WordPress بولسا ھەمىمىز بىلىدىغان ياخشى ، ئىقتىدارلىرى تولۇق بولغان بلوگ سۇپىسىدۇر ، پۈتكۈل دۇنيادىمۇ WordPress سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان توربىكەت ھەقىقەتەن كۆپ ، شۇنىڭغا ئەگىشىپ WordPress ئورگان تەرەپ بولسۇن ياكى بىز ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇب ، قىستۇرمىلارنىڭ ئورگان تەرەپ تورىدا تورىدا توختىماستىن يېڭى نەشىرلەر چىقىپ تۇرىدۇ ، ئىقتىدار ياكى بىخەتەرلىك جەھەتتىن ئىلىپ ئىيىتقاندا بىز چوقۇم بۇ يىڭىلانمىلارنى ۋاقتىدا يېڭىلىشىمىز كىرەك ، لىكىن بىز ئۈچۈن ئىلىپ ئىيىتقاندا كۆپ قىسىم پروگراممىلارنى تەرجىمە قىلغاندىن كىيىن ئاندىن بلوگىمىز بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيمىز ، بىۋاستىلا يېڭىلىۋەتسەك بەلكىم بىلوگىمىز بىلەن ماسلاشماي قىلىشى ۋە ھەتتاكى بلوگىمىز نورمال ئىچىلماسلىقى مۇمكىن . يىقىندا بلوگىمىزنىڭ مەلۇم (باشقۇرغۇچىلىق ھوقوقى بېرىلگەن)ئاپتۇرىمىز بلوگىمىزنىڭ ئارقا بىتىگە كىرىپ بىرنەچچە قىستۇرما ۋە ئۇسلۇبنى يېڭىلاش توغرىسىدىكى ئەسكەرتىشنى كۆرۈپ يېڭىلىۋىتەيچۇ دەپلا يېڭىلاش كونۇپكىسىنى بىسىپ بىلوگىمىزنى نورمال ئىچىلالماس قىلىپ قويغانلىقىنى دەپ تېلېفۇن قىلىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن مەن ئىلگىرىكى زاپاسلاپ قويغان بىكەت پروگراممىسىدىن ئەسلىگە قايتۇرۇپ قويدۇم ، ۋە يەنە مۇشۇنداق چاتاقنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن بلوگدا يېڭىلاش ئەسكەرتىشىنى كۆرۈنمەس قىلىش ئۈچۈن توردىن ماتېريال ئىزدەپ سىناپ يۈرۈپ تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى ئويلاپ تاپتىم .
يەنى ئۇسلۇب ھۆججەت قىسقۇچىدىكى فۇنكىسىيە ھۆججىتى functions.php نىڭ ئىچىگە تۆۋەندىكى بىر نەچچە قۇر كودلارنى قىستۇرۇڭ (يەنى مۇشۇ ھۆججەتنىڭ ئىچىدىكى ?> مۇشۇ بەلگىنىڭ ئالدىغا قىستۇرۇڭ )
add_filter('pre_site_transient_update_core', create_function('$a', "return null;"));
add_filter('pre_site_transient_update_plugins', create_function('$a', "return null;"));
add_filter('pre_site_transient_update_themes', create_function('$a', "return null;"));
بىلمىگەن جايلىرىڭىز بولسا مۇشۇ يازما ئاستېغا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ .
- 2011: بارماق دېسكىنىڭ ئاپتوماتىك ئېچىلىشىنى چەكلەش ئۇسۇلى(0)