۇرلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن يەنە يۇقۇردىكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان قەدەملەرنى بېسىش... بۇ جەرياندا ئاۋارىچىلىقمۇ ئاز ئەمەس، بىرەر مەشغۇلاتنى خاتا قىلسىڭىز، قىممەتلىك ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ يوقاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق بولمىغان تەقدىردىمۇ، بىھۇدە، ئارتۇق، تەكرار مەشغۇلاتلار كۆپ ۋاقتىڭىزنى ئالىدۇ.

[2] ناۋادا بىرلا قاتتىق دىسكىڭىز بولسا، ئۇ ۋاقىتتا سىنىماقچى بولغان يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئەسلىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئۈستىگە ياكى پاراللىل قاچىلاشقا توغرا كېلىدۇ.

ئۈستىگە قاچىلىسىڭىز ئەسلىدىكى مەشغۇلات سىستېمىڭىز يوق بولىدۇ. پاراللىل قاچىلىسىڭىز، قوش سىستېما بولۇپ شەكىللىنىپ، كېيىن، قوشۇلغان سىناق مەشغۇلات سىستېمىڭىزنى ئۆچۈرىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، بۇرۇنقى سىستېمىڭىزنىڭ قوزغىلىشى ھالىتى تەسىرگە ئۇچراپ سىزنى كۆپ ئاۋارە قىلىشى مۇمكىن. بۇ جەرياندىمۇ، بۇرۇنقى ئۇچۇرلارنىڭ دىققەتسىزلىكتىن يوقاپ كېتىشى (تەساددىپى ئۇقۇشماي خاتا مەشغۇلات قىلىش سەۋەبىدىن، ئۇچۇرلارنىڭ يوقىتىۋېتىش) مۇمكىن. نىمىلا دېمىگەن بىلەن يۇقۇردىكى 2 ئۇسۇلنىڭ ئاۋارىچىلىقى ئاز ئەمەس.
يۇقۇردىكىلەرگە قارىغاندا، ئەسلى كومپيۇتېرىڭىزغا مەۋھۇم كومپيۇتېر مۇھىتى قۇرۇپ، بۇ مەۋھۇم كومپيۇتېرغا سىنىماقچى بولغان مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاپ سىناپ كۆرسىڭىز، ئەسلى كومپيۇتېرىڭىز، ئۇنىڭ ئەسلى مەشغۇلات سىستېمىسى، ئەسلىدىكى ئۇچۇرلار قىلچە تەسىرگە ئۇچرىمايدىغان بولۇپ، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ساندۇقىنى ئاچمايسىز، بىرەر تال سىمنىمۇ ئۇياق-بۇياققا قىلمايسىز، ئۇچۇرلارنى زاپاسلاش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قاتتىق دىسكىنى فورماتلاش... ۋاھاكازا ئىشلارنىڭ بىرىنىمۇ قىلمايسىز. مەۋھۇم كومپيۇتېر مۇھىتىنى ئىشلەتمىسىڭىز ياكى ئۇنى ئۆچۈرىۋەتسىڭىز، كومپيۇتېرىڭىز پۈتۈنلەي ئەسلىدىكى ھالىتى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش بولىدۇ.

شۇڭا بۇ تەرەپلىرىنى ئويلاشقاندا، مەۋھۇم كومپيۇتېر مۇھىتى بەكمۇ قولايلىق.

ناۋادا بۇرۇن سىز يېڭى مەشغۇلات سىستېمىلىرىنى كۆپ قاچىلاپ باققان بولسىڭىزمۇ، مەۋھۇم كومپيۇتېر مۇھىتىنى ئىشلىتىپ باقمىغان بولسىڭىز، دەرھال بۇ مەۋھۇم كومپيۇتېر ھەققىدە ئىزدىنىپ بېقىڭ ۋە ئۇنى ئىشلىتىپ كۆرۈڭ. ئىشىنىمەنكى، مەۋھۇم كومپيۇتېر مۇھىتىنى سىناپ بېقىپ، ئىشلىتىپ كۆرگەندىن كېيىن، بۇرۇنقى قىلغان مەشغۇلاتلىرىڭىزغا، بىھۇدە ئىسراپ بولغان قىممەتلىك ۋاقىتلىرىڭىزغا ئاھ ئۇرۇپ قېلىشىڭىز چوقۇم.

[1] مەۋھۇم كومپيۇتېر مۇھىتى قۇرۇش يۇمشاق دېتالى Oracle VM VirtualBox نى قاچىلاش
مەۋھۇم كومپيۇتېر مۇھىتى قۇرۇش يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ نامى چىققانلىرىدىن Microsoft Virtual PC, VM Ware ۋە Oracle VM VirtualBox قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ يەردە تونۇشتۇرۇلماقچى بولغىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى، ئىشلىتىشكە ئەڭ قولايلىقلىغى ۋە ھەقسىزىدۇر.

ئاۋال، بۇ ئادرېس
http://www.virtualbox.org/wiki/Downloads
قا بېرىپ، VirtualBox يۇمشاق دېتالىنى كومپيۇتېرىمىزغا چۈشىرىمىز.

بۇ ئادرېستا VirtualBox نىڭ بىر قانچە ۋارىيانتى بار بولۇپ، ئاساسلىقى، سىز ئىشلىتىۋاتقان نۆۋەتتىكى مەشغۇلات سىستېمىسىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ. كۆپىنچىلىرىمىز يەنىلا Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىۋاتقان بولغاچقا، بۇ يەردىكى 1-ئۇلانما
VirtualBox 3.2.6 for Windows hosts x86/amd64
نى چېكىپ، بۇ يۇمشاق دېتالنى كومپيۇتېرىڭىزغا چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.

تۆۋەندىكى رەسىم بولسا، Windows XP سىستېمىسىدا يۇقۇردىكى يۇمشاق دېتالنى «مېنىڭ ھۆججەتلىرىم» ناملىق ھۆججەت قىسقۇچقا چۈشۈرۈپ بولغاندىكى ئەھۋال (مەندىكى ئىنگىلىزچە Windows XP بولغاچقا، ئۇچۇرلار ئىنگىلىزچە بولۇپ قالدى، كەچۈرسىزلەر. لېكىن بۇنىڭ چوڭ تەسىرى يوق):

چۈشۈپ بولغان ھۆججەتنى چاشقان بىلەن قوش چەكسىڭىز، بۇ يۇمشاق دېتال كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلىنىشقا باشلايدۇ:

قاچىلاش يېتەكچىسى. بۇ ۋاقىتتا «كېيىنكى قەدەم» كۇنۇپكىىسىنى چېكىپ داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ:

بۇ كېلىشىمنامە بېتى بولۇپ، كېلىشىمنامىنى قوبۇل قىلمىسىڭىز، «كېيىنكى قەدەم» گە ئۆتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا كېلىشىمنامىنى قوبۇل قىلىڭ:

كېلىشىمنامىگە قوشۇلۇلغاندىن كېيىن، يورۇغان «كېيىنكى قەدەم» كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ

بۇ ئېكراندا، ھىچ يەرگە چېقىلماي، پەقەت «كېيىنكى قەدەم» نى باسسىڭىزلا بولىدۇ:

بۇ ۋاقىتتا، شىرە يۈزى ۋە تېز تاياقچىسىغا VirtualBox سىن بەلگىسىنى قوشۇشنى سورايدۇ. ئۆزىڭىز خالىغانچە تاللاپ، «كېيىنكى قەدەم» نى بېسىڭ:

بۇ يەرگە كەلگەندە، قاچىلاشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يۇمشاق دېتال كومپيۇتېرىڭىزنىڭ تور مۇھىتىنى قىسقا دەقىقە ئۈزۈپ، قايتا ئۇلاشقا مەجبۇر بولىدۇ ۋە بۇ ھەقتە سىزدىن ئىجازەت سورايدۇ. «ھەە» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ. (دىققەت: سىز بۇ قاچىلاش جەريانىدا توردىن بىر نەرسە چۈشۈرىۋاتقان بولسىڭىز، تور مۇھىتى دەقىقە ئۈزۈلۈپ، قايتا ئۇلانغاندىن كېيىن، ئالدىنقى چۈشۈرۈش يەنە داۋام قىلالماسلىقى مۇمكىن. مەن بۇ يېرىنى سىناپ باقمىغان. شۇڭا توردا ئۈزۈلۈپ كەتسە بولمايدىغان زۆرۈر مەشغۇلات قىلىۋاتمىغان شارائىتتا ئاندىن بۇ دېتالنى قاچىلاڭ.)

«قاچىلاش» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ:

.قاچىلىنىۋاتىدۇ. بىر ئاز ساقلاڭ... (پەقەت بىرەر مىنۇت كېتىشى مۇمكىن):

قاچىلاش تاماملاندى. VirtualBox يۇمشاق دېتالىنى ھازىرلا قوزغىتىپ ئىشلىتەمسىز؟ باشقا ھىچقانداق يېرىگە تەگمەي، «تاماملا» كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ:

بۇ ۋاقىتتا، قاچىلاش پۈتۈنلەي تاماملىنىپ، بۇ يۇمشاق دېتال قوزغىلىدۇ. بۇ قوزغالغاندىكى ئېكران كۆرۈنۈشى. مۇشۇ كۆرۈنۈش چىقسا، مۇۋەپپىقىيەتلىك قاچىلىغان بولىسىز.

بۇ ۋاقىتتا [X] كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، بۇ يۇمشاق دېتالنى تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
[2] Oracle VM VirtualBox يۇمشاق دېتالى بىلەن مەۋھۇم كومپيۇتېر مۇھىتى قۇرۇش

ئالدىنقى باسقۇچتا VirtualBox يۇمشاق دېتالىنى كومپيۇتېرغا چۈشۈرۈپ قاچىلىغان ئىدۇق. بۇ 2-باسقۇچتىكى قەدەملەرنى بېسىشتىن ئاۋال، بۇ قاچىلىغان يۇمشاق دېتالنى قوزغىتىمىز.

خۇددى باشقا ئادەتتىكى يۇمشاق دېتاللارنى قوزغاتقاندەك قوزغاتساق بولىدۇ. قوزغىتىش ئۈچۈن، «باشلاش» --> «پروگرامما ھۆججەتلىرى» --> Oracle ... VirtualBox نى چەكسىڭىز بولىدۇ.

دەسلەپتە بۇ دېتال قوزغالغاندىكى ئېكران كۆرۈنۈشى (دىققەت، بۇ رەسىم ئۇبۇنتۇ مۇھىتىدىكى كۆرۈنۈشى بولۇپ، ۋىندوۋز مۇھىتىدىكى كۆرۈنۈشىدىن سەل-پەل پەرقلىنىشى مۇمكىن، لېكىن ئاساسىي قىسىملىرى ئوخشاش):

بۇنىڭدىن قىزىل رامكا ئىچىگە ئېلىپ قويغان «يېڭى (دىن قۇرىمەن)» كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، مەۋھۇم كومپيۇتېر قۇرۇش باسقۇچلىرىنى باشلاڭ.
بۇ چىققان كۆزنەكتىن «كېيىنكى قەدەم» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ:

بۇ ۋاقىتتا، بۇ كۆزنەك چىقىدۇ. بۇ مۇھىم كۆزنەك بولۇپ، 1-كاتەككە سىز قۇرماقچى بولغان مەۋھۇم كومپيۇتېرغا ئىسىم قويىسىز (كۇنۇپكا تاختىسىدىن كىرگۈزۈسىز). 2-كاتەكتە بۇ مەۋھۇم كومپيۇتېرغا قاچىلىماقچى بولغان مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ تۈرىنى تاللايسىز. 3-كاتەكتە بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ كونكىرىت تىپىنى تاللايسىز.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ مەۋھۇم كومپيۇتېرغا خالىغان مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاش مۇمكىن.

بۇ يەردە، 1-كاتەككە مەن mk1 دەپ (مەۋھۇم كومپيۇتېر 1) ئىسىم قويدۇم (كۇنۇپكا تاختىسىدىن ئىسىمنى ئۇرۇپ كىرگۈزىمىز). 2-كاتەكتە مەشغۇلات سىستېمىسى تۈرىگە لىنۇكس دەپ تاللىدىم، 3-كاتەكتە، ئۇبۇنتۇ دەپ كونكىرىت تىپىنى تاللاپ، «كېيىنكى قەدەم» كۇنۇپكىسىنى باستىم:

بۇ كۆزنەكتە، «كېيىنكى قەدەم» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ:

بۇ كۆزنەكتە، «كېيىنكى قەدەم» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ:

بۇ كۆزنەكتە، «كېيىنكى قەدەم» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ:

بۇ كۆزنەكتە، «كېيىنكى قەدەم» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ:

بۇ كۆزنەكتە، «كېيىنكى قەدەم» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ:

بۇ كۆزنەكتە، «تاماملا» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ:

مەۋھۇم كومپيۇتېرنى قۇرۇش باسقۇچلىرى ئاساسەن تاماملاندى. بۇ يەردە «تاماملا» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ:

بۇ ئاخىرقى مەۋھۇم كومپيۇتېر قۇرۇپ بولغاندىن كېيىنكى نەتىجە بولۇپ، بۇ يەردە سىز قۇرغان مەۋھۇم كومپيۇتېرنىڭ ئىسمى ۋە بەزى پارامېتىرلىرى كۆرسىتىلگەن. بۇ مەۋھۇم كومپيۇتېرنىڭ ئىسمى mk1 بولۇپ، بۇ مەۋھۇم كومپيۇتېرغا ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. مۇشۇ يەردە سىز [X] كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، VirtualBox يۇمشاق دېتالىنى تاقىسىڭىز بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن 2-باسقۇچلۇق مەۋھۇم كومپيۇتېر قۇرۇش جەريانى ئاخىرلاشتى.
[3] مەۋھۇم كومپيۇتېر مۇھىتىغا Ubuntu مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش

ئاۋال توردىن ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ قاچىلاشقا بولىدىغان CD تەسۋىر ھۆججىتىنى چۈشۈرىمىز.

http://www.ubuntu.com
تور بېتىگە بېرىپ، شۇ تور بېتىدىكى، تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن «ئۇبۇنتۇنى چۈشۈر» كۇنۇپكىسىنى چېكىڭ:

كېيىنكى چىققان بۇ بەتتىن، «چۈشۈرۈشنى باشلا» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، چۈشۈرۈشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ:

بۇ ۋاقىتتا
ubuntu-10.04-desktop-i386.iso
ناملىق بىر ISO ھۆججىتى كومپيۇتېرىڭىزغا چۈشۈشكە باشلايدۇ. بۇ ھۆججەتنىڭ سىغىمى 700MB ئەتراپىدا (بىر CD نىڭ سىغىمى) بولۇپ، تور سۈرئىتىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، چۈشۈرۈشكە بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.

بۇ ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى نەشرى 10.04 بولۇپ (2010-يىلى 04-ئايدا تارقىتىلغان دىگەن گەپ)، بۇ 32 بىتلىق ئۈستەل يۈزى كومپيۇتېرلىرىغا ماس كېلىدىغان نەشرىدۇر. ناۋادا سىزنىڭ خاتىرە كومپيۇتېر بولسىمۇ ۋەياكى CPU رىڭىز 64 بىتلىق بولسىمۇ ھېچ ئىككىلەنمەي مۇشۇ 32 بىتلىق ئۈستەل يۈزى نەشرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز بولىۋېرىدۇ.
يۇقۇردىكى ھۆججەتنى كومپيۇتېرىڭىزغا چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، چۈشكەن ئورنىنى ئېسىڭىزدە ساقلاپ، تۆۋەندىكى قەدەملەرنى بېسىڭ:

(1) VirtualBox يۇمشاق دېتالىنى قوزغىتىڭ.

(2) سىز ئالدىنقى باسقۇچتا قۇرغان مەۋھۇم كومپيۇتېرنىڭ ئىسمىنى چېكىپ، ئۇنى تاللاپ، ئاندىن، ئىسىم ئۈستىدىكى Start (باشلا) سىن بەلگىسىنى چېكىڭ:

شۇنىڭ بىلەن بۇ مەۋھۇم كومپيۇتېر قوزغىلىشقا باشلايدۇ.

ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بۇ مەۋھۇم كومپيۇتېرنىڭ ئىچى تېخى قۇپ-قۇرۇق بولۇپ، ئۇنىڭ تېخى بىرەر قوزغىلىدىغان مەشغۇلات سىستېمىسى يوق. ئۇنىڭغا بىز چۈشۈرگەن ئۇبۇنتۇ سىستېمىسىنى قاچىلىشىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بىز تېخى ئالدىنقى باسقۇچتا چۈشۈرگەن ئۇبۇنتۇنىڭ قاچىلاش ISO ھۆججىتىنى كۆرسىتىپ بېرىشىمىز كېرەك.

بۇ ۋاقىتتا بىز VirtualBox كۆزنىكىنىڭ تىزىملىكىدىكى Devices (ئۈسكۈنىلەر) تۈرىنى چېكىپ، ئۇنىڭدىن چىققان CD/DVD تۈرىنى تاللاپ، ئۇنىڭدىن ئەڭ ئاستىدىكى ISO ھۆججىتىنى كۆرسىتىش تۈرىنى تاللاپ، ئالدىنقى باسقۇچتا چۈشۈرگەن ISO ھۆججىتىنى كۆرسىتىپ قويىمىز.

ئاندىن يەنە VirtualBox كۆزنىكىنىڭ تىزىملىكىدىكى Machine (مەۋھۇم ماشىنا) تۈرىنى تاللاپ، ئۇنىڭدىن Reset (قايتا قوزغىتىش) تۈرىنى تاللىساق، بۇ مەۋھۇم ماشىنا بىز تاللىغان CD تەسۋىرى بىلەن قايتا قوزغىلىدۇ. بۇ خۇددى نورمال كومپيۇتېرلارنىڭ CD قوزغاتقۇچىغا بىرەر سىستېما CD سىنى سېلىپ، كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتقانغا باراۋەر.
شۇنىڭ بىلەن بۇ مەۋھۇم ماشىنا قايتا قوزغىلىپ، سىستېمىنى قاچىلاشقا باشلايدۇ. بىزگە ئۇچرايدىغان تۇنجى كۆزنەك بۇ

بولۇپ، دەسلەپتە ئېكران يۈزى پۈتۈنلەي ئىنگىلىزچە بولىدۇ.

لېكىن بىز بۇ ۋاقىتتا، تىك سېرىلما تاياقچە 1 نى تۆۋەنگە سېرىپ، تىل تىزىملىكى 2 دىن خەنزۇ تىلىنى تاللىساق، ئېكران يۈزى دەرھال خەنزۇ تىلىغا ئۆزگىرىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا بىز «قاچىلاش» كۇنۇپكىسى 2 نى بېسىپ، قاچىلاشنى داۋاملاشتۇرساق بولىدۇ.
سىز تۇرغان ۋاقىت رايۇنىنى تاللاڭ:

بۇنىڭدا ھەتتا قەشقەر، ئۈرۈمچىلەرمۇ بار!

بىر شەھەرنى تاللاپ، «ئالغا ئىلگىرلەش» كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.
يەنە «ئالغا ئىلگىرلەش» كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.

بۇ كۆزنەك مۇھىم بولۇپ، رامكىدا كۆرسىتىلگەندەك تاللاپ، «ئالغا ئىلگىرلەش» كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.

بۇ ئىسىم ۋە ئىملەرنى كىرگۈزىدىغان كۆزنەك، بۇنى كىرگۈزۈش كېرەك

ئىسىم ۋە ئەمنى كىرگۈزۈپ (ئىمنى ئېسىڭىزدە ساقلاڭ، ئۇنتۇپ قالسىڭىز، كېيىن سىستېمىغا كىرەلمەيسىز)، «ئالغا ئىلگىرلەش» كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.

«قاچىلا» كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.

شۇنىڭ بىلەن قاچىلاش باشلىنىدۇ.

تەخمىنەن 10-5 مىنۇت ساقلايسىز.
قاچىلىنىپ بولدى، قايتا قوزغىتىشنى سوراۋاتىدۇ.

كۇنۇپكىنى چېكىپ، قايتا قوزغىتىڭ.
بىز دەسلەپتە كۆرسىتىپ قويغان ISO ھۆججىتى CD قوزغاتقۇچتا بار بولغاچقا، ئۇنى چىقىرىۋېتىپ، ماشىنىنى قايتا قوزغىتىڭ دەپ سوراۋاتىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا بىز VirtualBox دېتالىنىڭ Devices (ئۈسكۈنىلەر) تىزىملىكىدىن CD/DVD قوزغاتقۇچ تۈرىنى تاللاپ، ھېلىقى بىز كۆرسىتىپ قويغان ISO ھۆججىتىنى تاللىساق، ئۇنىڭ ئالدىدىكى توغرا بەلگىسى يوقايدۇ. بۇ بولسا مەۋھۇم CD قوزغاتقۇچتىن قاچىلاش CD سىنى چىقىرىۋەتكەنگە باراۋەر. ئاندىن كۇنۇپكىدىن Enter نى باسساق، ماشىنا قايتا قوزغىلىدۇ.

بۇ رەسىمگە دىققەت قىلسىڭىز، ئېكراننىڭ ئارقا تەگلىكى Windows XP بولۇپ، مۇشۇ مۇھىتتا VirtualBox دېتالى ئىجرا بولىۋاتىدۇ ۋە بۇنىڭ ئاستىدا بىز قۇرغان mk1 ناملىق مەۋھۇم كومپيۇتېر قايتا قوزغىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن قايتا قوزغىلىپ، سىستېمىغا كىرىش كۆزنىكى كۆرۈندى.

بۇ يەردىن ئىسمىڭىزنى چېكىڭ.
ئاندىن ئىمنى كىرگۈزۈپ، «كىرىش» كۇنۇپكىسىنى چېكىڭ.


مانا سىستېمىغا كىردۇق.

بۇ ۋاقىتتا ئېكران يۈزى تېخى %100 تولۇق خەنزۇچە چىقمىغاچقا، بۇ مەۋھۇم كومپيۇتېر تورغا ئۇلىنىپ، توردىن خەنزۇچە تەرجىمە ھۆججىتىنى تولۇقلاپ قاچىلىماقچى بولىدۇ.

بوياپ قويغان كۇنۇپكىنى چېكىپ، بۇ جەرياننى تاماملىسىڭىز بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن مەۋھۇم كومپيۇتېرغا ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاپ بولدۇق. ئېكران يۈزى ئاساسەن خەنزۇچە بولغاچقا، ئۆزىڭىز ئويناپ باقسىڭىز بولىدۇ.

كېيىنكى جەريانلاردا، سىستېمىغا ئۇيغۇرچە فونت ۋە كىرگۈزگۈچ قاچىلاش، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى قاچىلاپ، ئېكران يۈزىنى ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش قاتارلىق مەزمۇن؛ار بايان قىلىندۇ.

يۇقۇردىكى باسقۇچلارنى ئۆزىڭىز ئۆز قولىڭىز بىلەن سىناپ، مەسىلىگە يولۇقسىڭىز، بۇ يەردە ئىنكاس قىلىڭ.

بۇ مەزمۇنلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، ھەر قانداق تور بېتىگە كۆچۈرۈپ چاپلىسىڭىز بولىدۇ. مۇمكىن بولسا كۆپرەك قېرىنداشلىرىمىز بۇ سىستېمىلاردىن خەۋەر تاپقاي ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمە خىزمىتى ۋە سىناش خىزمىتىگە قاتناشقاي.

تېما مەنبەسى http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=586

بلوگ ئاپتورى:

مەزكۈر يازما 2011-يىلى 01-ئاينىڭ 05-كۈنى تەرىپىدىن « ئۇبۇنتۇ» سەھىپىگە يوللانغان. باھا يوللىماقچى بولسىڭىز بۇ يەردىن يوللاڭ. ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئالغان ھەمدە يازما ئادىرىسىنى ئەسكەرىتكەن ئەھۋالدا باشقا يەرگە يوللىسىڭىز بولىدۇ. +يازما ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
يازما ئەسلى ئادىرىسى: VirtualBox بىلەن Ubuntu مەۋھۇم كومپيۇتېر قۇرۇش
خەتكۈچلەر:

سىز قىزىقىدىغان باشقا يازمىلار



1 پارچە ئىنكاس يوللاندى:

  1. چايكا مۇنداق يازغان:

    مەن سىناپ باقاي رەخمەت سىزگە

    1 - قەۋەت

ئىنكاس يوللاش

[باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟]

gravatar

 

رەسىم قىستۇرۇش