ئادەتتە ئۇبۇنتۇغا USB ئۈسكۈنلىرىنى چاتقان ۋاقتىمىزدا ھېچقانداق ئەسكەرتىش ئۇچۈرى بېرىلمەيدۇ. يەنى ئۇنىڭ نورمال ئۇلانغان - ئۇلانمىغانلىقى بىلەلمەيمىز.
Udev-Notify نى قاچىلىۋەتكەندە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، كومپىيۇتېرغا USB تېلىكامېرا، بارماق دېسكا قاتارلىقلارنى چاتساق ئۇلىنىش ئەھۋالىنى بىزگە ئەسكەرتىپ بېرىدۇ. ئۇلانغان ئۈسكۈنىگە ئاساسەن غۇۋا كۆرۈنمە ھالەتتە ئەسكەرتىش كۆزنىكى ھەلىتىدە ئەسكەرتىش بېرىدۇ.
ئاچقۇچى تەرەپ ئادىرسى: http://udev-notify.learnfree.eu
نۆۋەتتە قوللاش دائىرىسى: Ubuntu 9.04, 9.10, 10.04, 10.10, 11.04
DEB ھۆججىتىنى بىۋاستە چۈشۈرۈش: udev-notify-0.1-all.deb
بۇ بولىدىغان دېتالكەن، ئۇبۇنتۇدا ipod قا قانداق بىر نەرسە قاچىلايدۇ، مەن ipod نى چاتسام پەقەت رەسىم بار ھۆججەت خالتىسىلا كۆرىنىدۇ.باشقا ئورۇنلىرىغا كىرەلمەيمەن،