ئۇبۇنتۇنىڭ ھەر بىر نەشىرى چىقىشى بىلەن تەڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا ھەر خىل كۆركەم ئۇسلۇبلارمۇ پەيدا بولىدۇ. مانە بۇ تۆۋەندىكىلىرى نەچچە كۇننىڭ ئالدىدا ئېلان قىلىنغان ئۇبۇنتۇ 11.04 گە ماس كېلىدىغان ئۇسلۇبلار. ياقتۇرغانلىرىڭىزنى قاچىلىۋېلىڭ .
بىرىنچى ئۇسلۇب: Equinox
PPA مەنبەسىدىن قاچىلاش ئۇسۇلى:
sudo add-apt-repository ppa:tiheum/equinox
sudo apt-get update
sudo apt-get install gtk2-engines-e
quinox equinox-theme
Nautilus نى تېخىمۇ چىراقلىق ھەم كۆركەملەشتۈرمەكچى بولسىڭىز، Nautilus elementary نى قاچىلاش توغرا كېلىدۇ.
sudo add-apt-repository ppa:am-monkeyd/nautilus-elementary-ppa
sudo apt-get update
nautilus -q
كېيىنكى قەدەمدە root سالاھىيتىدە /usr/share/themes دىكى gtkrc. غا تۆۋەندىكى قۇرنى ئىزاھلاپ قويساقلا تۈگەيدۇ
#include "apps/nautilus-elementary.rc"
Nautilus نى قايتا قوزغىتىۋىتىمىز
nautilus -q
ئىككىنچى ئۇسلۇب: Ambience
بۇ يەردىن چۈشۈرۈپ، ئاندىن بولاقنى يېشىمىز.
يېشىلگەن بولاق ھۆججىتى Ambiance-bordered نى غول مۇندەرىجىدىكى « ~/.themes » نىڭ ئىچىگە ياكى usr/share/themes گە تاشلاپ قاچىلىۋەتسەكمۇ بولىدۇ.
ئۈچىنچى ئۇسلۇب: Eriteide
چۈشۈرۈش ئادىرىسى: Eriteide
قاچىلاش ئۇسۇلى يۇقارقى بىلەن ئوخشاش.
تۆتىنچى ئۇسلۇب: Absolute
چۈشۈرۈش ئادىرىسى: Absolute
قاچىلاش ئۇسۇلى يۇقارقى ئىككىنچى ئۇسۇل بىلەن ئوخشاش