جۇڭگۇ بەش خىل مېتال بازىرى(جۇڭگۇدىكى چوڭ بازارلار 18)
جۇڭگۇ بەش خىل مېتال بازىرى _________ يوڭكاڭ شەھىرى
永康五金市场 _________ 中国科技五金城
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم يازمىسى
جېجىياڭ ئۆلكىسى جىنخۇا شەھىرىنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك شەھىرى بولغان يوڭكاڭ شەھىرىگە جايلاشقان _____ << جۇڭگۇ بەش خىل مېتال بازىرى >> 1992-يىلى 370 مىليون مەبلەغ سېلىنىپ قۇرۇلغان مىڭ مو چوڭلۇقتىكى جۇڭگۇ شۇنداقلا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ بەش خىل مېتال بازىرىدۇر .
بۇ بازار جۇڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ بەش خىل مېتال بازىرى ؛ جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ يۇلتۇز دەرىجىلىك بازىرى ؛ جېجىياڭ ئۆلكىسىدىكى نۇقتىلىق بازار بولۇپ ، بازاردا 5000 مىڭغا يېقىن تىجارەتچى بار . بازاردا كۈندىلىك سېتىلىدىغان بەش خىل مېتالنىڭ مىقتارى مىڭ توننىدىن ، كۈندە كېلىدىغان خېرىدارنىڭ سانى 20 مىڭدىن ئاشىدۇ.
بازاردا بەش خىل مېتال ، ئۈسكۈنە زاپچاسلىرى ، ماشىنىسازلىق سايمانلىرى ، قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى .......... قاتارلىق تۈرلۈك - تۈمەن بەش خىل مېتاللارنىڭ ھەممىسى تېپىلىدۇ.
بازارنىڭ يىللىق سودا سوممىسى يىلدىن - يىلدىن ئېشىۋاتقان بولۇپ ، 2000 - يىلى يىللىق سودا سوممىسى سەككىز مىلياردىن كۆپرەك بولغان بولسا ، 2007-يىلىغا كەلگەندە 30 مىلياردتا كۆتۈرۈلدى .
بۇ بازارغا كېلىش ئۈچۈن ئاۋۋال پويىزدا جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى خاڭجۇغا كېلىپ ، ئاندىن پويىز ياكى ئاپتۇبۇستا يوڭكاڭغا كەلسىڭىز بولىدۇ .
2015-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى