Googleتارقاتقان Android يانفۇن مەشغۇلات سىستېمىسى يانفۇن دۇنياسىدا بوران چاپقۇنلارنى ئىلىپ كەلدى،ھازىرقى ئەڭ ئالقىشلىنىۋاتقان iPhone مەشغۇلات سىستېمىسىدىن قالسىلا ئەقلىفۇنلاردىكى ئەڭ ئالقىشلىق سىستېما بولۇپ قالدى،يىقىندىن بۇيان UKIJ ۋە بىلىك تور بېكەتىرىدە ئەقلىفۇن سىستېمىلىرىغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش،ۋە شۇ ئەقلىفۇن مۇھىتىدىكى ھەرخىل فونت مەسلىسى توختىماي مۇلاھىزە قىلىنىۋاتىدۇ،بۇ تۈردىكى تېمىلارغا نىسبەتەن خېلى كۆپ ئەزالار قىزىقسىمۇ لىكىن ئۆزىدە مۇشۇ خىل ئەقلىفۇننىڭ بولماسلىقىدىن تازا چۈشىنەلمەيۋاتقان،ياكى ئىشلەتكۈسى كەلگەنلەر بولىشى مۇمكىن ،شەخسەن ئۆزۈممۇ Nokia ھەۋەسكارى بولساممۇ ،لىكىن مۇشۇ سىستېمىلارنى بىر چۈشىنىپ باقاي دېگەن نىيەتتە تور ئاختۇرۇپ يۈرۈپ Google بېتىدە Android يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىچىش قورالى تەقلىدلىگۈچنى ئۈچرىتىپ قالدىم (Android SDK Emulator ) ، بۇ تەقلىدلىگۈچ(ئەمەلىيەتتەAndroid SDK كىسىنىڭ بىر كونتىرولى ) Androidيانفۇن پروگراممىرلىرى ئۈچۈن Google تەمىنلىگەن ،بولۇپ Windows،Mac,Linux لاردا ئىجرا قىلىپ تەقلىدلەپ كۆرۈشكە بولىدۇ.ئۇنىڭ ئۈشتىگە بۇ تەقلىدلىگۈچ (كونتىرول) ھەقسىز بولۇپ ئازراق ئىنگىلىزچىدىن خەۋىرىڭىز بولسىلا Android سىستېمىسىنى ئويناپ كىتەلەيسىز.

Android يانفۇن مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بەلگىسى

تۆۋەندىكىسى مەن كومپيۇتېرىمدا تەقلىدلىگەن كۆرۈنۈش



ئۇنداقتا تەقلىدلىگۈچنى قاچىلاشنى باشلايلى .
لازىملىق ماتېرىياللار
1.Java ئىجرا مۇھىتى jre-6u21-windows-i586-s
چۈشۈرۈش ئادرېسى : ئەسلى مەنبەدىن چۈشۈرۈڭ بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈڭ
2. Android SDK Emulator
Windows مۇھىتىدىكى (باشقا سىستېمىدا سىنىغۇچىلارغا يازمىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا Mac ۋە Linux مۇھىتىدىكى قاچىلاش ھۆججىتىمۇ تەمىنلەندى)
چۈشۈرۈش ئادرېسى:  ئەسلى مەنبەدىن چۈشۈرۈڭ Google دىن چۈشۈرۈڭ بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈڭ
يۇقىرىقى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ تەقلىگەندىن كىيىن ئاۋۋال jre-6u21-windows-i586-s نى قاچىلايمىز . قاچىلاش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددى بولۇپ تەپسىلى سۆزلەنمىدى.
ئاندىن چۈشۈرگەن Android SDK Emulator نى پرېستىن يېشىپ ئاچساق ئىچىدە SDK Setup دېگەن بىر قاچىلاش ھۆججىتى بار ، شۇنى ئىككى بېسىپ قاچىلاش مەشغۇلاتىنى باشلايمىز. قاچىلاش مەشغۇلاتى تۆۋەندە رەسىملىك كۆرسىتىلدى.

بۇ باسقۇچ تۈگىگەندىن كىيىن ئاستىدىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ،بۇ كۆزنەكتە تەقلىدلىگۈچنىڭ تىپ بولاقلىرىنى چۈشۈردىغان تاللاق بولۇپ بۇيەردىن رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك تاللاش ئىلىپ بارىمىز، ئەگەر ۋاكالەتچى مۇلازىمىتىر ئارقىلىق تورغا چىقساق ئۈستىدىكى ProxySttings نى تولدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئاستىدىكىدەك تاللىۋىتىمىز.

تاللاپ بولغاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ . بۇ كۆزنەكتىن Accept نى تاللاپ بولۇپ Installa دېگەن كۇنۇپكىنى باسىمىز

نۆۋەەتتىكى باسقۇچ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ پۈتكۈل بولاقلارنى توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلايدۇ بۇ جەريانغا تەخمىنەن يىرىم سائەتتىن ئوشۇقراق ۋاقىت كىتىدۇ ، بۇ باسقۇچنى چوقۇم توغرا تاماملىمىسا بولمايدۇ،

توردىن چۈشۈرۈش تاماملانغاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ، بۇ كۆزنەكتىن كۆرسىتىلگىنى بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ.

بۇ تەقلىدلىگۈچكە يانفۇندىن بىرنى قوشىمىز. Name دېگەنگە خالىغانچە ئىسىم قويىمىز،Target دېگەنگە ئىشلەتمەكچى بولغان Android سىستېمىمىزنىڭ نەشىرىنى تاللاپ بىرىمىز.Size دېگەنگە يانفۇن ساقلىغۇچىسىنىڭ چوڭلۇقىنى كۆرسىتىپ بىرىمىز ،

مەن 100 مىگا قىلىپ تەڭشەپ قويدۇم.Built-in دىگەنگە ئىشلەتمەكچى بولغان يانفۇننىڭ ئىكران ۋە كۆرۈنمە يۈزنى بەلگىلەيمىز (بۇنىمۇ خالىغانچە تەڭشىسىڭىز بولىدۇ ، ئىمكان بار بەك چوڭ تەڭشىۋەتمەڭ سىستېمىنىڭ سۈرئىتىگە تەسىر يىتىدىكەن).

ئاندىن ئاستىدىكى Create AVD نى باسىمىز. تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ .

بۇكۆزنەكتىن بىز قوشقان يانفۇننى تاللىۋىتىپ ئوڭ تەرەپتىكى ئۆStart كۇنۇپكىسىنى باسىمىز، بۇ چاغدا ئاستىدىكىدەك كىچىك بىر كۆزنەك چىقىدۇ.

بۇ كۆزنەكتىن ئۈستىدىكىدەك تاللاش ئىلىپ بىرىۋەتكەندىن كىيىن ئېكران چوڭلۇقىنى بەلگىلەپ بىرىمىز ، ئاندىن Launch نى بىسىپ يانفۇننى قوزغىتىمىز.

مانا قاراڭ يانفۇن قوزغىلىپ كەتتى ئەمدى بىخارامان Android  سىستېمىلىق يانفۇننى ئويناپ كەتتسىڭىز بولىدۇ.

مانا قاراڭ سىستېمىغا كىردى

يۇقۇرىدا Android سىستېمىسىنى تەقلىدلەش سۆزلەندى ، كونكرېت سىناش ۋە ئىشلىتىشتە ئۇچرىغان مەسىلىلەر ۋە ئۇيغۇرچىنى سىناشقا دائىر مەسىلىلەر بولسا ئورتاقلاشقايمىز.

...................................................

Android SDK Emulator نى باشقا سىستېمىدىكى نۇسخىلىرى
Mac تىكى نۇسخىسىنى چۈشۈرش
Linux تىكى نۇسخىسنى چۈشۈرش

...................................................

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

Run Android on Your Windows Mobile Phone
 
How to Test Drive Google Android on Your PC Without Buying a Phone

بلوگ ئاپتورى:

مەزكۈر يازما 2012-يىلى 04-ئاينىڭ 03-كۈنى تەرىپىدىن « تەجرىبىخانا» سەھىپىگە يوللانغان. باھا يوللىماقچى بولسىڭىز بۇ يەردىن يوللاڭ. ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئالغان ھەمدە يازما ئادىرىسىنى ئەسكەرىتكەن ئەھۋالدا باشقا يەرگە يوللىسىڭىز بولىدۇ. +يازما ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
يازما ئەسلى ئادىرىسى: Android يانفۇن مەشغۇلات سىستېمىسىنى كومپيۇتېردا تەقلىدلەش

【ئالدىنقى يازما】
【كېيىنكى يازما】

سىز قىزىقىدىغان باشقا يازمىلار



5 دانە ئىنكاس يوللاندى: (مېھمان:5 دانە ، يازما ئاپتورى:0 دانە )

  1. ئابرال مۇنداق يازغان:

    يۇمشاق دىتال قاچىلاش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز؟ مەن بەزىبىر يۇمشاق دىتاللارنى قاچىلاپ كۆرۈپ باقاي دىگەن.

    1 - قەۋەت
    • Omar14 مۇنداق يازغان:

      ئۈستىدىكىنى تولۇق ئوقۇپ چىقسىڭىز قىلالايسىز …ئادەتتىكى يۇمشاق دېتال قاچىلىغانغا ئوخشايدۇ.

  2. ئابرال مۇنداق يازغان:

    شۇ ئۈستىدىن تاپالمىغاچقا سىزدىن سوراۋاتىمەن. تەقلىدلەپ ئاندوريىدنى كۆرۈپ باقتىم. ئەمدىكى مەسىلە كومپىيۇتىردىكى دىتالنى قايسى جايغا كۆچۈرۈسەم ياكى قويسام، بۇمەۋھۈم يانفۇنغا قاچىلىغىلى بولىدۇ.خاپا ياردەم قىلغان بولسىڭىز.

    2 - قەۋەت
  3. ئودام مۇنداق يازغان:

    Android تىلفۇننى ئۇيغۇرچە توربەت كۆرگىلى بۇلدغان بۇلامدۇ . .
    مەسىلەن سەنشىڭ .5830 دىگەندەك

    3 - قەۋەت
    • Omar14 مۇنداق يازغان:

      ئەلۋەتتە بولىدۇ ،، يانفۇنىڭىزنىڭ سىستېمىنىڭ نەشىرى 4.0 دىن يۇقىرى بولسا بىر ئەپ بار شۇنى قاچىلاپ ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرسىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدۇ

ئىنكاس يوللاش

[باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟]

gravatar

 

رەسىم قىستۇرۇش