Unity نى ئىشىلتىش ئۈچۈن سىن كارتىڭىز چوقۇم 3D نى قوللىشى كېرەك. يۇقارقىدەك سىن كارتا بولمىسا ئىشىلتىشتە سەل قېينىلىپ قالىمىز، ئاچقۇچى تەرەپ دەل مۇشۇ نوقتىنى كۆزدە تۇتۇپ Unity 2D نوسخىسىنى تۈزۈپ چىققان. دېمەك، بۇ ئارقىلىق Unity نى ئىشلتىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز دېگەن گەپ.
قاچىلاش ئۇسۇلى:
sudo apt-get install unity-2d
ئىشىلتىش جەريانىدا Unity بىلەن ئانچە مۇنچە ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىنىمۇ ئاشكارلىغان:
ئارتۇقچىلىقى:
1) تۈزۈلىشى ئاددىي.
2) سۈرئىتى تېز. Unity نى مەكتەپتىكى بىر كومپىيۇتېرغا قاچىلىسام دائىم قېتىۋالاتتى، 2D ئالماشتۇرۋەتسەم يامان ئەمەس ئىشلەۋاتىدۇ. بۇ بەلكىم سىن كارتىنىڭ ئېقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۈمكىن
كەمچىلىكى:
1) ئاچقۇچى تەرەپنىڭ دېيىشىچە ئانچە مۇنچە BUG ( چاتاق، كاشىلا، يوچۇق ) بار ئىكەن. تۈزەشكە تىرىشىۋىتىپتۇ.
2) تېخى مودا بولۇش ( كۆپ قوللىنىش ) دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىگەن، شۇ سەۋەبلىك Unity نىڭ يېڭى ئىقتىدارلىرى 2D نوسخىسىغا قوشۇلماسلىقى مۈمكىن ئىكەن