قايسى كۇنى ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇ چ چ توپىدا ( 148791813 ) مەلۇم توردىشىمىز ئۇبۇنتۇغا HP ماركىلىق پرىنتېرنى تونۇتۇش توغرسىدا ياردەم سورىغان، ئەپسۈس ئەينى ۋاقىتتا ۋاقىت بولمىغاچ ياردەم قىلىشقا ئامالسىز قالغان ئىدىم. بۇگۈن توردىن بىرەر قۇر ئاختۇرۇپ قارسام تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئۇچىراپ قالدى. قاچىلاش ياكى تونۇتۇش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
( ئەسكەرتىش: مەندە ھېچقانداق پرىنتېر بولمىغاچ ئۆزۈم سىناق قىلىشقا ئامالسىز، ئېھتىياجى بارلار پايدىلانسا بولىدۇ. )
1) قوزغاتقۇچنى چۈشۈرۈش:
HP1020n ياكى HP1020n
wget -O foo2zjs.tar.gz http://foo2zjs.rkkda.com/foo2zjs.tar.gz
#
2) قورغاتقۇچ پروگراممىسىنى چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش ئۇسۇلى:
tar xvf foo2zjs.tar.gz
#cd foo2zjs
#make
#./getweb 1020
#make install
#make install-hotplug
#make cups
3) پرىنتېرنى تونۇتىش ئۇسۇلى:
sudo system-config-printer
تار دائىرلىك توردىن پرىنتېرنى ئىزدەش
پايدىلىنىشقا بولىدىغان يەنە باشقا مەزمۇنلار : http://foo2zjs.rkkda.com
- 2012: Ubuntu12.04LTS نىڭ رەسمىي نەشىرى تارقىتىلدى (4)
11نەشىرىدىكى نۇسخىسىنى قاچىلاپ، (قوش سىستىما، مەۋھۇم ئەمەس)، canon Laser shot LBP-730، canon740، canon750، canon850، canon910 قاتارلىق پىرىنتىرلارنىڭ قوزغاتقۇچلىرىنى (ياكى خالىغان بىرىنى) تاپالماي، شۇ ئىشلەتمىگەچكە ئۇبۇنتۇ تاشلىنىپ قالدى، ھازىرمۇ بار سىستىما، شۇ پىرىنتىر قوزغاتقۇچىنى تاپالماي، ئىچىپ باقمىدىم. يېڭى نەشىرىنى قاچىلاسممۇ بەرىبىر بولىشى مۇمكىن.
قوزغاتقۇچ بەك كەمچىلكەن ئۇبۇنتۇنىڭ.
@ف.شىر قېنى قاچىلاپ باقمامسىز ، لىكىن 12.04 نۇسقىسىدا Fuji نىڭ بىر پىرىنتىرىنى تونىيالمىدى