ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، پروگراممىرلار ياكى كومپيۇتېر بىلەن تولا ھەپىلىشىدىغانلار ئۆزىنىڭ كومپيۇتېرىنى باشقىلارنىڭ خالىغانچە ئىشلىتىشىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغۇ دەيمەن. بولۇپمۇ باشقىلارنىڭ ۋىروسلانغان USB ئۈسكۈنىلىرىنى كومپيۇتېرىڭىزغا چېتىپ ئىشلىتىشى سىزنى بىئارام قىلىدۇ. يا ياق دېگىلى بولمىغان.  Ratool دەپ ئاتىلىدىغان بېر دېتال بولۇپ بۇ دېتال ئارقىلىق كومپيۇتېرنىڭ   USB ئېغىزىنى چەكلەشكە بولىدىغان بولۇپ بۇ دېتال ئارقىلىق كومپيۇتېرڭىزغا باشقىلارنىڭ بارماق دېسكىلارنى چىتىپ ۋىروسىنى يۇقتۇرۇپ ، ياكى ماتېرياللىرىڭىزنى خالىغانچە كۆچۈرۋىلىشتىن ساقلىنالايسىز ، يېقىندا مەلۇم ياخشى نىيەتلىك  دوستىمىز(ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى MSM) بۇ دېتالغا ئۇيغۇچە تېل بولىقى ئىشلەپ ئىگە تەرەپمۇ مۇشۇ بولاقنى قوشۇپ تارقىتىپتۇ .

دېتال ئىسمى:

ئۇيغۇرچە ئاتىلشى :USB ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەش دېتالى

ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى : Ratool

تولۇق ئاتلىشى : Removable Access tool
نەشرى: 1.3
ئىجرا مۇھىتى: winXP/Vista/win7/win8/win8.1
ئىجرا ھالىتى: 32 ۋە 64 بىت
ئىقتىدارى: كومپيۇتېرنىڭ USB ئېغىزىنىڭ ھوقۇقىنى بەلگىلەش، چەكلەش ۋە ئىشلىتىدىغان چاغدا ئېچىپ ئىشلىتىش دېگەندەك.
ئىگە تەرەپ بېتى: http://www.sordum.org/8104/ratool-v1-3-removable-access-tool/
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە كەسمە يۈزى:
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە كەسمە يۈزى: يېشىل دېتال، پىرىستىن يېشىپلا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. دېتالنى ئاچقاندا دەسلەپتە ئىنگلىزچە كۆرۈنىدۇ. تاللانمىلار تىزىملىكىدىن تىل تاللاشنى بېسىپ، ئاستىغىراق قارىساق ئۇيغۇر تىلى بار. شۇنى تاللاپ قويساق بولىدۇ.

ratool1 ratool2

كۆرۈپ تۇرغان تىزىملىكتىن ماس مەشغۇلاتنى تاللاپ «ئۆزگەرتكەننى قوللىنىش» دېگەننى باسساق، USB ئېغىزىنىڭ بىز بەلگىلەپ بەرگەن ھوقۇق ئەسكەرتمىسى ۋە باشقا مەشغۇلات ئەسكەرتمىسى چىقىدۇ.

ratool3

باشقا ھوقۇق بەلگىلەيدىغان مەشغۇلاتلارنى ئەسكەرتمىلەر بويىچە قىلساق بولىدۇ.باشقا ئىقتىدار ۋە تەڭشەكلەرنى ئۆزىمىز خالىغانچە كۆرۈپ باقساق بولىدۇ.

پارول ئۆزگەرتىشكە كىرسەك سۈكۈتتىكى ھالەتتە پارول سېلىنمىغان بولىدۇ. بۇ پارول دېتالنى قوزغاتقاندا كىرگۈزىدىغان پارول، يەنى سىز USB ئېغىزىنىڭ ھوقۇقىنى بەلگىلەپ بولۇپ، باشقا بىرىنىڭ بۇ دېتالنى ئېچىپ USB ئېغىزىنىڭ ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىۋېتىشىنى خالىمىسىڭىز، دېتالغا پارول بېكىتىپ قويسىڭىز قويسىڭىز بولىدۇ. باشقىلار پارولنى بىلمىسە دېتالنى ئاچالمايدۇ.

ratool4 ratool5

 باشقا تاللانمىلارنى ئۆزۈڭلار كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.

ratool6

بۇ يەردىن ھەر خىل USB ئۈسكۈنىلىرىنى ئايرىم چەكلەپ قويغىلى، بارلىق USB ئۈسكۈنىلىرىنىڭ زىيارەت قىلىشىنى رەت قىلغىلى ۋە ئاچقىلى بولىدۇ. يەنە USB ئۈسكۈنىلىرىنىڭ قاچىلىنىشى ۋە ئاپتوماتىك ئىجرا بولۇشىنى چەكلىگىلى بولىدۇ. يەنە چېتىلغان USB ئۈسكۈنىلىرىدىكى يوشۇرۇن ھۆججەتلەرنى كۆرسەتكىلى بولىدۇ.
ھوقۇق بەلگىلەشكە ئازراق چۈشەنچە بېرەي. سۈكۈتتىكى ھالەتتە ئوقۇش ۋە يېزىشقا بولىدۇ. بۇ ئادەتتىكى نورمال ئىشلىتىش ھالىتى شۇ. ئوقۇشقىلا بولىدۇ دېگەنلىك كومپيۇتېرغا چېتىلغان USB ئۈسكۈنىلىرى ئىچىدىكى ھۆججەتلەر نورمال ئىشلەتكىلى ۋە كومپيۇتېرغا كۆچۈرگىلى بولىدۇ. لېكىن كومپيۇتېردىن USB ئۈسكۈنىلىرىگە ھۆججەت كۆچۈرگىلى بولمايدۇ. يەنى ھوقۇقىڭىز يوق دەپ ئەسكەرتىش چىقىدۇ. نورمال ھالەتكە قايتۇرۇش ئۈچۈن دېتالنى قوزغىتىپ ئوقۇش ۋە يېزىشقا بولىدۇ دېگەن ھالەتكە ئەكەلسىڭىز بولىدۇ. USB ساقلىغۇچى ئۈسكۈنىلەرنى چەكلەش دېگەنلىك ھېچقانداق ھوقۇقى يوق دېگەنلىك، USB ئۈسكۈنىلىرىنى چاتسىڭىزمۇ جىمجىت تۇرىدۇ. چەكلەپ قويغىنىڭىزنى بىلمەيدىغان بىرى يا USB ئۈسكۈنەمدىن چاتاق چىقتى ياكى كومپيۇتېرنىڭ USB ئېغىزى چاتاقكەن دەپ ئويلايدۇ.

قالغان جايلىرىنى ئۇيغۇرچە بولغاندىكىن كۆپ چۈشەندۈرمىسەممۇ بولار.
سىغىمى: 428 kb
قوشۇمچە: كومپيۇتېرىڭىزغا يۇنىكود خەت نۇسخىلىرى قاچىلانغان بولسۇن.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
ئىگە تەرەپتىن چۈشۈرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
http://www.sordum.org/8104/ratool-v1-3-removable-access-tool/
مۇشۇ بەتكە كىرىپ ئاستىغىراق سۈرسىڭىز ئۈستىدىكى رەسىمدە كۆرسەتكەندەك download (چۈشۈرۈش) دەپ بىر كۇنۇپكا بار. شۇنى باسسىڭىز چۈشىدۇ.

ratool7

 

يازما مەنبەسى : http://bbs.izdinix.com/thread-63821-1-1.html

بلوگ ئاپتورى:

مەزكۈر يازما 2015-يىلى 05-ئاينىڭ 31-كۈنى تەرىپىدىن « قوراللار» سەھىپىگە يوللانغان. باھا يوللىماقچى بولسىڭىز بۇ يەردىن يوللاڭ. ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئالغان ھەمدە يازما ئادىرىسىنى ئەسكەرىتكەن ئەھۋالدا باشقا يەرگە يوللىسىڭىز بولىدۇ. +يازما ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
يازما ئەسلى ئادىرىسى: USB ئېغىزىنى چەكلەش دېتالى (ئۇيغۇرچە)

سىز قىزىقىدىغان باشقا يازمىلار



3 پارچە ئىنكاس يوللاندى:

  1. ئىمىر مۇنداق يازغان:

    مەن ھەرخىل تەڭشەشنىڭ ھەممىسىنى سىناپ باقتىم.لېكىن كومپىيوتىردىن بارماق دىسكىغا پەقەت ھۆججەت كۈچۈرەلمىدىم،بارماق دىسكىدىكى ھۆججەتلەرنىمۇ ئۈچۈرەلمىدىم.بۇ نىمە ئۈچۈن؟مەن ئەمدى قانداق قىلىمەن؟

    1 - قەۋەت
  2. ئىمىر مۇنداق يازغان:

    مەن ھەرخىل تەڭشەشنىڭ ھەممىسىنى سىناپ باقتىم.لېكىن كومپىيوتىردىن بارماق دىسكىغا پەقەت ھۆججەت كۈچۈرەلمىدىم،بارماق دىسكىدىكى ھۆججەتلەرنىمۇ ئۈچۈرەلمىدىم.بۇ نىمە ئۈچۈن؟مەن ئەمدى قانداق قىلىمەن؟مەن بەك تىت-تىت بۇلۇپ كەتتىم.ماڭا ياردەم قىلغان بولسىڭىز.

    2 - قەۋەت
    • Geek مۇنداق يازغان:

      سىز مۇشۇ دېتالنى ئىشلىتىپ شۇنداق بولۇپ قالدىمۇ ياكى بارماق دېسكىڭىز بۇزۇلۇپ مۇشۇنداق بولۇپ قالدىمۇ ؟

ئىنكاس يوللاش

[باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟]

gravatar

 

رەسىم قىستۇرۇش