ئىككى مىليارد يۈەنلىك زۇمرەت
تېڭشۈن تورى 15-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئەنگىلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىرازىلىيەنىڭ بىر ياقۇت كان رايونىدىن قىممىتى 238 مىليون فوندستېرلىڭغا (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 2 مىليارد 61 مىليون يۈەن) يېتىدىغان ئىپتىدائىي ھالەتتىكى زۇمرەت تاشتىن بىرى بايقالغاندىن كېيىن مەخپىي جايغا يوشۇرۇپ ساقلانغان. زۇمرەت تاشنىڭ ئىگىسى ھەر كۈنى گۆرۆگە ئېلىنىش، قاقتى-سوقتى قىلىنىش ياكى بۇلىنىشتىن ئەنسىرەپلا ياشاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇ يەنە بۇ زۇمرەت تاشنىڭ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغانلىقى، ئېغىرلىقى 360 كىلوگرام، ئېگىزلىكى 1.3 مېتىر كېلىدىغانلىقى ئاشكارىلىغان بولۇپ، بۇ تاش ھازىر بىرازىلىيەنىڭ شىمالىدىكى باخىيا قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش رايونىدىكى چوڭقۇرلۇقى 200 مېتىر كېلىدىغان بىر ئورەكتە ساقلىنىۋېتىپتۇ.
ئىسمىنىڭ باش ھەرپىنىڭ FG ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بۇ ئەر دۇنيادا پەقەت باخىيا زۇمرەت تېشى بىلەن مۇشۇنداق تاشنىڭلا زىچلىقىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ: «بۇ تاغ جىنسىغا سۈپىتى ئالاھىدە يۇقىرى زۇمرەت تاشلار تولۇپ كېتىپتۇ. بۇ مەن مۇشۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 30 يىلدىن بۇيان بايقىغان سۈپىتى ئەڭ ياخشى زۇمرەت» دېگەن. مۇتەخەسسىسلەر بۇ تاغ جىنسىدا تەخمىنەن 180 مىڭ كاراتلىق زۇمرەت بارلىقىنى، بازار باھاسىنىڭ 238 مىليون فوندستېرلىڭغا (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 2 مىليارد 61 مىليون يۈەن) يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
FG بۇ تاغ جىنسىنى يۆتكەش ئۈچۈن بىر يۈك ماشىنىسى كېرەك بولسىمۇ، ئەمما بۇلاپ كېتىلىشىدىن ئەنسىرەپ يوشۇرۇپ قويۇشنى لايىق كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان.
بۇ ئەر ھازىرغىچە ياۋروپا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئامېرىكا، ھىندىستان ۋە جۇڭگولۇق خېرىدارلارنىڭ سودىلىشىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغان.
بۇ زۇمرەت بايقالغان ئورۇننىڭ 16 يىل ئىلگىرى باخىيا زۇمرەت تېشى بايقالغان ئورۇن بىلەن بولغان ئارىلىقى ئارانلا 100 مېتىر كېلىدۇ.