ئېنگىلىزچە، رۇسچە قاتارلىق تىللارنى ئۆگىنىش جەريانىدا خەت تېپىش تېپىشماق ئويۇنىنى ئوينىغانلار بىلىدۇ، ئۇنى تولۇق تولدۇرۇش ئۈچۈن سۆزلۈك ئېقتىدارى يۇقۇرى بولمىسا ئادەمنى قېيناپ قويىدۇ. بۇ خىل ئويۇننى ياسايدىغان ھەر خىل يۇمشاق دېتاللار ناھايتى كۆپ. Diagnil مۇ شۇلارنىڭ بىر تۈرى. Diagnil نىڭ ياخشى يېرى Windows, Linux, Mac Os قاتارلىقلارغا ماس كېلىدىغان كۆپ سېستىمىلىق نەشىرى بار ئىكەن.
Diagnil دا ئۆزىڭىز تېپىشماق ئويۇنى ياسالايسىز. سۆزلۈككە ماھىر بولمىسىڭىز ياساشمۇ خېلى تەسكە چۈشىدىكەن. مەن نەچچە قۇر سۆز يېزىپلا سۆزلەرنى ماسلاشتۇرالماي جايىمدا توختاپلا قالدىم. ^_^
Diagnil باش بېتى
- 2012: سىز تۇداخۇننىلا پاكار دەپ ئويلىغانمىتىڭىز (0)