جۇڭگۇدىكى تىۋىت بازارلىرى(جۇڭگۇدىكى چوڭ بازارلار 34)
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم يازمىسى
1 . چىڭخې تىۋىت بازىرى
خېبېي ئۆلكىسى چىڭخى ناھىيەسى جۇڭگۇنىڭ ئەڭ چوڭ تىۋىت بازىرى بولۇپ ، چىڭخې ناھىيەسى تىۋىتچىلىك كەسپىگە بىر مىليارت مەبلەغ سالغان . خەلقئارادا << جۇڭگۇنىڭ تىۋىت بازىرى >> ، << دۇنيا تىۋىت مەركىزى >> دەپ تەرىپلىنىپ << دۇنيا تىۋىتچىلىكىدە جۇڭگۇغا ، جۇڭگۇ تىۋىتچىلىكىدە چىڭخېغا قاراش كېرەك >> دەيدىغان شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن .
بۇ بازار ھازىر يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2200 توننا تىۋىت يىپ ، بەش مىليون قۇر تىۋىت كىيىم ، بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ مېتىر تىۋىت رەخت ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىگە ئىگە.
چىڭخې ناھىيەسى ھەر يىلى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگە << جۇڭگۇ تىۋىت ساياھەت - مەدەنىيەت بايرىمى >> ئۆتكۈزىدۇ . ناھىيە ئاھالىسىنىڭ 60 % تىۋىتچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن يۈز مىڭدىن ئۇشۇق خېرىدار تىۋىت سودىسى ئۈچۈن چىڭخې ناھىيەسىگە كېلىدۇ .جۇڭگۇنىڭ 70 % تىۋىتىنى ، دۇنيانىڭ 40 % تىۋىتىنى چىڭخې ناھىيەسى تەمىنلەيدۇ .
بازارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 600 مىڭ كۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ << جۇڭگۇ تىۋىت موزىيى >>
چېڭخى ناھىيەسىدە.
ئادرىس : خېبېي ئۆلكىسى چىڭخې ناھىيەسى
地址 : 河北省清河县
2 . خېڭشەنچىياۋ تىۋىت بازىرى
横山桥羊绒城
جىياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭجۇ شەھىرى ۋۇجىن رايۇنى خۇاڭشەنچىياۋ بازىرىغا جايلاشقان << خۇاڭشەنچىياۋ
تىۋىت بازىرى >> ئالتۇن ئۈچ بۇرجەكتىكى ئەڭ چوڭ تىۋىت بازىرى بولۇپ ، چاڭجۇ ئاۋياڭ ئۆي - مۈلۈك شىركىتىنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن قۇرۇلغان . كۆلىمى 120 مىڭ كۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ .
ئادرىس : جىياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭجۇ شەھىرى ۋۇجىن رايۇنى خۇاڭشەنچىياۋ بازىرى
地址 : 江苏省常州市武进区横山桥羊绒城