خوتەن قاشتىن ئۇيۇلغان سائەت
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى
خوتەن قاش بايلىق مەنبەسى مول بولغان دىيارىمىزنىڭ قاش ئويمىچىلىقىمۇ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ،
ئاشۇ ئۇزۇن تارىخمىزغا ۋارىسلىق قىلىش مەخسىدىدە يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان دىيارىمىزدا خوتەن قاش ئويمىچىلىق ئۇستىلىرى ئارقا-ئارقىدىن يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ . بۇنىڭ بىلەن يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان بۇ تەۋەرۈك كەسپىمىزمۇ ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى قايتىدىن نامايەن قىلىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتىدۇ.خوتەن قاشلىرىنىڭ ئانا ماكانى بولغان كېرىيە ناھىيەسىدىن يىتىشىپ چىققان ئويمىچىلىق ئۇستىسى ھۈسەنجان ئابدۇل ئېزىز ئەنە شۇ تەۋەرۈك كەسپىمىزنى قايتىدىن نامايەن قىلىش ئۈچۈن توختاۋسىز ئەجىر سىڭدۈرۋاتقانلارنىڭ بىرىدۇر .
ھۈسەنجان ئابدۇل ئەزىز 1979-يىلى كېرىيە ناھىيەسىدە تۇغۇلغان . كىچىكىدىن باشلاپلا خوتەن قاش مەدەنىيىتى بىلەن تۇنۇشقان ھۈسەنجان قاش ئويمىچىلىقىغا چۇڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ ،ئۇنىڭ خوتەن قاش ئويمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 10 يىل بولدى . ئۇ ئويمىچىلىققا كىرىشكەن دەسلىپكى مەزگىللەردە ئاددىي بولغان ئۈزۈك ، چاتما بىلەيزۈك ، مارجان ، بولاپكا ... قاتارلىقلارنى ئويغان بولسا ، بىر نەچچە يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ،تەكرار سىناق قىلىش ئارقىلىق ئاخىر قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان خوتەن قاش سائەتنى مۇۋاپىقەيەتلىك ياساپ چىقتى .
بۇ سائەتلەرنىڭ ئىچكى قىسمىغا شىۋىتسارىيەنىڭ سائەت زاپچاسلىرى ئىشلىتىلگەن بولسا ،سىرتقى قىسمىغا ئىنتايىن سىپتا قول ھۈنەر تېخنىكىسى ئارقىلىق خوتەن قاشلىرىنىڭ سەرخىللىرى ئىشلىتىلگەن . بۇ سائەتلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق خوتەن قاشلىرىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان شىپالىق رۇلىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى،توغرا بولغان ۋاقىت قارىشىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى شۇنداقلا سالاپىتىمىزگە يېڭىچە سالاپەت قوشۇش مەخسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ .بىز ھۈسەنجان ئابدۇل ئېزىزنىڭ دىيارىمىز قاش ئويمىچىلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ ئەمەلىي تۆھپىلەرنى قۇشۇشىنى ، ئۆزىگە ئوخشاش ياراملىق ئىز باسارلارنى كۆپلەپ تەربىيلەپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز ۋە ئىشلىرىغا ئامەت تىلەيمىز.
ھۈسەنجان ئۇستام ئويغان قاش سائەت ۋە باشقا قاش ئويمىلار
2015-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى