رىقابەتچى بىلەن ھايات-ماماتلىق جەڭ قىلىش ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشقانغا يەتمەيدۇ
مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى
ئون بىرىنچى دەرس 7-پارىگىراپ
رىقابەتچى بىلەن ھايات-ماماتلىق جەڭ قىلىش ئۇلار
بىلەن ھەمكارلاشقانغا يەتمەيدۇ
نۇرغۇنلىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، رىقابەتچى دۈشمەنگە ئوخشايدۇ، ئۇلار ئازغىنە مەنپەئەت ئۈچۈن ھايات-ماماتلىق جەڭ قىلىدۇ، ھەمكارلىشىشتىن گەپ ئاچقىلى بولمايدۇ. بىراق بازار كارخانىدىن توختىماستىن يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا، يەر شارىلىشىش بېسىمى بارغانسېرى چوڭىيىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، ئىلگىرى ئۆز-ئارا رىقابەتلەشكەنلەر ئۆز-ئارا زىيان سالمىغان ئاساستا ھەمكارلىق ئورناتسا بولىدۇ.
2006-يىلى، تاۋباۋ ۋە eBay نىڭ جۇڭگودىكى رىقابىتىدە يېڭىش-يېڭىلىش تولۇق ئايرىلمىغان ۋاقىتتا، مۇنداق بىر خەۋەر كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى تارتقان: ياخۇ بىلەن eBay ئىككى تەرەپنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ خەۋەر eBay بىلەن تاۋباۋ تور بېكىتىنىڭ رىقابىتىنى ئۇزۇن مەزگىل كۈزەتكەن كىشىلەرنى تاڭ قالدۇرغان. ئەينى ۋاقىتتا ياخۇ (جۇڭگو) گۇرۇھىنىڭ پېيى پۈتۈنلەي ئالى بابانىڭ قولىدا بولسىمۇ، بىراق ياخۇ بىر مىليارد دوللارلىق باھا بىلەن ئالى بابانىڭ %40 پېيىنى كونترول قىلىۋالغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، بازار ئانالىزچىلىرى ئالى بابا گۇرۇھى قارمىقىدىكى تاۋباۋ بىلەن eBay نىڭ رىقابىتى ياخۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ دەپ قارىغان.
مايۈن بۇنىڭغا نىسبەتەن ياخۇ بىلەن eBay نىڭ ھەمكارلىقى تاۋباۋنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ دەپ كۆرسەتكەن. ياخۇ پەقەت ئالى بابانىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى بولۇپ، ئاخىرقى قارارنى يەنىلا ئالى بابا چىقىراتتى؛ ياخۇ (جۇڭگو) گۇرۇھى ئاللىقاچان مۇستەقىل قانۇنىي ئىگىگە ئايلانغان بولۇپ، ئامېرىكا ياخۇ گۇرۇھى جۇڭگودىكى كەسپلەرگە تەسىر كۆرسىتەلمەيىتتى.
مايۈن ئاشكارىلاپ مۇنداق دېگەن: «ئەمەلىيەتتە مەن ياخۇ بىلەن eBay نىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈردۈم.» ياخۇ بىلەن eBay بىر مەزگىل يېقىنلاشقاندىن كېيىن، مايۈن تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ماسلاشتۇرۇش رولىنى ئوينىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، رىقابەتتە ھەمكارلىق بولۇش كەلگۈسىدىكى ئىنتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشى ئىدى. ئۇنىڭ كەسپداشلىرىغا ئاشكارلىشىچە، گەرچە ئۇ رىقابەتلىشىشنى ياختۇرسىمۇ، رىقابەتلىشىشتىن قورقمىسىمۇ، بىراق بۇ ئۇنىڭ رىقابەتچىسى بىلەن ھەمكارلىشالمايدىغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدىكەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ئامېرىكىدا بۇنداق ئەھۋال كېلىپ چىققاندىن كېيىن، جۇڭگودىمۇ شۇنداق ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» مايۈننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالى بابا بىلەن رىقابەتچىلىرىنىڭ ھەمكارلىشىش مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قاقمايدىكەن، مەسىلەن: تاۋباۋ بىلەن يىچۈ، تاۋباۋ بىلەن بەيدۇ، تاۋباۋ بىلەن گۇگىل قاتارلىقلاردا ھەمكارلىشىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن.
رىقابەتچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق دائىم كارخانىنىڭ مەبلەغ تەننەرخىنى ئازايتىپ، تېخىمۇ كۆپ پايدا يارىتىپ بېرەلەيدۇ. بۇ ئاساسلىقى ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ئارقىلىق مەھسۇلات ئېچىش تەننەرخى ۋە خەتىرىنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىپ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشتا ئىپادىلىنىپلا قالماستىن، يەنە بايلىق ۋە ئادەم كۈچىدىن ئورتاق پايدىلىنىشتا ئىپادىلىنىدۇ. بۇنداقتا ئۇلار ناھايىتى تېز سۈرئەتتە رىقابەت كۈچىگە ئىگە مەھسۇلاتلارنى بازارغا سالالايدۇ ۋە تېخىمۇ چوڭ رىقابەتچىلەر بىلەن رىقابەتلىشەلەيدۇ.
مەسىلەن: GM ئاپتوموبىل شىركىتى بىلەن فورد ئاپتوموبىل گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق، رىلى ۋە سۇڭشيا ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق، دەملېر-چرېسلېر ئاپتوموبىل گۇرۇھى بىلەن GM ئاپتوموبىل شىركىتى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق، GM ئاپتوموبىل شىركىتى بىلەن تويوتا ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق قاتارلىقلار. ئۇلار ئەسلىدە رىقابەتچىلەردىن بولۇپ، ئوتاق پايدا ۋە نىشان ئۈچۈن رىقابەتلىشىشتىن ۋاز كېچىپ، ھەمكارلىشىش يولىنى تاللىغان، ھەمدە يېڭى مەھسۇلاتلارنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ، يېڭى ئىدىيە ۋە تېخنىكىلاردىن بىرلىكتە بەھرلىنىپ، بازارنى ئورتاق ئاچقان...
بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، رىقابەتچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ئۆزىمىز ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان پايدا يارىتىپلا قالماستىن، يەنە پۈتكۈل كەسپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ.
ئەلۋەتتە، بىز ھەرگىزمۇ رىقابەتچىسى بىلەن ھەمكارلىشىش بىر كارخانىنىڭ تۈپكى تەرەققىيات يولى دەپ ئېيتالمايمىز، بىراق ھازىرقى زامان سودا جەمئىيىتىدە كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا ھەم رىقابەت ھەم ھەمكارلىق بولىدۇ، رىقابەت ۋە ھەمكارلىق ھەر بىر كارخانا چوقۇم يۈزلىنىدىغان مەسىلە. پەقەت رىقابەت ۋە ھەمكارلىق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا تونۇپ، ياخشى بىر تەرەپ قىلغاندىلا، ئاندىن توغرا رىقابەت ئېڭى ۋە ھەمكارلىق قارىشى تۇرغۇزغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىقلا بولىدىكەن، ئۇنداقتا بىز چوقۇم يامان غەرەزلىك رىقابەتتىن ۋاز كېچىپ ھەمكارلىق يولىنى تاللىشىمىز كېرەك.
باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بازاردىن ئورتاق پايدىلىنىش ۋە يېڭى كەسىپ تۈرلىرىنى ئېچىش يەككە تىرىشقانغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان. 2010-يىلى، چۇاڭۋېي %10 پېيىنى ئىشلىتىپ LG نىڭ 8.5 تۈرىگە قاتناشقان. بۇ تۈرگە مەبلەغ سېلىش پىلانىغا نىسبەتەن، چۇاڭۋېي گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش لىدىرى ياڭ دۇڭۋېن < پاي قاتناشتۇرۇش ئۇسۇلى مەبلەغ سېلىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن، يەنە بىزنى ئاكتىپ ھالەتكە ئۆتكۈزدى > دەپ ئېيىتقان.
كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، نۇرغۇنلىغان كارخانىلار رىقابەتچىسى بىلەن ھەمكارلىشىشتىن كېلىپ چىقىدىغان پايدىنى تېتىپ بولغان، ھەمدە مايۈننىڭ دېگىنىدەك، رىقابەتچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ئاللىقاچان بۈگۈنكى تەرەققىياتتىكى بىر خىل يۈزلىنىشكە ئايلانغان. چۈنكى كىشىلەر زۆرۈر بولمىغان رىقابەتنىڭ پايدىسىز نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. سودا مەيدانلىرىدىكى كۆرەش كەسكىن بولسىمۇ، ئەممە جەڭ مەيدانىغا ئوخشىمايدۇ، رىقابەتچىنى يىقىتىش جەڭ قىلىشنىڭ ئاخىرقى مەخسىتى، بىراق سودا مەيدانلىرىدىكى ھەمكارلىق ھەمىشە يامان غەرەزلىك رىقابەتتىن ياخشى بولىدۇ.
سودا مەيدانلىرىدا مەڭگۈلۈك رىقابەتچى بولمايدۇ، مەڭگۈلۈك دوستمۇ بولمايدۇ. شۇڭا بىز چوقۇم رىقابەتچىلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە توغرا قارىشىمىز، كارخانىنى رىقابەت ۋە ھەمكارلىق جەريانىدا يۈكسەلدۈرىشىمىز لازىم.
************
مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى
<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى– ئۇيغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى