VirtualBox نىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنغان 4.0.6 نەشىرى ئۇبۇنتۇ 11.04 نەشىرىنى پۇتۇنلەي قوللايدىغانلىقىنى ئېيىتقان. ئالدىنقى يازمىلىرىمدا Ubuntu 11.04 نى VirtualBox غا قاچىلىماسلىق تەۋىسيە قىلىنغان، ئۇنىڭدا VirtualBox نىڭ ئالدىنقى نەشىرلىرىنىڭ 3D نى دېگەندەك قوللىماسلىقى قاتارلىقلار سەۋەبلەر كۆرسىتىلگەن. ( مېنىڭچە ئۇبۇنتۇنىڭ 2D نوسقىسىمۇ ياخشى تاللاش )
قاچىلاش ئۇسۇلى ۋە چۈشۈرۈش ئادىرىسى: http://www.virtualbox.org
VirtualBox دا ئۇبۇنتۇ 11.04 نى قاچىلاش ۋە Unity مۇھىتىنى قوزغىتىش ئۇسۇلى:
1) ئورگان تورىدىن VirtualBox نىڭ كېڭەيتىلمە ( مەلۈم ئېقتىدارلار قوشۇلغان ياكى كېڭەيتىلگەن ) بولاقنى چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز (VirtualBox 4.0.6 Oracle VM VirtualBox Extension Pack )
2) مەۋھۈم مۇھىتدىن بىرنى قۇرىمىز. كۆرسەتكۈچنى 32MB قىلساق بولىدۇ، 3D تېزلەتكۈچنى قوزغىتىش تۇرىنىمۇ تاللاپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
3) ئۇنىڭغا ئۇبۇنتۇ 11.04 Natty نى قاچىلايمىز
4) مۇۋەپپەقىيەتلىك قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن قوزغاتساق Ubuntu Classic كۆرۇنىشىدە ئېچىلىشى مۈمكىن، بۇ ۋاقىتتا virtualbox-ose-guest-x11 بولاقىنى قاچىلايمىز، يەنى sudo apt-get virtualbox-ose-guest-x11
5) قايتا قوزغاتساق Unity مۇھىتى ھاسىل بولغان بولىدۇ
( ئەسكەرتىش: ئۇبۇنتۇنى كومپىيۇتېرىمغا بىۋاستە قاچىلىۋەتكەچكە بۇنى سىناق قىلىپ باقمىدىم، پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈن يوللاندى )