نېمە ئۈچۈن تىنچ بەت ھاسىل قىلىمىز؟


تور بېكەت ياسىغۇچىلار بىر ئىشنى ھېس قىلغان بولىشى مۇمكىن ،
ئوخشاش بىر مەزمۇندىكى تور بىكەت نېمە ئۈچۈن گوگۇل ياكى بىڭ دا نېمە ئۈچۈن ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە كۆرىلىدۇ؟
ئوخشاش بىر تەييار پروگرامما بار(مەسىلەن  EmpireCMSبۇ سىستېمىنىڭ ئارقا بەتتىن تەڭشەش ئارقىلىق ھەم تىنچ بەت ھاسىل قىلىپ كۆرۈش تەڭشىكى بار ھەم تىنچ بەت ھاسىل قىلمايدىغان كۆرۈش تەڭشىكى بار) بۇنى بىز ئاۋۋال بىر بوشلۇققا قويايلى، ئاندىن بىز بۇ بوشلۇقىتىكى بېكەت سىستېمىسىنى تىنچ بەت ھاسىل قىلمايدىغان قىلىپ تەڭشەپ ئىجرا قىلىپ كۆرەيلى، ھەم تىنچ بەت ھاسىل قىلىدىغان قىلىپ تەڭشەپ ئىقرا قىلىپ كۆرەيلى (كەم دېگەندىمۇ 20 ماقالە يوللاپ سىنايلى، قانچە كۆپ بولسا ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ)  . يۇقىرىقى سىناق ئارقىلىق شۇنى بايقايمىزكى سىستېمىنى تىنچ بەت ھاسىل قىلىدىغان قىلىپ تەڭشىگەندە پروگرامما ئىجرا سۈرئىتىنىڭ كۆرنەرلىك تىز بولدىغانلىقىنى بايقايمىز. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن تىنچ بەتنىڭ ئىجرا بولۇش سۈرئىتى تىز بولىدۇ؟
بىز تور كۆرگۈدە توربەتنى كۆرىمىز دەپ ئادرېسىنى يېزىپ ئۇلاشنى باسقاندا توربەت پروگراممىسى قويۇلغان مۇلازىمىتىرغا ئىلتىماس كېلىدۇ ، سىرۋىر بىزگە ئاشۇ ئىتىماسقا ئاساسەنلا ئۆزىدە بار بولغان تىنچ بەتنى (html) بىزنىڭ توركۆرگۈمىزگە يوللاپ بىرىدۇ. ئەگەر ئوخشاش بىر مەزمۇننى 100 ئادەم كۆرمەكچى، مۇلازىمىتىر تىنچ بەتنى  100 قېتىم ئەۋەتىپ بەرسىلا بولىدۇ.ئەگەر كۆردىغىنىمىز ھەركەتجان بەت بولۇپ قالسا مۇلازىمىتىرغا ئىلتىماس كەلگەندە مۇلازىمىتېر توربەت پروگراممىسىنى ئىجرا قىلىدۇ، ئاندىن ئىلتىماس بويىچە مەزمۇننى سانداندىن ئىزدەيدۇ، ئىزدەپ تاپقاندىن كېيىن ئوقۇپ چىقىرىپ تور كۆرگۈچىمىزگە يوللاپ بىرىدۇ. بۇ چاغدا ئوىشاش مەزمۇننى 100 ئادەم كۆرمەكچى بولغاندا  مۇلازىمىتېر پروگراممىنى چوقۇم 100 قېتىم ئىجرا قىلىدۇ 100 قېتىم ساندانغا نىسبەتەن ئىزدەش مەشغۇلاتى ئىلىپ بارىدۇ، ئىزدەپ تاپقاندىن كېيىن 100 قېتىم ئەۋەتىپ بىرىدۇ،بۇ يەردىكى ئىزدەش مەغغۇلاتى ناھايىتى تىز ئىلىپ بىرىلسىمۇ لېكىن مۇلازىمىتېرغا ئەۋەتىلگەن ئىزدەش مەشغۇلاتى سانى كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن مۇلازىمىتېرنىڭ يۈكى ئغىرلاپ كىتىدۇدە بىزگە قايتۇرغان ئىنكاسى ئاستا بولۇپ قالىدۇ. تىنچ بەت ھاسىل قىلدىغان تور بىكەتلەردە بۇ قىيىنچىلقتىن خالى بولغىلى بولىدۇ.
يەنە بىر جەھەتتىن ئىزدەش ماتورلىرى ھەركەتجان بەتكە قارىغاندا تىنچ بەتكە بەكراق ئامراق بولۇپ، تىنچ بەتلەرنىڭ ئىزدەش ماتورلىرى تەرىپىدىن سۈزۋىلىنىش مىقدارى كۆپ دەۋرى قىسقا بولغاچقا توربېكەتلەرنىڭ ئىزدەش نەتىجىسىدە ئەڭ ئالدىغا تىزىلىپ تور بىكەتنىڭ زىيارەت مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.
بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتقاندىمۇ خاككىرلارنىڭمۇ تىنچ بەتكە ئاساسەن كۈچى يەتمەيدۇ، ھوقۇم قىلىشمۇ خىلى بىر گەپ بولۇپ قالىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ئەگەر ھەركاتجان پروگراممىلارنىڭ ساندانىدا چاتاق كۆرۈلگەندە تور بېكەت پۈتۈنلەي پالەچ بولۇپ قالىدۇ، تىنچ بەتلىك توربەتتە بولسا ساندان بۇزۇلغاندا گەرچە مەزمۇن يېڭىلاشقا بولمىسىمۇ، لېكىن زىيارەتچىنىڭ ئىلگىرىكى مەزمۇنلارنى نورمال كۆرۈشىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە تىنچ بەتلىك پروگراممىنىڭ كىچىككىنە كەمچىلىكى: بۇ خىل پروگرامما ئالدىن بەلگىلەنگەن قىلىپ (template) بويىچە تىنچ بەت ھاسىل قىلىدىغان بولغاچقا قىلىپىنى تەھرىرلەش ئۆزگەرتىش بىر قەدەر قىيىن (كۆپىنچە تەييار پروگراممىنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلىتىمىز ئەمەسمۇ ).
ئۇنىڭدىن باشقا توربىكەت بوشلۇقىنى ياكى ئادرىسىنى ئالماشتۇرغاندا ئەسلىدى بار پروگراممىنىڭ تىنچ بەتلىرىدە ئۇلانما خاتالىقى يۈز بىرىدۇ، ئەگەر ئارقا سەھنىگە ئۆتۈپ قايتىلاپ تىنچ بەت ھاسىل قىلمىغۇچە بىكەتنى نورمال زىيارەت قىلغىلى بولمايدۇ.

بلوگ ئاپتورى:

مەزكۈر يازما 2012-يىلى 05-ئاينىڭ 19-كۈنى تەرىپىدىن « تەجرىبىخانا» سەھىپىگە يوللانغان. باھا يوللىماقچى بولسىڭىز بۇ يەردىن يوللاڭ. ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئالغان ھەمدە يازما ئادىرىسىنى ئەسكەرىتكەن ئەھۋالدا باشقا يەرگە يوللىسىڭىز بولىدۇ. +يازما ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
يازما ئەسلى ئادىرىسى: نېمە ئۈچۈن تىنچ بەت ھاسىل قىلىمىز؟

【ئالدىنقى يازما】
【كېيىنكى يازما】

سىز قىزىقىدىغان باشقا يازمىلار



ئىنكاس يوللاش

[باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟]

gravatar

 

رەسىم قىستۇرۇش