سالام بىلوگ ئەھلى ، خىزمەت ئۆگىنىش تۇرمۇش ئالدىراشلىق سەۋەبىدىن ئۇزۇندىن بۇيان بىلوگقا يازما يىزىپمۇ بولالمىدىم ، كەچۈرگەيسىلەر .
يىقىندا ئىدارىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھرىگە G20 ئۇچرىشىش يېغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئۈچۈن كەلدۇق ، يىغىن ۋاقتىنىڭ يىقىنلىشىشغا ئەگىشىپ جىددىيلىشىش بىلەن بىرگە يەنە خىزمەتلەر ئاساسەن تۈگىگەچكە ساياھەت ، مال سىتىۋىلىش ، مەنزىرە رايۇنلىرىنى ئايلىنىش، كىنو كۆرۈش دىگەنلەر بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ يۈردۇق ، مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بېرىدە كۆڭلۈمگە بىر ئوي كەپ قالدى ، مۇشۇ خاڭجۇ نىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەردە بىرەر چەتئەللىك سەنئەتكارلارنىڭ ياكى باشقا داڭلىقراق ئويۇن كىچىلىك بارمىدۇ دەپ توردىن ئۇنى بۇنى ئىزدەپ يۈرۈپ 8-ئاينىڭ 25-كۈنى جېجىياڭنىڭ جىياشىڭ شەھرىدە
جۇڭگو يېڭى ئاۋاز (中国新歌声) پىروگىراممىسىنىڭ تاۋۇز چاغىنىلىق پروگىراممىسى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئۇقتۇم ، مۇشۇ پروگراممىنى بىر نەق مەيداندىن كۆرگۈم بارئىدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇيەر بۇيەرنى ئىزدەپ يۈرۈپ بۇ پروگىراممىنىڭ بىلىتىنى ئادەتتە سېرىتتا ساتمايدىغانلىقىنى بىلگىنىمدە كۆڭلۈم شۈنچە يىرىم بولدى ، بۇ پروگراممىنىڭ بىلىتىنى ئادەتتە پەقەت شۇ پروگراممىدىكى ئوقوغۇچىلار ، رىژىسسورلار ، يىتەكچى ئۇستاز دىگەنلەر تارقىتىدىكەن ، شۇنىڭ بىلەن ئىچىم سىقىلىپ شۇ يەردىكى خەنزۇ خىزمەتداشلارغا دەپ ئامال قىلىپ ماڭا جۇڭگو يېڭى ئاۋاز پروگراممىسىنىڭ بىلىتىنى تىپىپ بېرىشنى ئىيتسام ، ئۇلارمۇ ماقۇل دىيىشىپ ناھايىتى تەسلىكتە 2 تال بىلەت تىپىپ كەپتىكەن ، شۇ خۇشاللىقىمدا ئۇنىڭغا رەھمىتىمنى ئىيتىپ 25- چىسلا كەچتە ئۇ ئويۇنغىمۇ كىردىم ، ھەقىقەتەن بەكلا قىززىدى .
يەنە قاچان قەيەردە نىمە ئويۇن بارلىقىنى پۇراپ يۈرۈپ 30-چىسلا كەچتە شاڭخەيدە كانادا روك مۇزىكا ئەترىتى Simple Plan نىڭ كونسېرتى بارلىقى بىلدىم دە يەنە پۇراپ يۈرۈپ بىلەت كويىدا بولدۇم ، توردىن ئۇنى بۇنى كۆرۈپ ئۇ ئويۇننىڭ شاڭخەينىڭ قەيىرىدە ئىكەنلىكىنى ، بىلەت باھاسىنىڭ قانچە ئىكەنلىكىنى بىلدىم ،لىكىن بىلەت ئىلىش ئۈچۈن شاڭخەيگە كىرىشكە ئەرزىمەيتتى ، توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ بۇ ئويۇننىڭ بىلىتىنى Damai.Cn دىگەن توردا سىتىۋىلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدىم ، شۇنىڭ بىلەن تىلىفۇنۇمغا بۇ بىكەتنىڭ ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ناھايىتى ئاسانلا بىلەت سىتىۋالدىم ، بۇ ئويۇنمۇ ناھايىتى قىزىپ كەتتى ، نەق مەيداندىن ئانچە مۇنچە سۆرەت ، سىنمۇ تارتىۋالدىم ، سىن كۆرۈش ئادرېسى  : بۇ يەردە

كىيىن كىچىلىكتىن چىقىپ بۇ دامەي دىگەن بىكەت بولىدىكەن دەپ ئويلاپ بەكراق بىر كۆرەي دەپ قارىسام بۇ بىكەتتە مەملىكەتنىڭ ھەر يىرىدىكى داڭلىق كىچىلىكلەر ، كىنوخانىنىڭ بىلەتلىرى دىگەننى ئەرزان باھادا سىتىۋالغىلى بولىدىكەن ، شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك بىلەن بىللە بەھىرلىنىش مەقسىتىدە ئۇسبۇ يازمىنى يازدىم ، كۆپچىلىككە پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .

بىكەت ئادرېسى : http://www.damai.cn بۇ بىكەتنىڭ ھەرقايسى سۇپىدىكى ئەپ دېتاللىرىمۇ قولايلىق ئىكەن . قالغىنىنى قىزىققۇچىلار ئالدىرماي كۆرۈپ باقاسىلەر .

بلوگ ئاپتورى:

مەزكۈر يازما 2016-يىلى 08-ئاينىڭ 31-كۈنى تەرىپىدىن « يېڭىلىقلار» سەھىپىگە يوللانغان. باھا يوللىماقچى بولسىڭىز بۇ يەردىن يوللاڭ. ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئالغان ھەمدە يازما ئادىرىسىنى ئەسكەرىتكەن ئەھۋالدا باشقا يەرگە يوللىسىڭىز بولىدۇ. +يازما ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
يازما ئەسلى ئادىرىسى: ئويۇن بېلىتىنى بۇيەردىن ئالىدىكەنمىز

سىز قىزىقىدىغان باشقا يازمىلار



ئىنكاس يوللاش

[باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟]

gravatar

 

رەسىم قىستۇرۇش