سالام كۆپچىلىك ، خىزمەت ئالدىراشلىق تۇپەيلىدىن كۆپچىلىك بىلەن دېدارلاشمىغىلى ئۇزۇن بولۇپتۇ ، يىقىندا دوختۇرخانىغا كىرىپ قىلىش سەۋەبىدىن ،داۋالاشتىن باشقا بىكار ۋقتىمدا ئىچىپ باقمىغىلى ئۇزۇن بولغان بىلوگىمنىى ئىچىپ كۆرۈپ يىڭىلانمىغىىلى خىلى ئۇزۇن بولغانلىقىنى كۆردۈم ، بىلوگنىڭ باشقا ئاپتورلىرى بىلەنمۇ ئۇزۇندىن بۇيان ئالاقە قىلىپ باقماپتىمەن ،مۇشۇ دوختۇرخاندىكى بوش ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ بىلوگقا ئازراق بىر يېڭىلىق قوشاي دەپ تۆۋەندىكى يازمىنى ئىلىپ كەلدىم .
ئىلگېرى بىلوگىمىزدا PC كومپىيۇتېردا Android سېستىمىسىنى تەقلىدلەش توغرىسىدا بىر يازما يوللانغان ئىدى ، شۇ تەقلىدلىگۈچ ئارقىلىق Androidئەپلىرىنى كومپيۇتېردىلا ئىجرا قىلىپ سىناش ئىشلىرىنى ئىلىپ بارغىلى بولاتتى ، يىقىندا سۇمرۇغ خىزمەتخانىسى (ھازىر شىركەت بولۇپ قۇرۇلۇپتۇ) كومپيۇتېرغا قاچىلاشقا بولىدىغان Android نى ئىچكى يادرو قىلغان سۇمرۇغ مەشغۇلات سىستېمىسىنى تارقىتىپتۇ ، بۇ سېستىمىنى ئادەتتىكى PC كومپيۇتېر ، تاختا كومپيۇتېر( بىر تەرەپ قىلغۇچىسى x86 ياكى arm قۇرۇلمىلىق بولۇشى كىرەككەن ) لارغا قاچىلاپ بىمالال ئىشلىتىشكە بولىدىكەن ، (بىزنى ئەڭ خوشال قىلدىغان يېرى ئۇيغۇرچە ماتېرياللار نورمال كۆرۈنىدىكەن )بۇ سېستىمىدا تۇرۇپ apk ئەپلەرنى يانفۇندىكىدەك خالىغانچە قاچىلاپ ، ئىجرا قىلىشقا بولىدىكەن ، قالغان تەپسىلاتلىرىنى رەسىم كۆرگەچ دىيىشەيلى .
ئاۋۋال سېستىمىنى چۈشۈرۈڭ ، بىلوگىمىز ئورگان تور بىتىدىن چۈشۈرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىدۇ . ( ئۇلىنىشتا تەمىنلىگىنىمىز X86 قۇرۇلمىلىق بىر تەرەپ قىلغۇچقا ماس سېستىما ، arm قۇرۇلمىلىق بىر تەرەپ قىلغۇچقا ماس سېستىمىنى باشقا ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈشكە بولىدۇ)
مانا بىر دەمدىلا چۈشۈرۈپ بولدۇق ، بۇ قاچىلاش ھۆججىتىنىڭ چوڭلىقى 386 مىگابايىت چوڭلىقىدا بولۇپ ، قاچىلاش ئۈچۈن چۈشۈرگەن ئىجرا ھۆججىتىنى ئىجرا قىلساق تۆۋەندىكىدەك تاللاش رامكىسى كۆرۈنىدۇ . بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە ئەسكەتىپ ئۆتىمىزكىن ، سۇمرۇغ سېستىمىسىنى بىۋاستىلا قاتتىق دېسكىغا قاچىلاشقىمۇ ۋە ياكى بارماق دېسكىغا قاچىلاپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىمۇ ، قىزىققۇچىلار ئۆزىلىرى تەتقىق قىلىپ باقسا بولىدۇ .
قاتتىق دېسكىغا قاچىلاش تۈرىنى تاللاپ داۋاملاشتۇرساق ، تۆۋەندىكى رامكا چىقىدۇ ، بۇرامكىدىن سۇمرۇغ سېستىمىسىنى قاچىلاقچى بولغان دېسكا رايونىنى تاللاپ قاچىلاش كونۇپكىسىنى باسساق سېستىمىنى ئاپتۇماتىك قاچىلايدۇ .
قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن رامكا ئەسكەرتىش بېرىپ يوقايدۇ ، بۇ ۋاقىتتا بىز كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتساق ، تۆۋەندىكىدەك تاللاش رامكىسى چىقىدۇ ، بۇنىڭدىن بىز PhoenixOS نى بىسىپ يېڭىدىن قاچىلىغان سېستىمىغا كىرسەك بولىدۇ .
بۇ چاغدا يېڭى قاچىلىغان سېستىما قوزغىلىپ بىر قاتار تەڭشەكلەرنى بەلگىلەپ بولغاندىن كىيىن رەسىمى ئىشلەتسەك بولىدۇ .
سۇمرۇغ سېستىمىسى ئۈستەل يۈزى
سېستىما تەڭشىكى
سۇمرۇغ سېستىمىسى باشلام تىزىملىكى
سېستىما خاسلىق ئۇچۇرلىرى
مەن سېناش جەريانىدا ساقلىۋالغان رەسىملەر كۆپ ئىدى ، تېما ئۇزراپ كىتىدىغاندەك قىلىدۇ ، قىزىققۇچىلار تەتقىق قىلىپ باقسا بولىدۇ ، ۋە مۇشۇ تېما ئاستىدا مۇنازىرە ئىلىپ بارساقمۇ بولىدۇ .
- 2012: مونۇ كومپيۇتېر ئۈستىلى ئۆزگىچىدەك قىلامدۇ قانداق ؟(6)
- 2011: ئارزۇيۇمدىكى سۈرئەت ( ئويۇن )(0)
- 2011: ئېسىل ھەم كۆركەم ئۇسلۇبلار(4)
- 2011: خاككېرلار نەزىرىدە Windows 7 ئۇبۇنتۇدىن بېخەتەر(2)
- 2011: windows ئارقىلىق ubuntu نى يېڭىلاش(0)
- 2011: قاتتىق دېسكا رېمۇنىتچىسى(0)
- 2011: linux يادروسىدىن root پارولنى ئوغۇرلاش(0)
ماۋۇ سېستېمىنى سىناپ باقساق بولىدىكەن … ئەگەر بارماق دېسكىدا نورمال قوزغىلالىسا ، ئادەتتە ۋىرۇس ئۆلتۈرىدىغان قورال قىلىۋالساقمۇ بولامدۇ نىمە