ئادەتتە Skype دىن كەلگەن ئۇچۇرلار « چ چ » غا ئوخشاش ئەسكەرتىش بېرىلمەيدۇ، يەنى ۋەزىپە ستونىىكى ئەركەرتىش دېيىلمەكچى.
بۇنى تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولىدۇ.
#1
تېرمىنالغا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى بېرىمىز
sudo gedit /usr/share/applications/skype.desktop
تۆۋەندىكى كودنى ئېچىلغان كۆزنەكنىڭ ئەڭ ئاستىغا قوشۇپ ساقلاپ چېكىنىمىز
StartupNotify=true
#2
تېرمىنالغا تۆۋەنكى بۇيرۇقنى بېرىمىز
sudo gedit /usr/share/indicators/messages/applications/skype
تۆۋەندىكىنى كۆچۈرۈپ چاپلىۋىتىمىز.
/usr/share/applications/skype.desktop
بۇ ۋاقىتتا Skype نىڭ رەسىمى ئۈستەل يۈزىدە پەيدا بولغان بولىدۇ.
#3
تېرمىنالغا نەيە تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئېجرا قىلىمىز
gedit ~/showskype.py
تۆۋەندىكى قۇرلارنى كۆچۇرۇپ چاپلىۋىتىمىز
#!/usr/bin/env python
import dbus
# Get a D-Bus interface to Skype
bus = dbus.SessionBus()
skype_object = bus.get_object('com.Skype.API', '/com/Skype')
skype = dbus.Interface(skype_object, dbus_interface='com.Skype.API')
# Ask for permission to control Skype
response = skype.Invoke("NAME " + __file__)
response = skype.Invoke("PROTOCOL 8")
# Issue commands
response = skype.Invoke("SET WINDOWSTATE NORMAL")
print response
ئاندىن تېرمىنالغا يەنە تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى بېرىمىز
sudo gedit /usr/local/bin/skype
ئاخىردا تۆۋەندىكى قۇرلارنى چاپلاپ ساقلاپ چېكىنىمىز.
#!/bin/bash
nbi=$(pgrep -c skype)
if [ $nbi -ge 2 ];then
~/showskype.py
else
/usr/bin/skype
fi
قايتا قوزغاتساقلا مەسىلە ھەل بولۇشى مۈمكىن
ئەگەر Skype نى قوزغاتقاندا Skype API Request ئۇچۇر چىقىۋالسا Yes نى تاللاپ قويساق بولىدۇ
- 2012: سىز تۇداخۇننىلا پاكار دەپ ئويلىغانمىتىڭىز (0)